ئۆزىگە خاس يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلايلى
گېزىتىمىزنىڭ تەكلىپلىك ئوبزورچىسى
2009.10.23 15:01
دۆلىتىمىزنىڭ ئىگىلىك تىكلەش پاي چېكى بازىرى بۈگۈن شېنجىن ئاكسىيە بىرژىسىدا رەسمىي ئېچىلدى، پاي چېكى بازارغا سېلىنىشقا تەستىقلانغان تۇنجى تۈركۈمدىكى 28 شىركەتمۇ پاي چېكىنى يېقىندا ئىگىلىك تىكلەش بازىرىغا سېلىپ، ۋىۋىسكا ئېسىپ سودىغا سالىدۇ، بۇ دۆلىتىمىزنىڭ كۆپ قاتلاملىق كاپىتال بازىرى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدا مۇھىم قەدەم تاشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ دۆلىتىمىزنىڭ كاپىتال بازىرىنى يېتىلدۈرۈش ۋە يېڭىلاشتا قولغا كەلتۈرگەن مۇھىم نەتىجىسى، كاپىتال بازىرىنىڭ ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇلازىمەتچىلىك قىلىش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز ئاشقانلىقىنىڭ نامايەندىسى.
كۆپ يىللىق ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات ئارقىلىق دۆلىتىمىز كاپىتال بازىرىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى رولى كۈندىن كۈنگە گەۋدىلەنمەكتە، مەبلەغ سېلىش-مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئېھتىياجى كۈندىن كۈنگە كۆپ خىللاشماقتا. ئون يىللىق ئىزدىنىش ئارقىلىق ئىگىلىك تىكلەش پاي چېكى تۈزۈلمىسىنىڭ لايھەلىنىشى كۈندىن كۈنگە مۇكەممەللەشتى. ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارنىڭ پاي چېكى بازىرى بەش يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئىگىلىك تىكلەش پاي چېكى بازىرىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تەجرىبە ھاسىل قىلىپ بەردى. ئىگىلىك تىكلەش پاي چېكى بازىرىنى ئېچىپ، كۆپ قاتلاملىق كاپىتال بازىرى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ شارائىتى ئاساسىي جەھەتتىن پىشىپ يېتىلدى.
بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى، بازاردىكى ھەر تەرەپنىڭ پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسدا، دۆلىتىمىزنىڭ ئىگىلىك تىكلەش پاي چېكى بازىرى ئەمەلىيەت داۋامىدا يېڭىلىنپ، يېڭىلىنش داۋامىدا تەرەققىي قىلىپ، ئۆزىگە خاس يېڭىلىق يارىتىش، ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا مۇلازىمەتچىلىك قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ.
مەنبە: خەلق گېزىتى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە(پراكتىكانت)