باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئوبزور

جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھەسىدىكىلەر 18-قۇرۇلتاي دوكىلاتىنىڭ ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى توغرىسىدىكى بايانلىرىنى قىزغىن مۇلاھىزە قىلدى

پارتىيەنىڭ ئارزۇسىغا، خەلقنىڭ رايىغا ئۇيغۇن، دەۋرنىڭ تەلىپىگە ماسلاشقان، تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن

2012.11.11 14:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھەسىدىكىلەر 18-قۇرۇلتاي دوكىلاتىنىڭ ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى توغرىسىدىكى بايانلىرىنى قىزغىن مۇلاھىزە قىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-نۇيابىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى. جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھەسىدىكى زاتلار 18-قۇرۇلتاي دوكىلاتىنى ئۆگەنگەندە مۇنداق دەپ قارىدى: ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى ـــ يېڭى باسقۇچتىكى پارتىيەنىڭ نەزەرىيە جەھەتتىكى يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن، دەۋرنىڭ تەلىپىگە ماسلاشقان، پارتىيەنىڭ ئارزۇسىغا، خەلقنىڭ رايىغا ئۇيغۇن بولۇپ، نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىسلاھات تەرەققىياتىغا قارىتا بىر تۇتاش رەھبەرلىك رولىغا ئىگە، شۇنداقلا جۇڭگونى توغرا يولنى بويلاپ ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكلەيدىغان ئىدىيەۋى بايراق ھېسابلىنىدۇ.

  ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ يېڭى ئورنى پارتىيەنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسىنى بېيىتتى ۋە تەرەققىي قىلدۇردى

  ھەر ساھەدىكى زاتلار مۇنداق دەپ قارىدى: 18-قۇرۇلتاي دوكىلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى ـــ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نەزەرىيەسى سىستېمىسىنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى» دېگەن خۇلاسە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ تارىخىي ئورنى ۋە يېتەكچى ئەھمىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، يېڭى مەزگىلدىكى پارتىيەنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈردى، تېخىمۇ ئېھتىياتچان بولۇشقا ئۈندىدى.

  ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى سوتسىيالىزم قۇرۇلۇش ئىشلىرىدا جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكلىدى

  مۇخبىر زىيارەت قىلغان مۇتەخەسسىسلەر، ئالىملار، كادىر-ئامما مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى ئىسلاھات تەرەققىياتىنى يېڭى تەپەككۈر يولى ۋە يېڭى تەدبىرلەر بىلەن تەمىنلەپ، ئىقتىسادىي، سىياسىي، مەدەنىيلىك، ئىجتىمائىي، ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە سىستېمىلىق يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىنى تارىخىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى باسقۇچىغا قاراپ ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  تۈزۈلمە مېخانىزمىدىكى توسالغۇلارنى تۈگىتىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى كۈچەيتتى

  جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھەسىدىكى زاتلار مۇنداق دەپ قارىدى: ئەمەلىيەت جەريانىدا ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىغا خىلاپ بولغان ھەم ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىغا توسقۇن بولىدىغان يەنە بىر قىسىم ئىدىيە قاراشلار ۋە تۈزۈلمە مېخانىزمى توسالغۇلىرى مەۋجۇت بولىدۇ. پەقەت ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، توسالغۇلارنى تۈگەتكەندىلا، ئاندىن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى بىر تۇتاش پىلانلاشنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

${KEYWORD}