باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئوبزور

ئىلمىي تەرەققىيات، شانلىق نەتىجە (پۇقراۋى ئىگىلىك توغرىسىدا)

2012.08.15 16:14        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 14-ئاۋغۇست بېيجىڭ خەۋىرى: ئالدىنقى ھەپتە ئېلان قىلىنغان دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يەتتە ئېيىدا ئېلىمىزنىڭ ئەلئارا مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى بىر تىرىليون 140مىليارد يۈەن بولۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ مۇقىم مۈلۈككە سالغان مەبلىغىنىڭ %62.1نى ئىگىلىگەن. بۇ دۇنيادىكى 2-چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولغان ئېلىمىزدە پۇقراۋى ئىگىلىكىنىڭ داۋاملىق زور نىسبەتنى ساقلاۋاتقانلىقى ھەمدە نۆۋەتتىكى مەبلەغنىڭ ئېشىشىنى قوللايدىغان مۇھىم تېرەككە ئايلانغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

  30 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئىسلاھات ئېچىۋېتىش شامىلىنىڭ تۈرتكىسىدە پۇقراۋى ئىگىلىك يوقلىقتىن بارلىققا كېلىش، كىچىكلىكتىن زورىيىش، ئاجىزلىقتىن كۈچىيىشتەك تېز تەرەققىي قىلىش تەرەققىيات تارىخىنى باشتىن كەچۈردى. خۇاۋىي، جۇڭشىڭ، ليەنشياڭ، جىلى قاتارلىق كارخانىلار پۇقراۋى ئىگىلىكىنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىلىگە ئايلاندى.

  نۆۋەتتە خۇاۋىي، جۇڭشىڭ، ليەنشياڭ، ۋەنشىياڭ، BYD قاتارلىق پۇقراۋى كارخانىلار مۇستەقىل بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقىغا، مۇستەقىل ماركىغا ۋە بىر قەدەر كۈچلۈك خەلقئارا رىقابەت ئىقتىدارىغا ئىگە دۆلەت ھالقىغان كارخانىغا ئايلاندى، ئېلىمىز ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇھىم تۈرۈكلۈك كۈچ ۋە ھاياتى كۈچ مەنبىيگە ئايلىنىپلا قالماستىن، ئېلىمىزنىڭ رىقابەت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، ياخشى دۆلەت ئوبرازى تىكلەشتە ئىجابىي رول ئوينىماقتا.

  خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئېلىمىزنىڭ ئەلئىچى سېلىنمىسى ياۋروپا ئامېرىكىدىكى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرگە تېخىمۇ كۆپلەپ كىردى. جىلى ئاپتوموبىلى ۋولۋونى، خۇاۋېي ئامېرىكا شىركىتىنى سېتىۋېلىش قاتارلىق بىر قانچە قوشۇۋېلىش ھەرىكەتلىرى مەملىكەت ئىچى ۋە چەتئەلنىڭ كەڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

  بۇ يىل 5-مارت، دۇنيا بىلىم مۈلۈك ھوقۇق تەشكىلاتى 2011-يىللىق دۇنيا پاتېنت ئىلتىماسى ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى، جۇڭشېن خەۋەرلىشىشى 2826 پارچە پاتېنت ھوقۇقى بىلەن ياپونىيەنىڭ پاناسۇنېكتىن ئېشىپ، يەر شارى كارخانىلىرىنىڭ خەلقئارا پاتېنت ئىلتىماسىدا 1-ئورۇننى ئىگىلىدى.

  1985-يىلى شېنجېن شەھەرلىك جۇڭشىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ چەكلىك شىركىتى قۇرۇلۇپ ھازىرغىچە 140 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندىكى تېلېگراف تىجارىتى سودىگەرلىرىنى يېڭىلىق يارىتىش تېخنىكىسى ۋە مەھسۇتلارنى ھەل قىلىش لايىھەسى بىلەن تەمىنلەپ، جۇڭگودىكى پېيى بازارغا سېلىنغان ئەڭ چوڭ خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىسى شىركىتىگە ئايلاندى، جۇڭشىن خەۋەرلىشىشى پۇقراۋىي كارخانىلار تەرەققىياتىنىڭ قۇدرەت تېپىشىدىكى شانلىق يولنى ياراتتى.

  جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتى ئىقتىساد ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ جىنبىڭ مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: پۇقراۋى كارخانىلار ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، بازارنى گۈللەندۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنىڭ كۆپ خىل ئېھتىياجىنى قاندۇردى. پۇقراۋى كارخانىلار خەلق ئىگىلىكىگە كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ۋە ھاياتى كۈچ قوشۇپ، ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتتىكى كەم بولسا بولمايدىغان تۈرتكىلىك كۈچكە ئايلاندى.

  مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە