باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مائارىپ

مائارىپ مىنستىرىنىڭ ھەسىرىتى نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟(2)

2013.10.21 15:41         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىر تەرەپتىن ئاساسى ئاجىز، يەنە بىر تەرەپتىن بېرىلىدىغان تولۇقلىما يىتەرلىك ئەمەس. مۇشۇ سەۋەبلەر مائارىپتىكى تەڭپۇڭسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرۋاتىدۇ، مانا بۇ مائارىپ مىنستىرىنىڭ ھەسرىتىنىڭ مەنبىي. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، شەھەر يېزىلار مائارىپىدىكى «ئىككى مەنبەلىك قېيىنچىلىق» ھەل قىلىنمىسا، يېزا بالىلىرىنىڭ نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپكە چىقىش نىسبىتى تۆۋەن بولۇش مەسىلىسىنى تۈپتىن ھەل قىلىش مۇمكىن ئەمەس. يۈەن گۈيرېن ئېيتقاندەك، «يېزا بالىلىرى، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار بالىلارنىڭ ئىجادچانلىقىنى شەھەرلەر ۋە باي ئائىلىلەرنىڭ بالىلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇشقا بولمايدۇ، ئەمما ئەگەر ئادىل مائارىپ مۇھىتى بولمىسا، ئادىل مەكتەپ ئۆرلەپ ئوقۇش پۇرسىتىمۇ بولمايدۇ، نۇرغۇن قىتىرقىنىپ ئوقۇۋاتقان يېزا بالىلىرىنىڭ داڭلىق، نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرگە چىقىش ئۈمىدى تەسكە توختايدۇ.

  نۆۋەتتە مائارىپ بايلىقىنى تەقسىملەش شارائىتىدا، يېزا ئوقۇغۇچىلىرى شۈھبىسزكى، مائارىپنىڭ «ئەڭ كىچىك مەنپەئەتلەنگۈچىسى»، ئۇلارنىڭ مەنپەئەتىنى زورايتىش زۆرۈر. قىسقا مەزگىلدىن قارىغاندا، ئالىي مەكتەپلەر مائارىپ مەنبەسىگە مۇۋاپىق ئىتىبار بېرىشى، يېزا ئوقۇغۇچىلىرىغا تېخىمۇ كۆپ ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك، بۇ يېزا بالىلىرىنىڭ نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپكە ئۆرلەش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە پايدىلىق. ئۇزاق مەزگىلدىن قارىغاندا، يەنە يېزا مائارىپى تەمىناتىنى زورايتىپ، يېزا بالىلىرىنى شەھەر بالىلىرىغا ئوخشاش مائارىپ مەنبىيىدىن بەھرىمان قىلىش كېرەك. مائارىپتىكى تەڭپۇڭسىزلىقنى ھەقىقىي ھەل قىلغاندىلا، ئاندىن ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىشتىكى تەڭسىزلىكنى ئۈنۈملۈك پەسەيتىكىلى بولىدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر