باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>مائارىپ

قاتناش ۋەقەسى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ باش قاتىلىغا ئايلاندى(2)

2013.02.13 18:38         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى مۇنداق دەپ ئەسكەرتتى: «دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تاشيول بىخەتەرلىك ھەمكارلىق مېخانىزمى دۇنيادىكى ھەر قايسى ئەل ھۆكۈمەتلىرى ۋە غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرىنى بۇ كۈننى خاتىرلەشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئاممىنىڭ تاشيول قاتناش ۋەقەسى ھەمدە بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەت ۋە تۆلەنگەن بەدەلگە كۆڭۈل بۆلۈپ، تاشيول بىخەتەرلىكىگە بولغان ھوشيارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، بۇخىل ۋەقەلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.».

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمونمۇ بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: تاشيول قاتناش ۋەقەسىدىن كېلىپ چىققان ئۆلۈش، يارىلىنىش ئەھۋالى تەرەققىيات ۋە ئاممىۋى ساغلاملىقدۇچ كەلگەن ئەڭ زور خىرىس. ئىسپاتلانغان بىر يۈرۈش ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىش، مەسلەن، بىخەتەرلىك تاسمىنى باغلاش، سۈرئەتكە چەك قويۇش بەلگىلىمىسىگە رىئايە قىلىش ھەمدە ماشىنا ھەيدەۋاتقاندا تېلېفوندا سۆزلىشىش ۋە باشقا دىققەتنى بۇرايدىغان كىچىك ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولماسلىق قاتارلىقلار ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ تىراگىدىيەلەرنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش لازىم، بۇ ھەر بىر شەخىس ۋە ئائىلىگە پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى پۈتكۈل جەمئىيەتكە پايدىلىق. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلتىيى قارار ماقۇللاپ، 2011–يىلىدىن 2020–يىلىغىچە بولغان ۋاقىتنى «بىخەتەر يول يۈرۈشنىڭ 10 يىلى» دەپ بېكىتىپ، مۇناسىۋەتلىك پىلانلارنىڭ 2011–يىلى 5–ئاينىڭ 11–كۈنى پۈتۈن دۇنيا بويىچە ھەرىكەتكە كەلتۈرۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى، دېدى.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : قەدىرىيە