باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئوبزور

18-قۇرۇلتاي توغرىسىدىكى شىنخۇا ئوبزورى: « كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمنى بىر قاتلاش» يېڭى نىشانى كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتىدۇ

2012.11.09 16:14         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا تورىنىڭ 8-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگىرامىسى (مۇخبىر : چېن ئېرخۇ ، خې زوڭيۇ) يولداش خۇ جىنتاۋ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىغا بەرگەن دوكلاتىدا 2020–يىلىغىچە شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرچە كىرىمىنى 2010 –يىلىدىكىگە قارغاندا بىر قاتلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەكلىكىنى ئېنىق ئوتتۇرغا قويدى . بۇ كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتىدىغان مىقدارلاشقان كۆرسەتكۇچ پارتىيەمىزنىڭ ئادەمنى ئاساس قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسىنىڭ جانلىق تەسۋىرى بولۇپ ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ كىرىم تەقسىماتى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، ئومۇمىي خەلقنى ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات مېۋىلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ ، تېخىمۇ ئادىل تەڭ بەھرىمەن قىلدۇرۇشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى نامايان قىلدى ، بۇنىڭ ئەھمىيىتى ناھايىتى چوڭقۇر .

  بۇ كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتىدىغان نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش مىليونلىغان ئاممىنىڭ تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ . پارتىيە 16-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى 10-يىلدا مەيلى شەھەر–بازار ئاھالىلىنىڭ ئىلكىدىكى كىرىمى ياكى دېھقانلارنىڭ ساپ كىرىمى بولسۇن ، ھەممىسىدە تېز ئېشىش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى . بۇ ئاساستا پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى شەھەر-يېزا ئاھالىلىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمىنى ئاشۇرۇشنىڭ مىقدارلاشقان كۆرسەتكۈچىنى ئوتتۇرىغا قويدى ، بۇ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش جەھەتتە ئۆزىگە بولغان بېسىمنى ئاشۇرۇشى ھېسابلىنىدۇ .بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش شۈبىھىسىزكى پۇقرالارنىڭ ھەميانىنىڭ تېخىمۇ تومپىيىدىغانلىقىدىن ، تۇرمۇشىنىڭ تېخىمۇ باياشات ، تېخىمۇ سۈپەتلىك بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ .

  بۇ كىشلەر قەلبىنى ئىللىتىدىغان نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنى قوغلىشىشتىن ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنى ئاشۇرۇشقا ئېتىبار بېرىش بىلەن كىرىم تەقسىماتىغا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشكە بولغان ئۆزگىرىشنى گەۋدىلەندۇرىدۇ . بۇ ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا كىرىم تەقسىماتىي تۈزۈمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئىلگىرى سۇرۇشنى تېزلىتىشكە توغرا كېلىدۇ . 18-قۇرۇلتاي دوكلاتىدا ئاھالىلار كىرىمىنىڭ مىللىي دارامەت تەقسىماتى ئىچىدىكى سالمىقىنى ۋە ئەمگەك ئىش ھەققىنىڭ دەسلەپكى تەقسىمات ئىچىدىكى سالمىقىنى ئاشۇرۇشتەك بىر قاتار ماكرولۇق سىياسەت ۋە ئىنچىكە تەدبىرلەر ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى ، بۇ ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئىلگىرى سۇرۇش ئاھالىلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى چوكۇم تۇزۇم كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ .

  بۇ كىشلەر قەلبىنى ئىللىتىدىغان نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش خىزمەتتە تېخىمۇ جاپاغا چىداپ تىرىشىپ ، تېخىمۇ ئىغىر تەرەققىيات ۋەزىپىسىنى ئورۇنداشقا توغرا كېلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ . ئاھالىلانىڭ كىرىمى مەنبەسىز سۇ ئەمەس ، ئۇنىڭ بىلەن ماس ھالدىكى ئىقتسادنىڭ ئىېشىش سۆرئىتى ۋە تەرەققىيات سۈپىتى بولۇشى لازىم . نۆۋەتتە ، ئىقتسادنىڭ مۇقىم ۋە بىر قەدەر تېز تەرەققىي قىلىشىنى ساقلاشتا ۋەزىپە ئىنتايىن جىددى بولۇپ ، بىزنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە سەگەك بولۇپ ، تەرەققىياتنى بوشاشماي چىڭ تۇتۇپ ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۇزۇلمىسىنى مۇكەممەللەشتۇرۈشنى ۋە ئىقتسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ ، ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنى ۋە سۈپەت ئۈنۈمىنى يوقىرى كۆتۇرۇشنى كۈچەپ ئىشقا ئاشۇرۇپ ، «تەرەققىيات تورتى» نى ئۆزلىكسىز ھالدا چوڭ ھەم ياخشى ياساپ ، پۇقرالارنى تەرەققىيات نەتىجىسىدىن تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل بەھرىمەن قىلىش ئۈچۈن مۇستەھكەم ماددىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ .

  تەرجىمە قىلغۇچى: مۇسا ئەخمەت

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە