باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ تەھرىر خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ
پارتىيە 17 – نۆۋەتلىك 4- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (4)
پارتىيە قۇرۇلۇشى قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، ئىلمىيلىشىش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرەيلى
گېزىتىمىز ئوبزورچىسى
2009.11.05 14:13  
{ خەت چوڭ-كىچىكلىكى كىچىك ئوتتۇرا چوڭ} پرىنتېرلاش  
      
   ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇۋاتقان ھەر قانداق پارتىيە ھاكىمىيەتنى ياخشى يۈرگۈزۈشتە ئۆز قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت بۇ تېمىغا جەزمەن يۈزلىنىشى كېرەك. تارىخىي تەجرىبىلەر شۇنى ئىسپاتلىدىكى، مەيلى قانداق خاراكتېردىكى ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە بولسۇن ھەر قانداق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش مۇھىتى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش شەرتىگە دۇچ كېلىشتىن قەتئىينەزەر، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە بەزى تاينىشقا بولىدىغان قانۇنىيىتى بولىدۇ. قانۇنىيەتكە ھۆرمەت قىلىش– قىلماسلىق، قانۇنىيەتنى ئىگىلەش–ئىگىلىيەلمەسلىك ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيىنىڭ دەۋر ئۆزگىرىشىدىكى ۋە خەلقنىڭ تاللىشىدىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقى، ھاياتلىق ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقىنى بەلگىلەيدۇ.

  80 نەچچە يىل جاپالىق ئىزدەنگەن، بولۇپمۇ 60 يىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن كېيىن، پارتىيە 17 – نۆۋەتلىك 4-ئومۇمىي يىغىنى دۇنيا ۋەزىيىتى، دۆلەت ۋە پارتىيە ئەھۋالىدىكى ئۆزگىرىشنى چىقىش نۇقتا قىلغان ھالدا « پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلمىيلىشىش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش» نى مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ۋەزىپە سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇپ، پارتىيىمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئېڭىدىكى تارىخىي تەرەققىياتىنى ئەكس ئەتتۈرۈش بىلەن بىللە، پارتىيىمىزنىڭ ئىزچىل دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىشىدىكى بەلگىسى بولۇپ قالدى. 

  ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە قۇرۇلۇشى ئۇزاق مۇددەتلىك ۋەزىپە، ماركسىزملىق ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە قۇرۇلۇشى قانۇنىيىتى ئۈستىدە ئىزدىنىش مەڭگۈلۈك تېما. بىز دەۋر ئالاھىدىلىكىنى ئىگىلەش، دەۋرنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىش، تارىخىي بۇرچىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش داۋامىدا ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلغان ۋە كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن ئىلمىي ئاساسنى داۋاملىق تىكلىشىمىز؛ ئېقىمغا ماسلىشىپ، قانۇنىيەتكە ھۆرمەت قىلىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلمىيلىشىش سەۋىيىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندا، پارتىيىمىز قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى، جەڭگىۋارلىقىنى ۋە ئىجادچانلىقىنى ساقلاپ، ئۇزاق مۇددەتلىك، مۇرەككەپ، كەسكىن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سىنىقىغا، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سىنىقىغا، بازار ئىگىلىكى سىنىقىغا، تاشقىي مۇھىت سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىپ، ھاياتىي جۇشقۇنلۇقىنى داۋاملىق ساقلاپ قالالايدۇ ۋە مەڭگۈ غالىب ئورۇندا تۇرالايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىريە(پراكتىكانت)
خەۋەرلەر
كۆپ ۋاستىلىك پروگراممىلار
مىللەت ۋە مەدەنىيەت

نەشىر ھوقۇقى خەلق تورىغا مەنسۇپ
Copyright © 1997-2009 by www.people.com.cn. all rights reserved