ھەر بىر ئىنساننىڭ ھاياتىدا شۇ ئىنساننىڭ ياشام ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن بىر ئىنسان بولىدۇ ۋە ئىنسان ھايات مۇساپىسىدە شۇ ئىنساننىڭ ئېسىل خىسلەتلىرىدىن داۋاملىق ئۈلگە ئېلىپ ئۆزىنى تاكامۇللاشتۇرىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش تۆھپىكار ئۇستاز ئابدۇرەئوپ پولات مۇئەللىمنىڭ ھاياتىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن ۋە ھېلىھەم كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان پەزىلەت ئىگىسى ــ مەرھۇم خەمىت تۆمۈر ئەپەندى بولۇپ، زىيارىتىمىزدە ئابدۇرەئوپ مۇئەللىم ئىپتىخار بىلەن ئۇستازىنىڭ ئېسىل خىسلەتلىرىنى ماختىدى.
ئاتاقلىق تىلشۇناس ھەم پېشقەدەم ئۇستاز خەمىت تۆمۈر كېسەل سەۋەبلىك 2006- يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى 75 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.