باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئوبزور

«خەلقنىڭ ئۈمىدىگە غايەت كۈچ مۇجەسسەملەنگەن» ناملىق ئوبزور

2012.11.08 16:02        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  18-قۇرۇلتاي ئېچىلغان پەيتتە، شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئوبزور ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ قەلبىنى مۇجەسسەملىدى. چۈنكى مەيلى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركەز رەھبەرلىك كوللېكتىپى بولسۇن، مەيلى قۇرۇلتايدىكى تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرۇشلار بولسۇن، ھەممىسى ھەر بىر ئادەم بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. پۇقراۋى كارخانىچىلار بازار مۇھىتىنىڭ تېخىمۇ ئادىل بولۇشىنى، قانۇن خىزمەتچىلىرى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى تەدبىرلىرى بولۇشىنى، مائارىپچىلار مائارىپنى تېز راۋاجلاندۇرۇپ، مائارىپ ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى، ئاددىي پۇقرالار تېخىمۇ كۆپ خەلق تۇرمۇشى پاراۋانلىقىنىڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلماقتا. كۆپ تەرەپنىڭ تەلىپى، ھەر خىل ئۈمىدلەر پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ 18-قۇرۇلتايغا بولغان قىزغىنلىقىنى ئىپادىلىدى. ئوبزوردا مۇنداق دېيىلىدۇ: ھەر بىر ھەقىقىي ئۈمىد-بىر خىل ئىشىنىش. كىشىلەر پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ جۇڭگونى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ئالغا باسىدىغان يېڭى باشلىنىش بولۇپ، بىر مىليارد 300 مىليون جۇڭگو خەلقىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى بويلاپ داۋاملىق ئالغا باسىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدۇ. دېموكراتىك سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدىغان يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركەز رەھبەرلىك كوللېكتىپى ئىلمىي تەرەققىياتنىڭ باش تېمىسىنى چىڭ تۇتۇش، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات ئۇسۇلىدا تېزدىن بۇرۇلۇش ياساشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، جۇڭگونى ئىلىم-پەن نەزەرىيەسىنى تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىشقا يېتەكلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنى ئۆز قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلغۇسى.

  مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە