باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئوبزور

ئىلمىي تەرەققىياتنى ئەمەلىيەتتە يولغا قويۇپ، تۈپ كۆرسەتكۈچنى ئىگىلەيلى

ئۆگىنىشچان پارتىيە تەشكىلى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدە

2012.08.28 14:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نەزەرىيەدىن پايدىلىنىپ ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىشقا ماھىر بولۇپ، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئورتاق تونۇشنى ئۇيۇشتۇرۇش پارتىيەمىزنىڭ ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى مۇھىم تەجرىبىسىدۇر. ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك نەزەرىيە سىستېمىسىنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى، ئۆگىنشچان پارتىيە تەشكىلى قۇرۇش دولقۇنىدا، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئۇنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنى ئۆگىنشچان پارتىيە تەشكىلى قۇرۇشتىكى مۇھىم ۋەزىپە قىلىشىمىز، كەڭ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ھېسىيات جەھەتتىكى سەمىمىي تونۇشى، سىياسىي جەھەتتىكى مۇستەھكەم ئېتىقادىنىڭ كېڭىيىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتتە ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئاڭلىق تەتبىقلاپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارشىنى ئىلمىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇستەھكەم ئىرادە ۋە ئاڭلىق ھەرىكەتكە ھەقىقىي تۈردە ئۆزگەرتىشىمىز لازىم.

  ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى ماركىسسىزمنىڭ تەرەققىيات توغرىسدىكى دۇنيا قارىشى ۋە مېتودولوگىيەسىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى، ھەم ماركىسىزم-لېنىنىزم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى ۋە «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى بىلەن يىلتىزداش ھەم دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان ئىلمىي نەزەرىيە. ئىلمىي تەرەققىياتتا بىرىنچى ئامىل ــــ تەرەققىيات، يادرو ــــ ئادەمنى ئاساس قىلىش، ئاساسىي تەلەپ ــــ سىجىل تەرەققىياتنى ئەتراپلىق تەڭشەش، تۈپ ئۇسۇل ــــ بىر تۇتاش پىلانلاشتىن ئىبارەت. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى پەقەت تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارشىنىڭ تارىخىي ئورنىنى، دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشى، ئىلمىي مەزمۇنى، مەنىۋى ماھىيىتى ۋە تۈپ تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلىگەندىلا ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىغا بولغان تونۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرغىلى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگىچە قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىل ئومۇملاشتۇرغىلى بولىدۇ.(جۇڭگو مىللەتلەر تىل-يېزىق تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە