باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئوبزور

مۇقەددەس بۇرچنى زېممىمىزگە ئېلىپ، مەجبۇرىيىتىمىزنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلايلى

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

2012.08.14 16:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھەرقايسى پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كاڭ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ قايتا-قايتا تەييارلىق كۆرۈشى، دەرىجە بويىچە تاللىشى، ھەرقايسى سايلام ئورۇنلىرىنىڭ ئورتاق تىرىشىشى ئارقىلىق پارتىيەنىڭ 18-قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان 2270 نەپەر ۋەكىل پۈتۈنلەي سايلىنىپ بولدى. ئۇلار پۈتۈن پارتىيەدىكى 80 مىليوندىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى، 4 مىليوندىن ئارتۇق ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئىشەنچى ۋە مۇھىم تاپشۇرۇقىنى زېممىسىگە ئېلىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئارزۇسى ۋە ئۈمىدىنى ئۆزىگە يۈكلەپ، پارتىيەنىڭ 18-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدۇ. بۇ يەردە، بىز پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىكىگە سايلانغان يولداشلارنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز.

  پارتىيەنىڭ 18-قۇرۇلتىيى پارتىيەمىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشنىڭ ھالقىلىق پەيتى ۋە ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىنى تېز ئۆزگەرتىشنىڭ مۇھىم مەزگىلىدە چاقىرىلىدىغان ئىنتايىن مۇھىم يىغىن بولۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى بىر چوڭ ئىش، پارتىيەمىزنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى داۋاملىق ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئېچىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇش ۋە يېتەكلەشتە مۇھىم ھەم چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. مەركەزنىڭ تەلىپىگە ماس كېلىدىغان، كەڭ پارتىيە ئەزالىرىنى ھىمايە قىلىدىغان پارتىيە ۋەكىللىرىنى سايلاپ چىقىش 18-قۇرۇلتاينى ياخشى ئېچىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇلتۇر 10-ئايدىن بۇيان، ھەرقايسى سايلام ئورۇنلىرى، پارتىيە تەشكىلاتلىرى مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرما-تەلەپلىرى بويىچە، پارتىيە نىزامىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ياخشلىرىنى، ئەلالىرىنى تاللاشتا چىڭ تۇرۇپ، 18-قۇرۇلتاينىڭ سايلام خىزمىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى. سايلاپ چىقىلغان ۋەكىللەرنىڭ سىياسىي ساپاسى ياخشى، مۇھاكىمە ئىقتىدارى كۈچلۈك، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق، تارقىلىشى كەڭ بولۇپ، 18-قۇرۇلتاينىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشى ئۈچۈن پۇختا ئىدىيەۋى ئاساس ۋە تەشكىلىي ئاساس تىكلەپ بەردى.

  بىر ۋەكىل بىر بايراق. پارتىيەنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى پارتىيەنىڭ ئالىي رەھبەرلىك ئورگىنى، پارتىيەنىڭ مۇھىم مەسىلىلىرىنى پارتىيەنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلىدۇ. پارتىيەنىڭ مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى ئىچىدىن دەرىجىمۇ دەرىجە تاللاپ چىقىلغان. پارتىيە 18–قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى پارتىيە نىزامنامىسىگە باشلامچىلىق بىلەن ئەمەل قىلىپ ۋە ئۇنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ئىدىيە، ھەرىكەتتە ئىلغارلىق، پاكلىقنى ساقلىشى؛ پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى باشلامچىلىق بىلەن ئىجرا قىلىپ، سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئومۇمىيەتنى كۆزلەپ، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىپ، باشتىن–ئاخىر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن بىردەكلىكنى ساقلىشى؛ پارتىيەنىڭ تۈپ ئاساسىي مەقسىتى ۋە سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسىنى باشلامچىلىق بىلەن ئىجرا قىلىپ، ئىدىيەۋى ئىستىل، خىزمەت ئىستىلى ۋە تۇرمۇش ئىستىلىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئاممىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشى؛ باشلامچىلىق بىلەن ئىلغار، مۇنەۋۋەرلەردىن بولۇشقا تىرىشىپ، ئومۇمىيەت ۋە ئامما ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش، خىزمەت، ئۆگىنىش ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە ئۈلگە بولۇشى كېرەك.

  بۇرچ ھەممىدىن ئەلا، مەسئۇلىيەت تاغدىن ئېغىر. پارتىيە 18–قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى مەركىزىي كومىتېت ۋە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلايدۇ ھەم ئۇنىڭغا قاراپ چىقىدۇ، پارتىيەنىڭ مۇھىم مەسىلىلىرىنى مۇھاكىمە قىلىدۇ ۋە قارار قىلىدۇ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەركەز رەھبەرلىك كوللېكتىپىنى سايلاپ چىقىدۇ. پارتىيە 18–قۇرۇلتىيى قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى مۇددەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش تۈزۈمى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن چاقىرىلغان تۇنجى قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتاي، ئىلگىرىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇ قېتىمقى ۋەكىللەرنىڭ زىممىسىدىكى يۈك تېخىمۇ ئېغىر، ساپا ئۆلچىمى تېخىمۇ يۇقىرى. 18–قۇرۇلتاينىڭ ھەربىر ۋەكىلى سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيە تەشكىلىي ئۇيۇشتۇرغان ئۆگىنىش، تەربىيەلەشكە ئاكتىپ قاتنىشىپ، بىلىشكە تېگىشلىك بىلىملەرنى ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. ئاممىۋى لۇشيەندە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، خەلقتىن ئەقىل–پاراسەت سوراپ، پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئاممىنىڭ پىكىر–تەلەپلىرىنى پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىغا ئىنكاس قىلىشى كېرەك. پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىنىڭ قارالمىلىرىغا تولۇپ–تاشقان سىياسىي قىزغىنلىق ۋە كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن ئىشتىراك قىلىپ، دېموكراتىيە ھوقۇقىنى تولۇق يۈرگۈزۈپ، ۋەكىللىك مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، ئاكتىپلىق بىلەن چارە–تەدبىر كۆرسىتىپ، قۇرۇلتاينىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىغا تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  يولداش خۇ جىنتاۋ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە ۋەكىللەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىنىڭ ئىتتىپاقلىق قۇرۇلتىيى، غەلىبە قۇرۇلتىيى، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش قۇرۇلتىيى بولۇپ ئېچىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ ئۇلۇغۋار پىلانلارنى تۈزۈپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش مۇساپىسىدە تېخىمۇ پارلاق، شانلىق يېڭى سەھىپە يارىتىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىمىز.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە