ئاپتونوم رايونىمىزدا «قوش تىل» ئوقۇتۇشى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ
2010.02.10 16:46
مۇخبىرنىڭ 1 – فېۋرال ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ خىزمىتى يىغىنىدىن ئۇقۇشىچە، بۇ يىل شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىز «قوش تىل» ئوقۇتۇشىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پېداگوگىكا مەكتەپلىرىگە ھەقسىز ئوقۇيدىغان 6000 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىپ، ئاز سانلىق مىللەت ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى «قوش تىل» ئوقۇتۇشى بويىچە تەربىيەلەش سالمىقىنى ئاشۇرىدىكەن.
دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون شىنجاڭنىڭ «قوش تىل» ئوقۇتۇشى خىزمىتىنى يۈكسەلدۈرۈشكە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ، «قوش تىل» ئوقۇتۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللىدى. دۆلەت 2009 – يىلىدىن 2012 – يىلىغىچە 4 مىليارد 20 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، شىنجاڭدىكى ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىغا قارىتىلغان «قوش تىل» ئوقۇتۇشىنى قوللاش، 2013 – يىلىدىن تارتىپ ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار مائارىپ خىراجىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمى ئورنىتىشنى پىلانلىدى. بۇلتۇر ئاپتونوم رايونىمىزدا يەسلىلەردىكى 11مىڭ «قوش تىل » ئوقۇتقۇچىسى(قېتىم) تەربىيەلەندى.
مەلۇم بولۇشىچە، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ئارقىسىدا، 2009 – يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار ۋە باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىچىدە «قوش تىل» ئوقۇتۇشى بويىچە تەربىيەلىنىۋاتقان ۋە خەنزۇ تىلىدا ئوقۇۋاتقان ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىسى 994 مىڭغا يېتىپ، ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى ئومۇمىي سانىنىڭ %42 ىنى ئىگىلەپ، 2008 – يىلىدىكىدىن %24.6 ئاشقان. ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى « قوش تىل» دا ئوقۇۋاتقان ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى ۋە خەنزۇ تىلىدا ئوقۇۋاتقان ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى 704 مىڭ بولۇپ، ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلار ئومۇمىي سانىنىڭ %33.9ىنى ئىگىلىگەن. يەسلىلەر ۋە ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپتىكى «قوش تىل» ئوقۇتقۇچىلىرى 36 مىڭ 700 گە، ئاز سانلىق مىللەت قوش تىل» ئوقۇتقۇچىلىرى 28 مىڭغا يېتىپ، 2008 – يىلىدىكىدىن %14.2 ئاشقان. (تۇرسۇنگۈل مەھمۇد خەۋىرى)
مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە