رەھبىرى كادىرلار ئۆزىنى تۆۋەنرەك كۆرسىمۇ ھېچقىسى يوق
زۇ جۇڭۋېن
2009.11.04 17:24
«ئۆزىنى يەڭگەن باتۇر، ئۆزىنى بىلگەن ئاقىلدۇر». بىر كادىر ئۆزىنى سەگەكلىك بىلەن تۇنىغاندىلا، ئاندىن ئۆزىنى توغرا تۇتۇپ تۇرالايدۇ، ئىدىيىسىنى ئۈزلۈكسىز يۈكسەلدۈرۈپ، خىزمەت ئىقتىدارىنى يۇقىرىلىتىپ، ئېسىل ئىستىل يېتىلدۈرىدۇ. بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلارغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا، ئۆزىنى تۆۋەنرەك كۆرسىمۇ ھېچقىسى يوق. ئۆزىنى تۆۋەنرەك كۆرگەندە، نام-شۆھرەتتە قانائەت تۇيغۇسى، ئىقتىدار جەھەتتە خەۋپ تۇيغۇسى ھاسىل بولىدۇ.ئۆزىنى تۆۋەنرەك كۆرگەندە، نام-شۆھرەت ئازىيىپ، سەگەكلىك ئاشىدۇ.
ئۆزىنى تۆۋەنرەك كۆرگەندە، ئۆزىدىن ئازراق قانائەتلىنىپ ، خىزمەتتە تېخمۇ كۈچەش بولىدۇ.
ئۆزىنى تۆۋەنرەك كۆرگەندە، قانائەتچانلىق ئازىيىپ، سەگەكلىك ئاشىدۇ. رەھبىرى كادىرلار ئۆزىنى تۆۋەنرەك كۆرۈپ، ئۆز پايدا-زىينىنى سۈرۈشتۈرمەي، كۆڭلىدە پاكلىقتىن ئىبارەت تارنى باشتىن- ئاياغ چىڭىتىپ، قول، ئېغىز، پۇتلىرىنى ياخشى باشقۇرۇپ، باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە تىكلەپ، پاكلىق بىلەن تۆھپە قۇشقاندىلا، ئاندىن رۇس، پاك ياخشى كادىر بولغىلى بولىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە(پراكتىكانت)