باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئوبزور

خەلق گېزىتى «جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەيلى» ماۋزۇلۇق باش ماقالە ئېلان قىلدى

2012.11.09 10:02        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق گېزىتى 8-نويابىر «جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەيلى ــ جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ 18-قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز » ماۋزۇلۇق باش ماقالا ئېلان قىلدى.

  باش ماقالىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ئومۇميۈزلۈك ھالىلىق جەمئىيەت بەرپا قىلىۋاتقان ئاچقۇچلۇق پەيتتە ۋە ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش چوڭقۇرلاشتۇرۇلىۋاتقان ، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات شەكلىدە ئۆزگىرىش ياساش تېزلىتىلىۋاتقان ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش پەيتىدە ئېچىلغان بىر قېتىملىق ناھايىتى مۇھىم يىغىن. يىغىندا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقى ئېگىز كۆتۈرۈلۈپ ، دىڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى ۋە «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى چوڭقۇر ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئىدىيەنى ئازاد قىلىپ، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزم يولىدا قەتئىي ئېغىشماستىن مېڭىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىنىدۇ. 18-قۇرۇلتاينى ياخشى ئېچىش ، پارتىيەمىزنىڭ ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ئۇلارنى باشلاپ داۋاملىق ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىپ ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلىتىپ ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئېچىپ، زور ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ .

  باش ماقالىدا مۇنۇلار تەكىتلەندى : تارىخ جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ يۆلەنچۈكى ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مۇستەھكەم تۈۋرۈكى ، بارلىق قىيىنچىلىق ۋە مۈشكۈلاتلارنى يېڭىدىغان قۇدرەتلىك رەھبەرلىك يادروسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى . جۇڭگونىڭ ئىشلىرىنى ياخشى قىلىپ، زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ ، خەلققە بەخىت يارىتىش ، مىللەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە. 80 مىليون پارتىيە ئەزاسى ۋە 1 مىليارد 300 مىليون خەلقنىڭ ئارزۇسى ۋە مۇھىم تاپشۇرۇقىنى زىممىسىگە ئالغان، پۈتۈن مەملىكەتلىك ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 2200 دىن ئارتۇق ۋەكىل ، يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى نەزەرگە ئېلىپ، دېموكراتىيەنى نۇرلاندۇرۇپ ، كەڭ-كۇشادە سۆزلىشىپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنى بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان يىغىن قىلىپ ئاچالايدۇ ھەمدە ئۇ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ شانلىق تارىخى سەھىپىسىگە يېزىلىدۇ .

  مەنبە : جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە