باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مائارىپ

ئىمتىھان نېمىلەرنى «چەكلىدى» (2)

2013.05.28 09:24         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىمتىھان نېمە ئۈچۈن بۇنچىلىك كۆپ ‹‹چەكلىمە››نى پەيدا قىلىدۇ؟ بۇنى ئاتا – ئانىدىن ياكى بالىدىن كۆرۈشكە بولمايدۇ. ئىمتىھان مائارىپى، مائارىپقا بولغان ئاددىي باھالار دەل تەسىر كۆرسەتكۈچىلەردۇر، جەمئىيەتتىكى ئادەم قوبۇل قىلغۇچى ئورۇنلارنىڭ ئادەم قوبۇل قىلىش جەريانىدا ‹‹ئۈچ ئەۋلاد››نى تەكشۈرۈشى، ‹‹211››، ‹‹985›› قۇرۇلۇشىغا كىرمىگەن مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا قوبۇل قىلماسلىقى بۇ خىل مائارىپنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكە بولماقتا.

  مائارىپ پايدىنى ئاساس قىلىدىغان بۇ خىل مۇھىتتا، بالىلار كىچىكىدىنلا نېمە ئۈچۈن ئۆگىنىدىغانلىقىنى بىلىدۇ، ئاتا – ئانىلار ‹‹باشلانغۇچتىن تولۇقسىزغا ئۆرلەش››، تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەش ۋە ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىشتە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش توغرىسىدا بالىلارغا دائىم ئەسكەرتىش بېرىپ تۇرىدۇ، شۇنداقلا ئۆزىگىمۇ ئەسكەرتىش بېرىپ تۇرىدۇ، ھەتتا ‹‹چارچاپ ئۆلمەيدىغانلا ئىش بولسا، بارلىق كۈچىنى ئۆگىنىشكە قارىتىش››تەك ‹‹شوئار›› لارنى توۋلايدۇ.

  يۈزەكى نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ئىمتىھان بالىلارنىڭ قىزىقىشىنى ‹‹چەكلەپ›› قويغاندەك قىلغان بىلەن، ئەمەلىيەتتە بالىلارنىڭ ئىجادچانلىق روھىنى ۋە دۆلەتنىڭ، مىللەتنىڭ كەلگۈسىنى ‹‹چەكلەپ›› قويدى.

  مو يەن نوبېل مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىدە مۇنداق دېگەنىدى: ‹‹بالىلىق دەۋرىمدە ئوقۇشتىن توختاپ چارۋا باقاتتىم، ئەتراپىمدا ھېچكىمنى كۆرگىلى بولمايتتى، چىملىقتا يېتىپ ئاسمانغا قاراپ، كاللامغا نۇرغۇن غەلىتە خىياللار كېلەتتى، مەن بۇ نەرسىلەرنىڭ بىر كۈنلەردە يېزىقچىلىق ئىجادىيىتىمنىڭ ماتېرىيالى بولۇپ قېلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم››. چىملىقتا ئاسمانغا قاراپ يېتىش ھازىرقى زامان كىشىلىرىگە نىسبەتەن ۋاقىت ئىسراپچىلىقى خالاس. لېكىن بىر كۈنلەردە بۇ ‹‹كېرەكسىز نەرسىلەر››نىڭ پايدا يارىتىدىغان ۋاقتى بولىدۇ، چۈنكى بۇ نەرسىلەر ئويلىمىغان ۋاقىتتا بىزگە ئويلاپ باقمىغان پايدىلارنى ئېلىپ كېلىدۇ.

  ئويلاپ باقايلى، ئەگەر مو يەن ھازىرقى زاماندا ياشىغان بولسا ئاتا – ئانىسى ئۇنى ھەرخىل يېزىقچىلىق سىنىپى، نومۇر ئاشۇرۇش سىنىپىلىرىغا زورلاپ قاتناشتۇرغۇزاتتى، ئۇمۇ لاي ئوينايدىغان، ئاسمانغا قاراپ ياتىدىغان ۋاقىتلىرىنى مۇھىم نۇقتىلارنى يادلاشقا سەرپ قىلغان بولاتتى. شۇ ۋاقىتتا ئۇ نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشەلەرمىدى؟
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە