باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئوبزور

زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدىكى ھالقىلىق بۆسۈش(1)

‐‐ 16-قۇرۇلتايدىن 18-قۇرۇلتايغىچە(2)

2012.11.07 14:30        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شۈبھىسىزكى، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات تىپىدىكى تارىخىي ئۆزگىرىش دۇنيادا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. نوپۇسى ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، ياپونىيە، روسىيە نوپۇسىنىڭ يىغىندىسىدىنمۇ كۆپ بولغان بىر دۆلەتتە، تارىختا ئاز كۆرۈلىدىغان ئېغىر ۋەزىپە، ئاز كۆرۈلىدىغان مۇرەككەپ زىددىيەت-مەسىلىلەر، ئاز كۆرۈلىدىغان قىيىنچىلىق ۋە خەۋپ-خەتەر ئالدىدا، چوڭقۇر تەسىرگە ئىگە سانائەت ئىنقىلابى، تېخنىكا ئىنقىلابى، ئىجتىمائىي ئىنقىلاب ئېلىپ بېرىپ، ئۇزاققا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىقتىساد تىپىنى ئۆزگەرتىش، جەمئىيەتنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش ۋە تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق بىر قاتار ئىشلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ، دۆلەتنىڭ مۇقىملىقىنى باشتىن-ئاخىر ساقلاپ، كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك خېيىم-خەتەر ۋە سىناقلارغا بىمالال تاقابىل تۇرۇش ‐‐ دۇنيانىڭ ھازىرقى زامان تارىخىدىكى مىسلىسىز بىر ئىشتۇر.

  يولداش خۇ جىنتاۋنىڭ مۇھىم ھۆكۈمى ‐‐ ماركسىزملىق پارتىيەنىڭ تەرەققىيات ئېتىكىسىنى چوڭقۇر ئىگىلىگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. «ھەققانىيەتنىڭ ئېشىشى» ‐‐ ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ مۇھىم تېمىسى بولۇپلا قالماستىن، سوتسىيالىزمنىڭمۇ نېگىزىدۇر. سوتسىيالىزمنىڭ ماھىيىتى ئومۇمىي خەلق ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق بەھرىمان بولۇش ئاساسىدىلا تولۇق نامايان بولىدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە