باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ تەھرىر خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ
پۈتۈن جەمئىيەتتە قەھرىمان-نەمۇنىچىلارنى ھۆرمەتلەش ۋە ئۇلاردىن ئۆگىنىش قويۇق كەيپىياتى يارىتايلى
گېزىتىمىز ئوبزورچىسى
2009.09.15 14:00  
{ خەت چوڭ-كىچىكلىكى كىچىك ئوتتۇرا چوڭ} پرىنتېرلاش  
      
  مەركىزىي تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي تەشكلات بۆلۈمى، مەركىزىي بىرلىكسەپ بۆلۈمى قاتارلىق 11 بۆلۈم، كومىتېت بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان «يېڭى جۇڭگونىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۇن كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان 100 قەھرىمان - نەمۇنىچى ۋە يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان جۇڭگونى تەسىرلەندۈرگەن 100 شەخس» ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان، جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە قىزغىن ئىنكاس پەيدا قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقىنى زور دەرىجىدە قوزغىدى. خۇ جىنتاۋ قاتارلىق مەركەزدىكى رەھبىرىي يولداشلار بىر قىسىم «قوش يۈز» شەخسلەر ۋەكىللىرى ۋە «قوش يۈز» شەخسلەرنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى بىلەن كۆرۈشتى، «قوش يۈز» شەخسلەر ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنىنىڭ ئېچىلىشى پارتىيە ۋە خەلقنىڭ يېڭى جۇڭگونىڭ بارلىققا كېلىشى، تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان ئاشۇ مۇنەۋۋەر جۇڭخۇا ئوغۇل-قىزلىرىغا بولغان تەشەككۈرى ۋە ھۆرمىتىنى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ قەھرىمان-نەمۇنىچىلارغا بولغان غايەت زور غەمخۇرلىقىنى،جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۆتكەنگە ۋارىسلىق قىلىپ، كەلگۈسىگە يول ئېچىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىش قەيسەر ئىرادىسىنى تولۇق نامايان قىلدى.ھازىر جۇڭگو ئۇلۇغ ئۆزگىرىش دەۋرىدە تۇرماقتا، دۆلىتىمىز ۋەتەننى ۋە خەلقنى سۆيىدىغان، تارىخىي بۇرچنى دادىللىق بىلەن ئۈستىگە ئالالايدىغان، ئەقىل پاراسىتى ۋە كۈچىنى تەقدىم قىلىشنى خالايدىغان بىر تۈركۈم ئىلغار شەخسلەرنىڭ چىقىشىغا جىددىي ئېھتىياجلىق. بىز «قوش يۈز» شەخستىن ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، پۈتۈن جەمئىيەتتە قەھرىمان-نەمۇنىچىلارنى ھۆرمەتلەش ۋە ئۇلاردىن ئۆگىنىش قويۇق كەيپىياتنىڭ شەكىللىنىشىنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىشقا، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئۈچۈن ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا كۈرەش قىلىۋاتقان قەھرىمان-نەمۇنىچىلارنىڭ تېخىمۇ كۆپلەپ مەيدانغا كېلىدىغانلىقىغا، جۇڭگونى تەسىرلەندۈرىدىغان شەخسلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپلەپ مەيدانغا كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. دەۋرىمىز قەھرىمانلار ئارقا-ئارقىدىن يېتىشىپ چىقىدىغان دەۋر، ئىشلىرىمىز چەكسىز پارلاق.

  مەنبە : خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە(پراكتىكانت)
خەۋەرلەر
كۆپ ۋاستىلىك پروگراممىلار
مىللەت ۋە مەدەنىيەت

نەشىر ھوقۇقى خەلق تورىغا مەنسۇپ
Copyright © 1997-2009 by www.people.com.cn. all rights reserved