باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەدەنىيەت

مىننەتدارلىق ۋە مېھىر – مۇھەببەت

2016.10.18 14:53         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلقىمىزدە ‹‹ياخشىلىققا ياخشىلىق قايتۇر›› دەيدىغان ھېكمەت بار. باشقىلارنىڭ ياردىمىگە، ھېسداشلىقىغا ئېرىشكەندە رەھمەت – ھەشقاللا ئېيتىش، ياخشىلىقلىرىغا ياخشىلىق قايتۇرۇش ئىنساندىكى ئېسىل پەزىلەت.

  مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش بۇرۇندىن تارتىپ داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئېسىل خىسلەت ۋە گۈزەل ئەخلاق – پەزىلەتلەرنىڭ بىرى. بىر تامچە سۇ پەقەت پايانسىز دېڭىز، دولقۇنلۇق دەريا – ئېقىنلىرىغا قوشۇلغاندىلا ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالالىغانغا ئوخشاش، ئادەملەرمۇ يالغۇزلۇق، يەككە – يېگانىلىق بىلەن ئەمەس، جەمئىيەت قايناملىرىدا كىشىلەر ئارىسىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ. شۇڭا ئادەم ياشاش جەريانىدا باشقىلارنىڭ ھەرخىل ياردىمىگە، قوللاش، كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈش، تەقدىم قىلىشلىرىغا موھتاج بولۇپ تۇرىدۇ.

  دۇنيا ئىللىقلىققا تولغان، كىشىلىك مۇناسىۋەت ۋە جەمئىيەت مېھىر – مۇھەببەت ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇپ، ياخشىلىق، ياردەم بېرىش، كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ تەسىرلىك كۈيلىرى ياڭراپ، قەلبىمىزنى تەسىرات ۋە ھاياجانلىق ھېسلىرىنىڭ سۈيى بىلەن قاندۇرۇپ كەلمەكتە. ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق، ئۆلۈم گىردابىدا جان تالىشىۋاتقانلارغا ئۆز ھاياتى بىلەن ھېسابلاشماي ۋۇجۇدىدىكى قىممەتلىك ئەزالىرىنى تەقدىم قىلىپ باشقىلارغا يېڭى ھاياتلىق ئاتا قىلغانلارنى، يېتىملىك ۋە بىچارىلىكنىڭ ئازابلىرىدا ئىڭراۋاتقان بالىلارغا مېھىرلىك باغرىنى ئېچىپ قەلبىنى ئىللىتىۋاتقان پەرىشتە سۈپەت كىشىلەر، ئېغىر قىيىنچىلىق، موھتاجلىقتا ھالسىزلىنىۋاتقانلارغا سېخىي قولىنى سۇنۇۋاتقان ساخاۋەتچىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئېسىل خىسلىتىنى نامايان قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. مېنىڭچە بۇلار ھەقىقىي مېھىر – مۇھەببەتلىك كىشىلەردۇر. بىراق، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ تېزلىشىشى، ئىقتىسادنىڭ يېتەكچى ئورۇنغا ئۆتۈشى، ئىستېمال سەۋىيەسىنىڭ كۈندىن – كۈنگە ئېشىپ بېرىشى بىلەن كىشىلەرگە ھەر جەھەتتىن خاتىرجەم، بەختلىك ياشاش پۇرسىتى ھازىرلاپ بېرىلگەن بولسىمۇ، بىرقىسىم كىشىلىرىمىز شەخسىيەتچىلىك ئىدىيەسىنىڭ پاتقىقىغا چوڭقۇر پېتىپ، ئۇلاردىكى مىننەتدارلىق ئېڭى سۇسلاپ، ئادىمىيلىك يوقاشقا باشلىدى. ئۇلاردا جاپا چېكىشنى خالىماسلىق، تەييارتاپلىق، باشقىلارغا يۆلىنىۋېلىش، پايدا – مەنپەئەت قوغلىشىش، مەسئۇلىيەتتىن قېچىش خاھىشى ئەۋج ئالدى.

  مىننەتدارلىقنى بىلمەسلىك، كىشىلەر ئارىسىدىكى مېھىر – مۇھەببەتنىڭ سۇسلىشىشى، جەمئىيەتتىن، تۇرمۇشتىن نارازى بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. جەمئىيىتىمىزدە مىننەتدارلىق تۇيغۇسىنى ئەۋج ئالدۇرۈشنىڭ، مىننەتدارلىق تەربىيەسى بېرىشنى كۈچەيتىشنىڭ ئەھمىيىتى زور. بۇ ئادىمىيلىك ۋە ئەخلاق – پەزىلەت تەربىيەسىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ئارقىلىق كىشىلەر ئارىسىدىكى مېھىر – مۇھەببەتنى كۈچەيتكىلى، ئۇلارغا دۇنيانىڭ، جەمئىيەتنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرغىلى، ياشاشنىڭ ئەھمىيىتىنى تونۇتقىلى، شۇنداقلا ئېلىشنىلا بىلىپ بېرىشنى، تەقدىم قىلىشنى بىلمەيدىغان خاھىشنى ئۆزگەرتكىلى، ئورۇنسىز رەنجىش ۋە ئاغرىنىشنى تۈگەتكىلى بولىدۇ. شۇنداق ئېيتىشقا بولىدۇكى، مىننەتدارلىقنى بىلگەن كىشىنىڭ قەلبى چوقۇم مېھىر – مۇھەببەتكە تولغان بولىدۇ. ھەممىمىزنىڭ قەلبى مىننەتدارلىق تۇيغۇسىغا، مېھىر – مۇھەببەتكە تولسۇن!


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر