باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئوبزور

يېڭىلىق يارىتىش ئېڭى: دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشنىڭ ئىدىيەۋى موتورى

خەلق گېزىتى مۇخبىرى

2012.11.11 14:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  11-ئاينىڭ 8-كۈنى، يولداش خۇ جىنتاۋ 18-قۇرۇلتاي دوكلاتىدا مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: خەلقنىڭ ئىشەنچى ۋە ھاۋالىسى، يېڭى تارىخىي شارائىت ۋە سىناق ئالدىدا، پۈتۈن پارتىيەدىكىلەر يېڭىلىق يارىتىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇپ، خاتالىقنى تۈزىتىپ، باشتىن-ئاخىر جاسارەتلىك روھىي ھالەتنى ساقلىشى شەرت. بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، ۋەكىللەر «يېڭىلىق يارىتىش ئېڭىنى كۈچەيتىش»نى چۆرىدەپ قىزغىن مۇزاكىرىنى قانات يايدۇردى.

  يېڭىلىق يارىتىش ئېڭى، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشتا ئۇلۇغ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە يېتەكلەيدۇ

  جۇڭگونىڭ ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشى ـــ ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى بىر قېتىملىق ئۇلۇغ يېڭىلىق يارىتىش بولۇپ، ئۇ 1 مىليارد 300 مىليون خەلقنى بېيىپ قۇدرەت تاپقان، دېموكراتىك، مەدەنىيەتلىك، ئىناق سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتكە قاراپ قەدەم تاشلاشقا يېتەكلەيدىغان داغدام يولنى ئاچتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى يول باشلىغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن باشتىن-ئاخىر يېڭىلىق يارىتىش ئېڭى ئارقىلىق ئۆز-ئۆزىگە بېسىم قىلىپ، ئۆز-ئۆزىنى يېڭىلاپ، ئۆز-ئۆزىنى تەنقىد قىلىپ، ئۆز-ئۆزىنى ئۆزگەرتىپ، ئىدىيەنى ئازاد قىلىپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتىن دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشكىچە، ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىزدىنىشتىن ئىلمىي تەرەققىياتنىڭ جاسارەتلىك ئەمەلىيىتىگىچە، سوتسىيالىزم قۇرۇلۇشىدىكى تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە يولدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز قانات يايدۇردى.

  يېڭىلىق يارىتىش ئېڭى، يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات تەرەققىياتىنىڭ بىر تۇتاش پىلانلاش ئېغىر ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان

  مۇتەئەسسىپلىك قىلىش ـــ ئىلگىرىكى نەتىجىلەرنى تۈگىتىدۇ، يېڭى تارىخىي باسقۇچتا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پەقەت جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىسلاھات ئارقىلىق ئۆزىنى كۈچەيتكەندىلا، ئاندىن جۇڭگونى تارىخ ئېقىمىنىڭ دولقۇنلىرىنى كۈتۈۋېلىشقا يېتەكلىيەلەيدۇ. يېڭىلىق يارىتىش ئېڭى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ چوڭقۇر ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى

  ئومۇميۈزلۈك تەڭكەش بولغان ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئىلمىي تەرەققىيات يولىغا مېڭىشتا ئىلگىرىكى سىجىل بولمىغان، تەڭكەش بولمىغان تەرەققىيات لوگىكىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش كېرەك. ئاڭ جەھەتتىكى يېڭىلىق يارىتىش بولمىسا، ھەرىكەت جەھەتتىكى كەسكىنلىك ۋە قەتئىيلىكنىڭ بولۇشى تولىمۇ قىيىن.

  ئۇلۇغ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېتەكلىشى شەرت.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە