باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مائارىپ

ئۈچ تارماق ئاسپىرانتلىق ئوقۇش ھەققى ئۆلچىمىنى تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇشنى بېكىتتى

2013.06.03 16:24         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ يېقىندا دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، 2014 – يىللىق كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ، ئالىي مەكتەپلەرگە پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يېڭىدىن قوبۇل قىلىنىدىغان ئاسپىرانتلاردىن ئاسپىرانتلىق ئوقۇش ھەققى ئېلىنىدىكەن، ئوقۇش ھەققى ئۆلچىمىنى بېكىتىش ياكى تەڭشەشتە تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش يولغا قويۇلىدىكەن. بۇ يىل 8 – ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن، جايلار ئاسپىرانتلىق ئوقۇش ھەققى ئېلىش سىياسىتىنى چىقىرىدىكەن.

  تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى ۋە مائارىپ مىنىستىرلىقى بىرلىكتە ئېلان قىلغان ئاسپىرانتلىق ئوقۇش ھەققى ئۆلچىمىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن، پۈتۈن كۈنلۈك ئوقۇش تۈزۈمىدىكى ئاسپىرانتلىق ئوقۇش ھەققى ئۆلچىمىنى ئۆلكە دەرىجىلىك مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى شۇ جايدا تۇرۇشلۇق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئىلتىماسىدا ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرگە ئاساسەن تەڭ دەرىجىلىك باھا باشقۇرۇش، مالىيە تارماقلىرى بىلەن تەكشۈرۈپ بېكىتىدۇ ھەم ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەستىقلىغاندىن كېيىن ئىجرا قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى ۋە مائارىپ مىنىستىرلىقىغا يوللاپ رويخەتكە ئالدۇرىدۇ. پۈتۈن كۈنلۈك ئوقۇش تۈزۈمىدە بولمىغان ئاسپىرانتلىق ئوقۇش ھەققىنى باشقۇرۇش شەكلىنى ئالىي مەكتەپ جايلاشقان جايدىكى ئۆلكە دەرىجىلىك باھا باشقۇرۇش، مالىيە، مائارىپ تارماقلىرى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە يوللاپ تەستىقلاتقاندىن كېيىن ئىجرا قىلىدۇ.

  ‹‹ئۇقتۇرۇش››تا پۈتۈن كۈنلۈك ئوقۇش تۈزۈمىدىكى ماگىستىر ئاسپىرانت، دوكتور ئاسپىرانتلارنىڭ ئوقۇش ھەققى ئۆلچىمى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان: ھازىرقى باسقۇچتا بىر ئوقۇش يىلىدا ماگىستىر ئاسپىرانتتىن ئېلىنىدىغان ئوقۇش ھەققى 8000 يۈەندىن، دوكتۇر ئاسپىرانتىن ئېلىنىدىغان ئوقۇش ھەققى 10 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتمەيدىكەن. ئاسپىرانتلىق ئوقۇش ھەققى ئۆلچىمىنى ئىجرا قىلىشتا ‹‹يېڭى ئوقۇغۇچىلارغا يېڭى ئۇسۇل، كونا ئوقۇغۇچىلارغا كونا ئۇسۇل›› ئىجرا قىلىنىدىكەن، 2014 – يىلى كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدىن بۇرۇن ئوقۇشقا كىرگەن ئاسپىرانتلاردىن ئەسلىدىكى ئۆلچەم بويىچە ئوقۇش ھەققى ئېلىنىدىكەن.

  ‹‹ئۇقتۇرۇش››تا ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىكى باھا باشقۇرۇش، مالىيە، مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىدىن بۇ يىل 8 – ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن شۇ جاينىڭ ئاسپىرانتلىق ئوقۇش ھەققى ئېلىش سىياسىتىنى تۈزۈپ چىقىش؛ ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇشتىن ۋاقتىنچە توختىغان، ئوقۇشتىن چېكىنگەن، مۇددەتتىن بۇرۇن ئوقۇش تاماملىغان ياكى كەسىپ ئالمىشىشى تەستىقلانغان ئاسپىرانتلارنىڭ ئوقۇش ھەققىنى مەكتەپتىكى ئەمەلىي ئوقۇش ۋاقتى، ئوقۇش باسقۇچىغا ئاساسەن ھېسابلاش، قىسمەن ئوقۇش ھەققىنى قايتۇرۇپ بېرىش تەلەپ قىلىندى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە