باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئوبزور

ئىلمىي تەرەققىيات، شانلىق نەتىجە

2012.08.14 16:34        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-ئاۋغۇست بېيجىڭ خەۋىرى: پارتىيە 16-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئون يىل، جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيەسى خىرىسقا تاقابىل تۇرغان، مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن ئون يىل بولدى. بۇ ئون يىلدا، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو دىپلوماتىيەسى ئادەمنى ئاساس قىلىپ، پۇقرالارنىڭ ھوقۇق -مەنپەئەتىنى قوغداپ، ھەم بوران چاچقۇنلۇقلارغا تاقابىل تۇرالىدى ھەم ئۈنتىنسىز غەمخورلۇق ياغدۇردى. جاپادا قالغانلارغا ياردەم قولىنى سۇنۇشى، يولغا قويغان تۈرلۈك ئەمەلىي تەدبىرلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە تارىخىدا شانلىق بەتلەرنى قالدۇردى. شۇنداقلا ھەربىر پۇقرارنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر ئۇيۇلدى.

  2011-يىلى 2-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، لىۋىيەدىكى نەچچە شەھەردە كەڭ كۆلەمدە نامايىش پارتلىدى، ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلىشىشكە ئەگىشىپ، لىۋىيەدىكى نەچچە ئون مىڭ جۇڭگو پۇقراسى خەتەردە قالدى.

  پارتىيە مەركىزى كومىتېتى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى لىۋىيەدىكى جۇڭگولۇق پۇقرالارغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى، باش شۇجى خۇ جىنتاۋ، باش مىنىستىر ۋىن جياباۋ مۇھىم كۆرسەتمە ۋە يوليورۇق چۈشۈرۈپ، ئالاقىدار تەرەپلەردىن دەرھال ئەمەلىي ۋە ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، لىۋىيەدىكى جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ ھاياتىي ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  دېڭىز ، قۇرۇقلۇق، ھاۋا ئارمىيەلىرىنىڭ بىردەك ماسلىشىشى، مىڭغا يېقىن دىپلوماتنىڭ ئارىلىشىشى، ھەرقايسى تارماقلارنىڭ ھەمكارلىشىشى ئاستىدا، جۇڭگو ھۆكۈمىتى كەسكىن ۋەزىيەتتىكى لىۋىيەدىن 35مىڭ 860 پۇقراسىنى قايتۇرۇپ چىقتى، بۇ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى چەتئەلدىن ئەڭ زور كۆلەمدە، تەشكىللىك ھالدا جۇڭگو پۇقرالىرىنى قايتۇرۇپ كېلىش ھەرىكىتى ھېسابلىنىدۇ.

  ئون يىلدىن بۇيان، چەتئەلدىكى جۇڭگو پۇقرالىرى خەتەردە قالغان ۋاقىتتا، ۋەتەن ئۇلارغا دائىم ئەڭ بالدۇر ياردەم قولىنى سۇنۇپ، ئۇلارنى خاتىرجەم قىلدى.

  نۆۋەتتە، دۇنيا كۆز تىككەن لوندون ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئاز قالدى، بۇ ئون نەچچە كۈندە، لوندوندا مۇسابىقە كۆرۈۋاتقان، ساياھەت قىلىۋاتقان جۇڭگو پۇقرالىرى كۆپ قېتىم شۇ يەردە تۇرۇشلۇق جۇڭگو ئەلچىخانىسىنىڭ بىخەتەرلىك ئاگاھلاندۇرۇشى ۋە ھال سوراش ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇۋالدى.

  2007-يىلىدىن ھازىرغىچە، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بىلەن ئالاقىدار ئورۇنلار 160مىڭدىن ئارتۇق ئەلچىخانىدىن ياردەم تەلەپ قىلىش دېلوسىنى قوبۇل قىلغان ۋە بىر تەرەپ قىلغان، بۇنىڭغا چېتىشلىق ئادەم سانى بىر مىليون ئادەم قېتىمغا يەتتى.

  سانلىق مەلۇماتلاردىن ئايان بولۇشىچە، 2011-يىلى ئېلىمىزدىن چەتئەلگە ساياھەتكە چىققانلارنىڭ سانى مىليون ئادەم قېتىمغا يېتىپ ، ئون يىلدا 5ھەسسىگە يېقىن ئاشقان. تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو پۇقرالىرى چەتئەللەرگە چىقىشقا باشلىغان، جۇڭگونىڭ كونسۇل قوغداش خىزمىتىمۇ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ ، يېڭى نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن.

  2006-يىلى 5-ئايدا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى كونسۇل مەھكىمىسى كونسۇل قوغداش باشقارمىسى تەسىس قىلغان. ئىككىنچى يىلى 8-ئايدا، كونسۇل قوغداش باشقارمىسىنىڭ دەرىجىسى كونسۇل قوغداش مەركىزىگە ئۆستۈرۈلگەن. بۇ ئېلىمىزدە تۇنجى قېتىم چەتئەللەردىكى پۇقرالار ۋە قانۇنىي ئىگىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش خىزمىتىنى مەخسۇس بىر تەرەپ قىلىش ماسلاشتۇرۇش ئورگىنى تەسىس قىلغانلىقىدىن دېرەك بىرىدۇ.

  2009-يىلى 7-ئايدا، باش شۇجى خۇ جىنتاۋ 11-قېتىملىق چەتئەللەردىكى ئەلچىلەر يىغىنىدا تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇن بويىچە ئېلىمىز پۇقرالىرى ۋە قانۇنىي ئىگىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى، مۇھاجىرلار ۋە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، تەيۋەندىكى قېرىنداشلارنىڭ ھەقلىق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش كېرەك.

  شۇنى ئالدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئىسلاھات ئېچىۋېتىشنىڭ چوڭقۇرلىشىشىگە ئەگىشىپ، چەتئەلگە چىقىدىغان ئېلىمىز پۇقرالىرى تېخىمۇ كۆپىيىدۇ، چەتئەللەردىكى جۇڭگولۇقلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش خىزمەت مەسئۇلىيىتى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. ئادەمنى ئاساس قىلىش، دىپلوماتىيەدە خەلقنى كۆزلەشتەك جۇڭگو دىپلوماتىيەسىدە ۋەزىپە ئېغىر، مەنزىل ئېغىر.

  مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە