باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئوبزور

خەلقنىڭ كۈتۈشىدە غايەت زور كۈچ ساقلانماقتا

2012.11.09 10:00         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا تورىنىڭ 7-نۇيابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگىراممىسى (مۇخبىر لۇ يۇڭجيەن) ، بىر مەيدان قار بېيجىڭنىڭ ھاۋاسىنى ساپلاشتۇردى ، چوڭ-كىچىك كوچىلاردىكى ئالدىراش يۈرگەن كىشىلەر بىر تارىخى پەيتنى كۈتمەكتە .

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ئېلىمىز خەلقىنىڭ قەلبىگە تەسىر كۆرسەتمەكتە . چۈنكى ، مەيلى سايلام ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپى ، ياكى قۇرۇلتايدىكى تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلارنىڭ ھەممىسى ھەر بىر ئادەم بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك . خۇسۇسىي كارخانىچىلار بازار مۇھىتىنىڭ تېخىمۇ ئادىل بولۇشىنى كۈتىدۇ ، قانۇن خىزمەتچىلىرى قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشىدا يېڭى تەدبىرلەرنىڭ بولۇشىنى ، مائارىپ ساھەسىدىكىلەر مائارىپنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ۋە مائارىپ ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ، ئادەتتىكى پۇقرالار تېخىمۇ كۆپ خەلق تۇرمۇشى پاراۋانلىقىنىڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ...... كۆپ مەنبەلىك تەلەپ ، كۆپ خىل كۈتۈشلەر ئېلىمىز خەلقىنىڭ 18-قۇرۇلتايغا بولغان قىزغىن ئۈمىدىنى بارلىققا كەلتۈردى .

  ئادەتتىكى كىشىلەر بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىنتايىن مول مەزمۇنلارنى پۈتۈنلەي چۈشۈنەلمەسلىكى مۇمكىن . لېكىن ئۇلار ئۇنىڭ ئىچىدىن ئۆزلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان بايانلارنى كۆڭۈل قويۇپ ئىزدەيدۇ . دەل يۈز مىليونلىغان خەلق ئاممىسىنىڭ بۇ كۈتۈشلىرى ، گۈزەل كەلگۈسىگە قارىتا بوشاشماي ئىنتىلىشلىرى يىغىلىپ ، جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ ئىلگىرلىشىدىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى شەكىللەندۈردى .

  كىشىلەر ئالاقە تورىدا ھەر خىل ئۇچۇرلارنى تارقاتماقتا ، لېكىن كۆڭۈل بولىدىغىنى يەنىلا ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى تېزلىتىش ، ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا كاپالەتلىك قىلىپ ، ئادىل ، ھەققانىي تىرەك بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش . بۇ يەردە خوشاللىق بار ، تەشۋىشمۇ بار ، ئاقىلانىلىك بىلەن ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشمۇ بار ، مەتبۇئات يۈزىدىكى چوڭقۇر بايانلارمۇ بار . تۈز كۆڭۈللۈك ، كۆپ مەنبەلىك ئىپادىلەشلەر جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيلىكى بىلەن ئالغا ئىلگىرلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ .

  كۈتۈش بىر خىل ئىشەنچ . كىشىلەر پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ جۇڭگونىڭ ئىتتىپاقلىشىپ تىرىشىپ ئىلگىرلىشىنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى ئىكەنلىكىگە ، 1 مىليارد 300 مىليون جۇڭگو خەلقىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى بويلاپ ، جاسارەت بىلەن ئالغا باسىدىغانلىقىغا ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ جۇڭگونى يېتەكلەپ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بۈيۈك گۈللىنىشىنى ئۆز قەرەلىدە ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدۇ .

  ھەر بىر خىل سەمىمىيەتلىك بىلەن كۈتۈشنىڭ ھەممىسى بىر خىل ئىشەنچ . كىشىلەر پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ جۇڭگونىڭ ئىتتىپاقلىشىپ تىرىشىپ ئىلگىرىلىشىنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى بولىدىغانلىقىغا ، 1 مىليارد 300 مىليون جۇڭگو خەلقىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى بويلاپ داۋاملىق ئالغا باسىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدۇ . دېمكراتىك سايلاش ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ ئىلمىي تەرەققىياتتىن ئىبارەت ئاساسىي تېمىنى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىش ئاساسىي لىنىيەسىنى چىڭ تۇتۇپ ، جۇڭگونى يېتەكلەپ ئىلمىي نەزەرىيەنى تەرەققىي قىلىش ۋە ئىلگىرلەشنىڭ قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇپ ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بۈيۈك گۈللىنىشىنى ئۆز قەرەلىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدۇ .

  ھەر بىر كۈتۈشنىڭ ئۆزى بىر خىل ئىشتىراك قىلىشتىن ئىبارەت . كۈتۈشتە ئالغا ئىلگىرلەشتىكى غايەت زور كۈچ ساقلانماقتا، كۈتۈش خەلق قەلبىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئۇيۇشۇشىدىن دېرەك بېرىدۇ . بىز بۈگۈنكى كۈندە پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىغا زور ئۈمىد باغلىساق ، ئەتە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بۈيۈك گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ يېڭى نەتىجىسىگە چوقۇم ئىگە بولىمىز.(تەرجىمە قىلغۇچى: مۇسا ئەخمەت)

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە