باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئوبزور

پارتىيە 16–قۇرۇلتىيى تارىخنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى

2012.08.08 16:09        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىلاۋە: ئون يىل جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلدۇق، ئون يىلدا قولغا كەلتۈرگەن شانلىق نەتىجىلەر تارىختا ئەبەدىي نۇر چاچىدۇ. پارتىيە 16–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش خۇ جىنتاۋ باش سېكرېتارلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، مۇھىم پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، خىرىسقا سەۋرچانلىق بىلەن تاقابىل تۇرۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۇلۇغ مۇساپىسىدە، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ گۈللىنىش سەپىرىدە شانلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، كاتتا سەھىپىلەرنى پۈتتى.

  بۇ ئالاھىدە ئون يىل، يەنىمۇ شانلىق نەتىجە ياراتقان ئون يىل بولدى. ئۆتكەن ئون يىلغا نەزەر سالساق، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن تارتىپ سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشقىچە، بىر قاتار چوڭ–چوڭ ئاپەتلەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشتىن تارتىپ خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇشقىچە، 100 يىللىق ئولىمپىك چۈشىدىن تارتىپ بۇ چۈشنى رېئاللىققا ئايلاندۇرغۇچە، ئادەمنى ئاساس قىلغان ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇشتىن تارتىپ پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى يېڭى ئۇلۇغۋار قۇرۇلۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشكىچە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرى يېپيېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى تەتقىقات ئىشخانىسى بىلەن بىرلىشىپ، پارتىيە تارىخىنى تەتقىق قىلىدىغان نوپۇزلۇق مۇتەخەسسىسلەرنى ئون يىلدىكى تارىخىي زور ئىشلارغا، ئالاھىدە نەتىجىلەرگە باھا بېرىشكە تەكلىپ قىلدى، بۇ ئون يىللىق تارىخ كىشىلەر قەلبىدىن مەڭگۈ ئورۇن ئېلىپ، ئىلگىرىلەشكە كۈچلۈك تۈرتكە بولغۇسى. ”ئۆتكەن ئون يىلغا نەزەر“ 2002–يىل 11–ئاينىڭ 8–كۈنىدىن 14–كۈنىگىچە پارتىيە 16–قۇرۇلتىيى بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئېچىلدى. قۇرۇلتايغا مەملىكەتتىكى 66 مىليوندىن كۆپرەك پارتىيە ئەزاسىغا ۋاكالىتەن 2114 ۋەكىل قاتناشتى. بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاينىڭ باش تېمىسى: دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمئىشلىرىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت. قۇرۇلتايدا جياڭ زېمىن ۋەكىللىكىدىكى ج ك پ 15–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتايلى» دېگەن تېمىدىكى دوكلاتى، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى(تۈزىتىش لايىھەسى)» ۋە مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ماقۇللاندى.

  «مۇتەخەسسىسلەرنىڭ باھاسى» بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاي پارتىيەمىز يېڭى ئەسىرگە قەدەم قويغاندىن كېيىن ئاچقان تۇنجى قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتاي، شۇنداقلا ئېلىمىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى قەدىمىنى تېزلىتىش يېڭى تارىخىي باسقۇچىغا قەدەم قويغاندا ئېچىلغان قۇرۇلتاي. بۇ قۇرۇلتايدا ئالدىنقى بەش يىل، بولۇپمۇ 1989–يىلى چاقىرىلغان ج ك پ 13–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 4– ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيانقى 13 يىللىق تەجرىبىلەر يەكۈنلىنىش ئاساسىدا، جۇڭگونىڭ يېڭى ئەسىرنىڭ يېڭى باسقۇچىدىكى زور تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى تۈزۈلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، پارتىيەنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى يېڭى نەزەرىيە مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىلەن بېيىتىلدى. بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاينىڭ ئاساسلىق تۆھپىسى:

  «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى ماركسىزم، لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى بىلەن بىلەن بىللە پارتىيەنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى قىلىنىپ، پارتىيەنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسىنىڭ يەنە بىر قېتىم دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشى ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشتا مۇھىم رول ئوينىدى. بۇ 16–قۇرۇلتاينىڭ تارىخىي خاراكتېرلىك تەدبىرى شۇنداقلا تارىخىي تۆھپىسى ھېسابلىنىدۇ.

  ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش نىشانى ۋە بۇ نىشانغا يېتىشنى چۆرىدەپ ھەر تەرەپلىمە خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ فاڭجېن–سىياسەتلىرى بېكىتىلدى. بۇ نىشان ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت ۋە ئېكولوگىيەدىن ئىبارەت تۆت تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن نىشان بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالى ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئەمەلىيىتىگە، خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن، ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور.

  قۇرۇلتايدا مەركەز رەھبەرلىك كوللېكتىپىنىڭ ئالمىشىشى ئوڭۇشلۇق تاماملىنىپ، يېڭى نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سايلاپ چىقىلدى، خۇ جىنتاۋ مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش سېكرېتارلىقىغا سايلاندى. مەركىزىي كومىتېت ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان خىزمەتكە قاتناشقانلار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە ئىسلاھات–ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن كېيىن خىزمەتكە قاتناش ياش كادىرلارمۇ بار، ئوتتۇرىچە يېشى 55.4 ياش بولۇپ، مەخسۇس كۇرستىن يۇقىرى مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگىلەر %98.6نى ئىگىلەيدۇ. دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى جامائەتچىلىك بىردەك مۇنداق قارىدى: بۇ قېتىم جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدا كونىلار بىلەن يېڭىلارنىڭ ئوڭۇشلۇق ئالمىشىشى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىدىن ئىبارەت دۇنيادىكى ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئەڭ چوڭ پارتىيەنىڭ پىشىپ يېتىلىشكە يۈزلەنگەنلىكىنىڭ بەلگىسى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ سىياسىي مەدەنىيلىكنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنىڭ مۇھىم ناماياندىسى بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە ئاكتىپ ۋە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە