باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئوبزور

پارتىيە 16-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى 10يىل

2012.08.15 16:15        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 15-ئاۋغۇست بېيجىڭ خەۋىرى: 16-ئاۋغۇست چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ بۇ يىللىق 16-سانىدا چيۇ شى نامىدىكى «شانلىق نەتىجە ۋە تارىخىي تەرەققىيات- پارتىيە 16-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى 10يىل» ماۋزۇلۇق ماقالە ئېلان قىلىنىدۇ.

  ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: پارتىيە 16-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى 10 يىل، خەلق ئىگىلىكى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلغان، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى زور كۆلەمدە ئاشقان، ئىقتىساددا ھالقىما تەرەققىيات ئىشقا ئاشقان مەزگىل بولدى؛ دېموكراتىيە، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلغان، كىشىلەرنىڭ قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدىغان ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكى كۈندىن-كۈنگە كۆپەيگەن، پارتىيە ۋە ھەرمىللەت ئاممىسىنىڭ ئىجادكارلىقى، ئاكتىپچانلىقى، تەشەببۇسكارلىقى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇلۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشى ئەڭ جانلانغان مەزگىل بولدى؛ مەدەنىيەت ئىسلاھاتى تەرەققىياتى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سۈرۈلگەن، خەلق تېخىمۇ مول مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىدىن بەھرىمەن بولغان، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت مىسلىسىز تەرەققىياتقا ئېرىشكەن مەزگىل بولدى؛ ئىجتىمائىي ئىشلار ھەرتەرەپلىمە تەرەققىي قىلغان، خەلق تۇرمۇشىنى ئەڭ باشقا قويۇشتەك تەرەققىيات ئىدىيەسى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان، خەلق تۇرمۇشى كۆرۈنەرلىك ياخشىلانغان مەزگىل بولدى؛ چوڭ ئىشلارنى ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزگەن، جىددىي ئىش، قىيىن ئىشلارغا سالماقلىق بىلەن تاقابىل تۇرۇپ، سىناقلارغا قايتا-قايتا بەرداشلىق بېرىپ، جۇڭگونىڭ ئۈستۈنلىكى خەلقئارا سېلىشتۇرمىدا مەركەزلىك ئىپادىلەنگەن مەزگىل بولدى؛ جۇڭگونىڭ تەرەققىيات نەتىجىسىگە پۈتۈن دۇنيا كۆز تىككەن، تەرەققىيات يولىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى ئاشقان، دۇنيا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە تارىخىي ئۆزگىرىشلەر بولغان، خەلقئارادىكى ئورنى ۋە تەسىر كۈچى كۆرۈنەرلىك ئاشقان مەزگىل بولدى؛ پارتىيە قۇرۇلۇشى دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىگەن، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى يەنىمۇ نامايان بولغان، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى تارىخىي ئىلگىرلەشلەرگە ئېرىشكەن مەزگىل بولدى.

  ماقالىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: شانلىق نەتىجە ۋە تارىخىي تەرەققىياتنى ئەسلەپ، تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت ۋە رىقابەتكە تولغان ئالغا ئىلگىرلەش يولىغا نەزەر تاشلايدىغان بولساق، بىز تېخىمۇ ئىشەنچكە تولىمىز؛ پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرساق ۋە تەرەققىي قىلدۇرساق، ئىدىيەنى ئازاد قىلىپ، ئىسلاھات ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، قىيىنچىلىقلارنى يەڭسەك، چوقۇم 2020-يىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش، بۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشتەك ئۇلۇغۋار نىشاننى ئىشقا ئاشۇرالايمىز. باش شۇجى خۇجىنتاۋ باشچىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەتراپىدا زىچ ئۇيۇشۇپ، ئەلا نەتىجىلەر پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالايلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە