باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەدەنىيەت

خەلقىمىزدە ھەيكەلتىراشلىق مەدەنىيىتى

2016.10.10 14:05         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھەيكەلتاراشلىق شەكىل يارىتىش سەنئىتىنىڭ بىر تۈرى بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلغان مەزگىللىرىدە ئىنتايىن زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەنلىكىنى كېرىيە ناھىيەسىنىڭ قارا خارابىسىدىن قېزىۋېلىنغان بەشىنچى ئەسىرگە تەۋە تاتخاگانا بۇددا دىنىنىڭ ھەيكىلى، خوتەندىكى يوتقان خارابىسىدىن قېزىۋېلىنغان ساپال قۇش، تۇرپاندىن قېزىۋېلىنغان لاي قونچاق، رەڭلىك لاي ئات ھەيكىلى، ساماۋى خانغا تەقلىد قىلىنغان رەڭلىك ياغاچ ھەيكەل، قاراشەھەردىن قېزىۋېلىنغان ياغاچتىن ئويۇلغان ۋاجرا پالۋان ھەيكىلى، يەنە لايدىن ياسالغان ئەر كىشىنىڭ بېشى ۋە بۇدساتۋا بېشى قاتارلىقلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. تەتقىقاتچىلارنىڭ بايانلىرىغا ئاساسلانغاندا، دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن ئۇيغۇر ھەيكەلتاراشلىقى ئۆزگىچە ئۇسلۇب ۋە مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، ئاساسلىق ماتېرىيالى گەج، پولات چىۋىق، ماتا، پاخال ۋە تۇخۇم قاتارلىق يەرلىك مەھسۇلاتلار بولغان.

  گەج بىر خىل ئانئورگانىك بىرىكمە. سۈزۈك كىرىستال ھالەتتە بولۇپ، ئاق، ئاچ سېرىق، شاپتۇل چېچىكى رەڭ ياكى كۈل رەڭ كېلىدۇ. كۆپ قىسمى تەبىئىي چىقىدۇ. ئادەتتە بىناكارلىق قۇرۇلۇشلىرى، ھەيكەلتاراشلىق، نەققاشلىق ساھەلىرىدە كۆپ ئىشلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا تېڭىقچىلىقتا سۇنغان ياكى چىقىپ كەتكەن ئۈستىخانلارنى گىپىسلاش ماتېرىيالى قىلىنىدۇ. ئادەتتە ھەيكەلتاراشلار گەجنى بېلىق گەج ۋە توم گەج دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىيدۇ. بېلىق گەج ئۇزۇنچاق بولۇپ، چىداملىق كېلىدۇ. توم گەج ئۇيۇل ھەم يوغان بولىدۇ. ئۇيغۇر ھەيكەلتاراشلىرى ئاساسەن بېلىق گەجنى ئىشلىتىدۇ. بېلىق گەجنى تەييارلاش ئۈچۈن ئالدى بىلەن گەجنى تونۇردا پىشۇرۇپ سوقۇپ تالقانلاپ ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ مەلۇم مىقداردىكى گەجنى سۇغا سېلىپ دوغاپ ھالىتىگە كەلتۈرۈپ، مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن گەج لىغىرلاپ تۇرغان ئىسسىق قان ئۇيۇتمىسىدەك قاتقاندىن كېيىن ئىشلىتىدۇ.

  پولات چىۋىق پولاتتىن ياسالغان ھەيكەل گەۋدىسىنى تۇرغۇزۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان چىۋىقتىن ئىبارەت بولۇپ، توغرا كەسمە يۈزى ۋە سىرتقى شەكلىگە قاراپ بىر قانچە تۈرگە بۆلىنىدۇ. ئۇيغۇر ھەيكەلتاراشلىرى ئادەم ياكى ھايۋانات ھەيكىلىنى ياسىماقچى بولسا، ئالدى بىلەن پولات چىۋىق ئارقىلىق ئۇنىڭ مودىلىنى قۇرۇپ چىقىپ، مودىلنى سىرلاپ ئۈستىگە ماتا ياكى پاخال يۆگەپ ھەيكەلنىڭ ئەزا كۆرۈنۈشلىرىنى مۇقىملاشتۇرىۋالىدۇ. ئاندىن لىغىرلاق ھالىتىدە قاتقان گەجنى ھۆل ۋاقتىدا ماتا ياكى پاخال ئۈستىگە سۇۋايدۇ. سۇۋالغان گەج مەلۇم قېلىنلىققا يەتكەندە پۇشتىگەردان، بۇرەندەگەردان، نوركەشگەردان، زىقچىگەردان ۋە ئىسكىنەگەردان قاتارلىق ھەيكەلتاراشلىق ئەسۋابلىرى بىلەن سايمانلارنىڭ ياردىمىدە قىرىش، يۇنۇش يولى ئارقىلىق ھەيكەلنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىنى پۈتكۈزىدۇ. ھەيكەل پۈتكەندىن كېيىن تۇخۇمنىڭ ئېقىنى ماتا بىلەن ھەيكەل يۈزىگە سۇۋاپ پەرداز قىلىدۇ. تۇخۇم ئېقى بىلەن ھەيكەلنى پەرداز قىلغاندا ھەيكەل پارقىراق، سىلىق بولۇش بىلەن بىللە يېرىلمايدۇ. يامغۇر ۋە نەملىكنى قوبۇل قىلمايدۇ. ئۇزاق مۇددەت تۇپراق ئاستىغا كۆمۈلۈپ قالسىمۇ ئەسلىي ھالىتى ئۆزگەرمەيدۇ. ئۇيغۇر ھەيكەلتاراشلىرى ئۆز ماھارەتلىرىنى ئۇيغۇر بىناكارلىق سەنئىتىگە قارىتىپ، تام – تورۇس، دېرىزە – ئىشىك گىرۋەكلىرىگە، مىھراپلارغا، مۇنار، گۈمبەزلەرگە ھەر خىل گەج ئويما نەقىش بىلەن گۈل سىياقى، غۇنچە پورەكلىرى، مېۋە – چىۋىلەر، بۇغا – ماراللار، تۈرلۈك چالغۇ ئەسۋاب، ئۆي بىسات ۋە ھۆسنخەتلەرنى چۈشۈرۈش ئارقىلىق نامايان قىلىپ كەلگەن. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئۇيغۇر ھەيكەلتاراشلىقى قايتىدىن جانلىنىپ، نۇرغۇن بەدىئىي قىممەتكە ئىگە ھەيكەللەر دىيارىمىزنىڭ ھەر قايسى جايىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر