باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەدەنىيەت

خەلقىمىزدە سېۋەتچىلىك مەدەنىيىتى

2016.10.18 14:55         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سېۋەت ئىچىگە نەرسە – كېرەك سېلىش ۋە سامان، توپا، قىغ قاتارلىقلارنى توشۇش ئۈچۈن دەرەخ چىۋىقلىرىدىن يۇمۇلاق، ئېللىپىس ۋە قاپقاقلىق ھالەتتە توقۇلىدىغان تال توقۇلما بۇيۇمى. بىزدە ‹‹سەۋەب قىلساڭ سېۋەتتە سۇ توختايدۇ››، ‹‹سېۋەت سېپىدىن بىلىنەر، باخشى دېپىدىن بىلىنەر››، ‹‹سېۋەتتە سۇ توختىماس››، ‹‹سېۋەت توشقاندا تېزەك ئۇچراپتۇ››، ‹‹سېۋەتكە سۇ ئۇسسۇپتۇ››، ‹‹سودىگەر مال تاللايدۇ، سېۋەتچى تال تاللايدۇ›› دېگەندەك ماقال – تەمسىللەر بار. سېۋەتنىڭ نان سېۋىتى، باققال سېۋىتى، ئۈجمە سېۋىتى، ئۈزۈم سېۋىتى، پۇلۇك سېۋەت، كۇۋۇك سېۋەت، كۈشۈك سېۋەت دېگەن تۈرلىرى بار.

  پۇلۇك سېۋەت – بۇ سېۋەتنىڭ توقۇلۇشى ۋە كېتىدىغان ماتېرىيالى باشقا سېۋەتلەرنىڭكىگە ئوخشايدۇ. بىراق شەكلى ئوخشىمايدۇ. پۇلۇك سېۋەت ئىككى تۈرلۈك بولۇپ، بىرى تۆت چاسا شەكىلدە بولۇپ، تۆت تەرىپىگە ئۆزىدىن تۆت تۇتقۇچ چىقىرىلىدۇ. يەنە بىر خىلى ئېللىپىس شەكلىدە سوزۇنچاق بولۇپ، ئىككى باش تەرىپىدىن ئۆزىدىن تۇتقۇچ چىقىرىلىدۇ. بۇنداق سېۋەتلەر ئاساسەن مېۋە يۆتكەشكە ئىشلىتىلىدۇ. يەنى تۆت تەرىپىگە تۆت تۇتقۇچ چىقىرىلىپ سېۋەتنى ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ ئادەم كۆتۈرۈشكە ئەپلىك بولغاچقا، باغۋەنلەر كۆپرەك ئىشلىتىدۇ.

  كۇۋۈك سېۋەت – بۇ مەخسۇس كەپتەرلەرگە ئۇۋا ياساپ بېرىش ئۈچۈن ئۈجمە، تېرەك، ئانار، يۇلغۇن، توغراق قاتارلىقلارنىڭ تېلىدىن توقۇلىدىغان سېۋەت بولۇپ، شەكلى يۇمۇلاق، ئىچى چوڭقۇرراق بولىدۇ.

  كاجۇۋا – ئۇلاغلارغا ئارتىشقا مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ خۇرجۇنغا ئوخشاش توقۇلغان سېۋەتتىن ئىبارەت.

  چوكىلىق – چوكا، قوشۇقلار سېلىنىدىغان ياكى كۆكتات، مېۋە قاتارلىقلارنى سالىدىغان كىچىك سېۋەت.

  كۈشۈك سېۋەت – دېھقانچىلىق ئىشلىرىغا قاتناشتۇرۇلىدىغان ھايۋانلارنىڭ ئاشلىقنى بىھۇدە يەپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ھايۋانلارنىڭ تۇمشۇقىغا كىيدۈرۈپ قويۇلىدىغان، ھايۋانلار تۇمشۇق شارائىتىنى چىقىش قىلىپ توقۇلغان سېۋەتتىن ئىبارەت. بۇ سېۋەت ھايۋانلارنىڭ ئاشلىق زىرائەتلىرىنى بىھۇدە يەپ بۇزۇۋېتىشىنىڭ، مۇھىمى ھايۋان شۆلگەيلىرىنىڭ ئاشلىقنى بۇلغىۋەتمەسلىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

  سېۋەت توقۇشنىڭ جەريان ۋە قەدەم – باسقۇچلىرى

  ئالدى بىلەن توغراق، سۆگەت، ئۈجمە، يۇلغۇن ۋە تال قاتارلىقلاردىن چىۋىق كېسىۋېلىنىدۇ. كېسىۋېلىنغان چىۋىقلار ئۇزۇن – قىسقىلىقى بويىچە تاللىنىپ ئايرىلىدۇ. ئاندىن توقۇماقچى بولغان سېۋەتنىڭ چوڭ – كىچىكلىكىنى ئالدىن پىلانلىۋېلىپ شۇنىڭغا قارىتا سېۋەتنىڭ تۈۋى سېلىنىدۇ. سېۋەتنىڭ چوڭ – كىچىكلىكىگە ئاساسەن سېۋەتنىڭ تۈۋىنى سېلىش ئۈچۈن سېلىنىدىغان چىۋىق سانى ئوخشىمايدۇ. ئادەتتە 16 تال، 20 تال، 24 تال چىۋىق ئىشلىتىلىدۇ، تۆت گۇرۇپپا چىۋىق ئۈستى – ئۈستىلەپ توقۇلۇپ سېۋەت تۈۋى ھاسىل قىلىنىدۇ. شۇنىڭدا سېۋەت تۈۋىنى سېلىش ئۈچۈن جەمىئىي 24 تال چىۋىق كېتىدۇ. سېۋەت تۈۋى پۈتكەندىن كېيىن، سېۋەت تۈۋىدىكى چىقىپ قالغان چىۋىق ئۇچلىرى قايچا بىلەن كېسىپ ئېلىۋېتىلىپ، سېۋەت تۈۋى تەكشىلىنىدۇ. ئاندىن ئىككى تال چىۋىق غوللارغا ئالماشتۇرۇپ توقۇلۇپ، غوللار قايتا مۇستەھكەملىنىدۇ. ئاندىن سېۋەت بېغى مۇۋاپىق بېكىتىلىپ بولغاندىن كېيىن، توقۇش باشتىكى تەرتىپ بويىچە داۋام قىلىدۇ. يەنى ئىككى تال چىۋىق ئېلىنىپ، بىرى غولنىڭ كەينىدىن تەرتىپ بويىچە ئۆتكۈزۈلۈپ توقۇلىدۇ. نەتىجىدە بۇ ئىككى چىۋىق ھەر بىر غولنى ھەم باغنى بىر قېتىم يۆگەپ چىقىدۇ. يەنى سېۋەت بېغى غولنىڭ ئارىسىغا ئېلىنىپ توقۇلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن باغ سېۋەت تېگىگە مۇستەھكەم باغلىنىدۇ. ئاندىن بىر تال چىۋىق ئېلىنىپ، تەرتىپ بويىچە توقۇلۇپ كەلگەن غولغا سانجىلىپ توقۇش باشلىنىدۇ. شۇ بويىچە ئىزچىل توقۇلۇپ، ئۆزى ئېھتىياجلىق بولغان سېۋەت ئېگىزلىكىگە بەش – ئالتە سانتىمېتىر قالغاندا توختايدۇ. سېۋەتنىڭ ئاغزىنى يىغىشتا، ئالدى بىلەن 48 تال يوغان ئۇچ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. بۇنىڭدا سېۋەت ئېگىزلىكى بىلەن تەڭ تۇرغانلىرى شۇ بويىچە قالدۇرۇلىدۇ. ئەگەر بەزى يوغان ئۇچلار سېۋەت ئېگىزلىكىدىن ئېشىپ كەتكەن بولسا، كېسىپ ئېلىۋېتىلىپ، سېۋەت ئېگىزلىكى بىلەن تەڭ قالدۇرۇلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر