باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ تەھرىر خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ
«يېڭى باشلىنىش نوقتىسىدا تۇرۇپ، يېڭى شانلىققا يۈزلىنەيلى» (3)
قول تۇتۇشۇپ دەۋر ئۆزگىرىشىنى ئىلگىرى سۈرەيلى
گېزىتىمىز ئوبزورچىسى 
2009.10.21 15:50  
{ خەت چوڭ-كىچىكلىكى كىچىك ئوتتۇرا چوڭ} پرىنتېرلاش  
      
  قارىماققا ئاددىي، قىلماققا تەس.

  بۈگۈنكى جۇڭگو ئىنسانىيەت تارىخىدىكى قالتىس نەتىجىلىرى بىلەن دۇنيانىڭ نەزىرىنى جەلپ قىلىپ، تارىخنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈشىنى قوبۇل قىلماقتا. 60 يىللىق شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىش جەريانىدا ئاتلىغان ھەربىر قەدەمدە خېيىم-خەتەر ۋە خىرىس بىرگە بولغان، جاپا-مۇشەققەتلىك كۈرەشلەر تولغان، ھەربىر قېتىمقى ئۆزگۈرۈشتە ئەقىل-پاراسەت ۋە جاسارەت نامايان بولغان.

  يېڭى جۇڭگونىڭ 60 يىللىق مۇساپىسىنى ئەسلىگىنىمىزدە، پارتىيىمىز ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ «تۈرلۈك جاپا –مۇشەققەت ۋە خېيىم-خەتەر سىناقلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان بۈيۈك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، توختىماي ئالغا باسىدىغان ھەيۋەتلىك زەپەر مارشى»نى ياراتتى. كەلگۈسىگە ئاتلىنىدىغان يېڭى باشلىنىش نوقتىسىدا تۇرغىنىمىزدا، بىز رەئس خۇ جىنتاۋنىڭ مۇھىم سۆزىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەندۇق.

  تارىخ ئەزەلدىن قېيىنچىلىقتىن قورققانلار بىلەن كارى بولماي، پۇرسەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئوزگەرتكۈچىلەرگە بېرىپ كەلدى. 1935-يىل 5-ئاينىڭ 30-كۈنى يەنئەندە نەمۇنىچى ياشلارنى تەبرىكلەش يىغىنىدا، يولداش ماۋ زېدۇڭ كىشىلەرگە «ئەبەدىي كۈرەش قىلايلى»دەپ تەشەببۇس قىلغان؛ 2009-يىل 10-ئاينىڭ 9-كۈنى يولداش خۇ جىنتاۋ «ھەممەيلەن بىرگە داۋاملىق تىرىشايلى»دەپ چاقىرغان. «كۈرەش قىلايلى»دىن «تىرىشايلى»غىچە بولسا جۇڭگو خەلقنىڭ روھى ۋە غەيرىتى، شۇنداقلا يېڭى جۇڭگونىڭ ئۆزلۈكسىز قۇدرەتلىشىشكە قاراپ يۈزلىنىشىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ مەنبەسى تۈرلۈك خېيىم-خەتەرلىك سىناقلارنى كۈتىۋېلىپ دەۋرنىڭ تېمىسىغا جاۋاپ قايتۇرۇشتا، بىز تارىخنىڭ شەرىپى ۋە شانلىقىنى داۋاملىق يېزىپ خەلقنىڭ بەخىتلىك تۇرمۇشىنى يارىتىمىز!

  مەنبە: خەلق گېزىتى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە(پراكتىكانت)
خەۋەرلەر
كۆپ ۋاستىلىك پروگراممىلار
مىللەت ۋە مەدەنىيەت

نەشىر ھوقۇقى خەلق تورىغا مەنسۇپ
Copyright © 1997-2009 by www.people.com.cn. all rights reserved