باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئوبزور

ۋەزىيەتنى توغرا تونۇپ، تەرەققىيات ئىشەنچىمىزنى چىڭىتايلى

نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا (1)

2012.08.24 14:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

  ئىقتىسادنى مۇقىملىق ئىچىدە راۋاجلاندۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، دۆلىتىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىنى تولۇق توغرا تونۇش شەرت. بۇ تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ۋەزىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، نۆۋەتتىكى ۋە كېيىنكى قەدەمدىكى ئىقتىسادىي خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئاساسى.

  ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ئاستا ئەمما مۇقىم بولماقتا، يازلىق ئاشلىق-مايدىن يەنە مول ھوسۇل ئېلىندى، مال باھاسىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتى يەنىمۇ تۆۋەنلىدى، يېڭى ئىش ئورۇنلىرى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە... يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان خەلقئارا سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋەزىيەتتە، «GDPنىڭ ئېشىش نىسبىتىنىڭ زور ھەجىمدە تۆۋەنلىشى» ھەققىدىكى ئەندىشىلەر كۆپىيىۋاتقان ئەھۋالدا، دۆلىتىمىز ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، تېزرەك ئېشىش ھالىتىنى، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلىدى. بۇ دۇنيادىكى نۇرغۇن ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ ئىقتىسادى سىجىل تۆۋەنلەۋاتقان، ئىشسىزلىق ئەھۋالى تېخىچە ياخشىلانمايۋاتقان ئەھۋالى بىلەن روشەن سېلىشتۇرما ھاسىل قىلدى. ياخشى نەتىجىلەر ئاسان قولغا كەلگەن ئەمەس، بۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئىلمىي ھۆكۈمى، توغرا سىياسەت-تەدبىرلىرىنىڭ نەتىجىسى، مەملىكىتىمىز خەلقىنىڭ بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئورتاق كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، شۇنداقلا ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنىڭ يەنىمۇ ئۆسكەنلىكىنىڭ نەتىجىسى. بۇ مەركەزنىڭ ئىلمىي تەرەققىياتنى باش تېما، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلى تېز ئۆزگەرتىشنى لىنىيە قىلىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، مۇقىم ئاشۇرۇشنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، سۈرئەت، قۇرۇلما ۋە مال باھاسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، ماكرولۇق تەڭشەش-تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش ھەققىدىكى فاڭجېن-سىياسەتلىرىنىڭ توغرا، دەل ۋاقتىدا ۋە ئۈنۈملۈك بولغانلىقىنى تولۇق چۈشەندۈرىدۇ.

  نۆۋەتتە، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتى يەنىلا ناھايىتى كەسكىن بولماقتا. خەلقئارادىن قارىغاندا، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىق تەسىرى تېخى بېسىقمىدى، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشى مۇرەككەپلىك ۋە ئەگرى-توقايلىققا پېتىپ قالدى، زەئىپلەشكەن بازار ئىشەنچىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئاسانغا توختىمايدۇ، بۇلار خەلقئارا تاشقى پېرېۋوت، ئاكسىيە ۋە تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تاۋارلار قاتارلىق بازارلارنىڭ داۋاملىق داۋالغۇشىنى، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تۆۋەنلەش ئەھۋالىنىڭ يەنە بىر مەزگىل داۋاملىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دۆلەت ئىچىدىن قارىغاندا، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىق ئاساسى تېخىمۇ مۇستەھكەم ئەمەس، ئۈنۈملۈك ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ئاز بولمىغان چەكلىمىلىك ئامىللارغا دۇچ كەلمەكتە، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش-تىجارىتىدە قىيىنچىلىق زور بولماقتا، قۇرۇلمىنى تەڭشەش ۋەزىپىسى ناھايىتى ئېغىر، بۇ يىل يېزا ئىگىلىكىدىن ئومۇميۈزلۈك مول ھوسۇل ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئېنىقسىز ئامىللار ساقلانماقتا، ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى يەنىلا بىر قەدەر زور.بۇنىڭ ئۈچۈن، بىز ھەم كۈلپەت ئېڭىمىزنى كۈچەيتىپ، قىيىنچلىق ۋە خەۋپ-خەتەرگە يۈكسەك ئەھمىيەت بىلەن قارىشىمىز، ھەم مەسئۇلىيەت ئېڭىمىزنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك پايدىلىق شارائىتلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ئىشەنچىمىز ۋە ئىرادىمىزنى چىڭىتىشىمىز كېرەك.(جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە