باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شەخسلەر سەھىپىسى>>تەتقىقاتچىلىرىمىز>>ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىي

ئابدۇرەئوپ مۇئەللىمنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرى ھەققىدە

2014.12.02 17:02   مەنبە: خەلق تورى

ئابدۇرەئوپ مۇئەللىمنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرى ھەققىدە

  

  ئابدۇرەئوپ مۇئەللىم ھازىرغىچە «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى»، «ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى»، «ئۇيغۇر تىلى لېكسىكولوگىيىسى»، «تەرجىمە نەزەرىيىسى ۋە ئەمەلىيىتى»، «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى»، «چاغاتاي ئۇيغۇر ئەدەبىياتى»، «نەۋائىي ئەسەرلىرى تەتقىقاتى»، «تۈرك تىلى» ۋە «ئەرەب تىلى» قاتارلىق دەرسلەرنى سۆزلىگەن. 1991- يىل «بېيجىڭ شەھرى دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى» بولۇپ باھالانغان. 1992- يىل دوتسېنت بولغان. 1995- يىل «باۋگاڭ مائارىپ فوندى مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىسى» بولۇپ مۇكاپاتلانغان.2004- يىل 9- ئايدا، پروفېسسور بولغان. ئۇ ئوتتۇز يىلدىن بۇيان ئىزچىل سۆزلەپ كېلىۋاتقان «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دەرسى» 2006- يىل «بېيجىڭ شەھرى دەرىجىلىك سەرخىل دەرس» بولۇپ باھالانغان. مۇشۇ شاراپەتلەر بىلەن، ئۇ 2007-يىل 10-ئايدا، دوكتور ئاسپرانت يېتەكچىسى بولغان.

  «چاغاتاي تىلى» ( خەمىت تۆمۈر ئەپەندىم بىلەن ھەمشىرىك)، بۇ كىتاب 1986- يىل قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان؛ 1989 –يىل دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى تەرىپىدىن 3- دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

  «نەۋائىي: مۇھاكەمەتۇل لۇغەتەين» (خەمىت تۆمۈر ئەپەندىم بىلەن ھەمشىرىك، 1988- يىل مىللەتلەر نەشرىياتى نەشرى ).

  «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىدىن ئىلمىي ماقالىلەر» ( 1993- يىل مىللەتلەر نەشرىياتى نەشرى، 200 مىڭ خەت ).بۇ – ئۆزىنىڭ چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە قىلغان تەتقىقات ماقالىلىرى توپلىمى.

  «ئۇيغۇر تىلى لېكسىكولوگىيىسى» ( 1995- يىل قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى نەشرى، 250 مىڭ خەت ). بۇ كىتاب 1996- يىل بېيجىڭ شەھرى بويىچە 2-دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر خاس ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن؛ 1997- يىل بولسا، مىللىي يېزىقتىكى كىتابلار بويىچە مەملىكەتلىك 3- دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر ئەسەر باھالالىنىپ مۇكاپاتلانغان.

  «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە مۇپەسسەل بايان» ( 2004- يىل مىللەتلەر نەشرىياتى نەشرى، 300 مىڭ خەت ).

  «چاغاتاي ئۇيغۇر ئەدەبىياتى جەۋھەرلىرىدىن – ئەسلىي يېزىلىشى بىلەن ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تېكستلىرى» (2005- يىل مىللەتلەر نەشرىياتى نەشرى، 600 مىڭ خەت). بۇ كىتاب نەشىردىن چىققاندىن بۇيان، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىل – ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ چاغاتاي ئۇيغۇر ئەدەبىياتى دەرسلىكى قىلىپ ئىشلىتلىپ كەلمەكتە. ئۇندىن باشقا، بۇ كىتاب شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتى مۇقام ئورۇنلاش كەسپىنىڭ دەرسلىكى قىلىپمۇ ئىشلىتىلمەكتە. شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتى مەزكۇر كىتابنى دەرسلىك قىلىپ ئىشلىتىۋاتقانلىقى ھەققىدە يېزىپ بەرگەن ئىسپات خېتىدە: " ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي تۈزگەن بۇ كىتاب قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق، ئىلمىيلىكى مۇناسىپ، تىلى گۈزەل، شەرھ - ئىپادىلەش پاساھەتلىك بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن، مۇقام ئورۇنلاش كەسپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرسلىك ماتېرىيالى قىلىپ ئىشلىتىشىگە تازا باپ كەلدى. شۇڭا، بۇ كىتاب مەزكۇر مۇقام ئورۇنلاش كەسپىنىڭ ئوقۇش ماتېرىيالى جەھەتتىكى بوشلۇقىنى تولدۇرۇپ بەرگەن نادىر ئەسەر ھېسابلىنىدۇ." دېيىلگەن.

  «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى » (2007- يىل 6- ئاي، بېيجڭ مىللەتلەر نەشرىياتى نەشرى، 400 مىڭ خەت ) بۇ كىتاب شۇ تاپتا، ئۇيغۇر تىل – ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ بېيجىڭ مائارىپ ئىدارىسى تەرىپىدىن «2006 – يىللىق بېيجىڭ شەھرى دەرىجىلىك سەرخىل دەرس» باھالانغان «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دەرسى »نىڭ خاس دەرسلىك كىتابى قىلىپ قوللىنىلماقتا.

  «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تېكىستلىرى ئۈستىدە تەتقىقات»(2009-يىل 6-ئاي، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى نەشرى، 920 مىڭ خەت). بۇ كىتاب، شۇ تاپتا، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىنىڭ ماگىستېرانت ۋە دوكتورانتلىرى ئۈچۈن ئېچىلغان «ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتى» دەرسىنىڭ دەرسلىك ماتېرىيالى قىلىپ قوللىنىلماقتا.

  «كور خېرىدار» ( ھېكايىلەر توپلىمى، 1989- يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى نەشرى؛ 2000- يىل 2- نەشرى ).

  «ئۇيغۇردا ئەبگالىق» ( تەنقىدىي رېئالىزم ئەسىرى، 1996 – 1997 – يىللىق «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلى ). ئۇيغۇر تەنقىدىي رىئالىزىم ئەدەبىياتىنىڭ دۇردانىسى دېيىشكە بولىدىغان بۇ ئەسەر 20 – ئەسىر ئۇيغۇر دۇنياسىدا ئەڭ كۆپ تارقىغان ئەسەر سانىلىدۇ. 2001- يىلى گىرمانىيىلىك ئۇيغۇرلار بۇ نادىر ئەسەرنى ئاق تاشلىق كىتاب قىلىپ نەشر قىلغان.

  «رادىل ئابلا تەڭلىمىسى ۋە ئۇيغۇر تۇرمۇش پەلسەپىسى» ( پوپىلېر ئەسەر، ‹كروران› ژۇرنىلى 2005- يىللىق 5- سان ). بۇ ئەسەر 2006- يىلى، «كروران» ژۇرنىلى تەرىپىدىن «ئۇيغۇرلار ۋە تەرەققىيات تېمىسىدىكى مۇنەۋۋەر ئەسەر» باھالىنىپ مۇكاپاتلانغان.«نەۋروز ھەققىدە» (نەسىر، 2006- يىل، 3- ئاينىڭ 22- كۈنى، مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە ئاڭلاتقان)،

  «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى ۋە ناممۇقام ناخشىسى» («جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى 2006-يىللىق 3-سان)

  «گۇمنام – ھىرقەتىينىڭ ئۆلۈمسىز غەزىلى ‹كاشغەر› ھەققىدە»، «قەشقەر پىداگوگىكا ئىنستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى » 2007 – يىل 1- سان.

  «مۇئەللىم» (نەسىر، «جۇڭگو مىللەتلىرى» 2007- يىللىق 1- سان )

  «ئوقۇغۇچى» (نەسىر، «كروران» ژۇرنىلى 2007- يىللىق 2- سان)

  «كاشغەرىي يىلى» (ناخشا تېكىستى. «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلى 2008-يىللىق 6-سان)

  «مېنىڭ كاشغەرىي يىلىم» (ئەدەبىي خاتىرە. «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى، 2009-يىللىق 1-2-3-4-5-سانلار)

  «ئۆگىنىش ئېڭى- نۇسرەتنىڭ تېڭى» (نەسىر. «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» 2009-يىللىق 3-سان) قاتارلىقلار بار.ئىلمىي ۋە سىياسىي مۇھاكىمە ماقالىلىرى:

  «‹مۇھاكەمەتۇل لۇغەتەين› دىن ‹مەئارىفۇل لۇغەتەين› (قوش تىل مائارىپى) غىچە – ئەلىشىر نەۋائىي ئەسەرلىرى سېلىشتۇرما تەتقىقاتىغا مۇقەددىمە » ( «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلى 2002- يىل 6- سان )،

  «ھەق ۋە ھوقۇق مەرىپىتى ئۇيغۇر مەۋجۇدلۇقى ۋە تەرەققىياتنىڭ مەڭگۈلۈك ئۇل تېشى » ( «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى 2004- يىل 1- سان )،

  «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز ئۆلچىمىنى بېكىتىش ھەققىدە » (< تىل ۋە تەرجىمە> ژۇرنىلى، 2005-يىللىق 1-سان)

  «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تېكستلىرى بويىچە سېلىشتۇرما تەتقىقات ئېلىپ بېرىشنىڭ رېئال ئەھمىيىتى توغرىسىدا » (‹شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى› ژۇرنىلى 2006- يىللىق 3- سان ).

  «مۇسا سايرامىي ۋە ئۇيغۇر تارىخشۇناسلىقى» ( «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» ژۇرنىلى 2007- يىللىق 1- سان )«ئۇيغۇر چۆلئىراق مۇقامى تېكىستلىرى ئۈستىدە تەتقىقات» («شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» 2009-يىللىق 2-سان)

  «ئۇيغۇر مۇشاۋەرەك مۇقامى تېكىستلىرى ئۈستىدە تەتقىقات» («قۇمۇل ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2009-يىللىق 3-سان) قاتارلىق يۈز نەچچە پارچە.

  دوكتورانت يېتەكچىسى، پروفېسسور، دوكتور ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكاني ئەپەندى نۆۋەتتە، «ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى تېكىستلىرىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» ۋە «‹تارىخى ھەمىدىي›نىڭ تىلى ئۈستىدە تەتقىقات» ماۋزۇلۇق ژىرىك ئەسەرلىرى ئۈستىدە جىدەللەپ ئىشلىمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى دوكتور ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىسىنىڭ دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئېلىپ تاشلىدى
      ·138 ئالىي مەكتەپ 180 تۈردە 2014-يىللىق دۆلەتلىك پەن تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى 
      ·ئامېرىكىدا بالىنى 18 ياشقىچە بېقىش ئۈچۈن 245 مىڭ دوللار كېتىدۇ
      ·2015-يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باھالاش ئۆلچىمىنى ئۆزگەرتىدۇ، جەريان خاراكتېرلىك ب…
      ·شىنجاڭ: ئەڭ ياخشى مائارىپ بايلىقىنى ئەڭ چەت رايونلارغا يەتكۈزىمىز
      ·«تولۇق 3-يىللىقتا پەقەت ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، خەنزۇ تىلىنىلا ئۆگىنىشكە بولمايدۇ»
      ·دۆلەت ھۆكۈمەتنىڭ ئەۋەتىشى بىلەن چەت ئەلدە ئوقۇشقا بۇ يىل 23 مىڭ كىشى قوبۇل قىلدى
      ·جۇڭگو-قازاقىستان مەركىزىي بانكىلىرى ئۆز پۇللىرىنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىدى
      ·مەرھابا ئاسپىرانت قىزلار، تىرىشچانلىقىڭلارغا ئاپىرىن
      ·تۈركىيە ۋە ئىتالىيە زۇڭلىسى بىرلەشمە مۇخبىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى(1)