باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ تەھرىر خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ
تارىخىي ئۇلۇغۋار ئىشلارنى بىر نىيەتتە ئورتاق يارىتايلى
—«يېڭى پەللىدە تۇرۇپ، يېڭى شانلىققا يۈزلىنەيلى» (4)
گېزىتىمىز ئوبزورچىسى
2009.10.22 15:43  
{ خەت چوڭ-كىچىكلىكى كىچىك ئوتتۇرا چوڭ} پرىنتېرلاش  
      
  21 -ئەسىردىكى جۇڭگودا ياشاۋاتقان مۇشۇ بىر ئەۋلادلار، بۇرۇنقىلاردىن تېخىمۇ يۇقىرى پەللىدە تۇرماقتىمىز.

  جياۋۇ ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى، لياڭ چىچاۋ پۈتۈن بېيجىڭ شەھىرىنى كېزىپ چىقىپمۇ بىر پارچە دۇنيا خەرىتىسى سېتىۋالالمىغانىدى؛ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشتا غەلىبە قىلغان بولسىمۇ، جۇڭگو يەنىلا كۈچلۈك دۆلەتلەر مەجبۇرىي تۈزگەن «يالتا كېلىشىمى»نىڭ خورلىشىغا ئۇچرىغانىدى؛ «ئىككى ئاتوم بومبىسى، بىر سۈنئىي ھەمراھ»نى ياساش داۋامىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى ھېسابلاشتا، لوگارىفمېتىر بىلەن چوتقىلا تايانغانىدى … بۈگۈنكى كۈندە، بۇ بەتلەر ئاللىبۇرۇن ئالدىنقىلارنىڭ كۈرەش قىلىشى بىلەن ئۆتۈپ كەتتى. يۈز يىلدىن ئارتۇق قەھرىمانلارچە كۈرەش قىلىش ۋە 60 يىل غەيرەتكە كېلىپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشكە تىرىشىش ئارقىلىق، زامانىۋىلىشىشقا، دۇنياغا ۋە كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن سوتسىيالىستىك جۇڭگو دۇنيانىڭ شەرقىدە مەغرۇرانە قەد كۆتۈردى، بىز مىللىي گۈللىنىش ئارمانىغا ئەزەلدىن بۇنداق يېقىنلىشىپ باقمىغانىدۇق. يېڭى باشلىنىشتىن ئاتلانغاندا، بۇ بىز ئەۋلادلارنىڭ زىممىسىدىكى ئەجدادلىرىمىزنىڭكىدەك مۇھىم ھەم شەرەپلىك تارىخىي بۇرچ.

  «جۇڭگو ئىنسانلار ئۈچۈن بىرقەدەر زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك»، بەش مىڭ يىللىق مەدەنىيەتكە ئىگە جۇڭخۇا مىللەتلىرى، يوقسۇللارنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇش تارىخىي بۇرچىنى ئەزەلدىن زىممىسىگە ئېلىشتىن ۋاز كېچىپ باقمىغان. «شۆھرىتى زور قەھرىماننى ئىزلىسەڭ، سېلىپ نەزەر بۈگۈنكى بۇ دەۋرانغا باق»دېگەن ئىلمىي ئىدىيە بىلەن قوراللانغان جۇڭخۇا پەرزەنتلىرى، تەبىئەتنى ئۆزگەرتىشكە مەندىن باشقا كىم چىقىدۇ دېگەندەك جاسارەت ۋە ئەقىل-پاراسەتكىمۇ ئىگە. ئۆز تەقدىرىنى ئىگىلىگەن ۋە ئىتتىپاقلاشقان جۇڭگو خەلقى، مۇقەررەر ھالدا بارلىق قىيىنچىلىق ۋە توسالغۇلارنى يېڭىپ، تارىخىي ئۇلۇغۋار ئىشلارنى ئۈزلۈكسىز يارىتىپ، ئىنسانلار ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى قوشالايدۇ.

  مەنبە: خەلق گېزىتى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە(پراكتىكانت)
خەۋەرلەر
كۆپ ۋاستىلىك پروگراممىلار
مىللەت ۋە مەدەنىيەت

نەشىر ھوقۇقى خەلق تورىغا مەنسۇپ
Copyright © 1997-2009 by www.people.com.cn. all rights reserved