باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەدەنىيەت

پۇشپاك ئۇسسۇلى

2016.08.25 13:58         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۇيغۇر ئۇسسۇللىرى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئۇزاق يىللىق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدىكى ياشاش ئادىتى، ئېتىقادى، مەدەنىيەت جۇغلانمىلىرى مۇجەسسەملەنگەن سەنئەت شەكلى بولۇپ، ئۇنىڭغا ئەمگەكچان، باتۇر، ئىشچان خەلقىمىزنىڭ خۇشاللىقى، قايغۇ – ھەسرىتى، مۇڭ – زارى چوڭقۇر سىڭگەن. ئۇيغۇرلار ھەرقايسى تارىخىي دەۋرلەردە ئۆزلىرى ياشىغان جۇغراپىيەلىك ئورۇن، شوغۇللانغان ئىگىلىكى ۋە ئېتىقادىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن ئوخشىمىغان مەدەنىيەت ئەندىزىسىنى ياراتقان بولۇپ، ئۇيغۇر ئۇسسۇلى تارىخىنىڭ ئۇزۇنلۇقى، شەكلىنىڭ رەڭدارلىقى، ئوينىلىش ۋە ئىپادىلەش شەكلىنىڭ ئۆزگىچىلىكى بىلەن باشقا ئۇسسۇللاردىن مەلۇم دەرىجىدە پەرقلىنىپ، ئۆزىنىڭ تارىخىي جۇلاسىنى نامايان قىلىپ كەلگەن.

  ئەجدادلىرىمىز ئىجاد قىلغان تۈرلۈك ئۇسسۇللار ئىچىدە تەخسە ئۇسسۇلى، ساپايى ئۇسسۇلى، داپ ئۇسسۇلى، ساماۋەر ئۇسسۇلى، تاش ئېتىش ئۇسسۇلى، ئوق ئۇسسۇلى، توخۇ ئۇسسۇلى قاتارلىق ئۇسسۇللار ئۇيغۇر ئۇسسۇل سەنئىتىدە ئالاھىدە ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىنىپ سەھنىلەردە ئوينىلىپ، ئۇسسۇل سەنئىتىمىزنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تونۇتۇشتا تۈرتكىلىك رول ئويناپ كەلدى. لېكىن، بىر قىسىم يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇسسۇل سەنئىتىمىز دەۋر تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ زامانىۋى مەدەنىيەت ھادىسىلىرى ئىچىدە كۈچلۈك رىقابەتتە ئۆز رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرالماي كېلىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ، ئۈستۈن ئاتۇش دىيارىدا خەلق ئاممىسى ئارىسىدا ئومۇملىشىپ يېقىنغىچە توي – تۆكۈنلەردە ئوينىلىپ كەلگەن، ئەمما زامانىۋى مەدەنىيەت – سەنئەت دەۋرىدە ئىزچىل ۋارىسلىق قىلىش تەكىتلەنمىگەنلىكتىن ئاساسەن ئۇنتۇلۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان پۇشپاك ئۇسسۇلى بۇنىڭ كۈچلۈك دەلىلى.

  ئەمەلىيەتتە قارايدىغان بولساق، ئۇيغۇر ئۇسسۇللىرىنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئىپادىلەش شەكلى ۋە ئورۇنلاش جەھەتتىن، ناخشىلىق ئۇسسۇل ۋە مۇزىكىلىق ئۇسسۇلغا ئايرىلىدۇ. لېكىن پۇشپاك ئۇسسۇلى ھەر ئىككىلىسىگە ئوخشىمايدۇ. پۇشپاك ئۇسسۇلىدا ھېچقانداق مۇزىكا تەڭكەش قىلىنمايدۇ، ناخشىمۇ ئېيتىلمايدۇ، چاۋاكمۇ چېلىنمايدۇ. پەقەت ئۇسسۇل ئوينىغۇچى ئېغىزىدا ئىسقىرتقاندەك شەكىلدە پۇشپاك ئېيتىپ، ئۆزى بىلىدىغان بىر خىل كۈي – ئاھاڭغا كەلتۈرۈپ ئوينايدۇ. بۇ خىل ئۇسسۇلدا مەخسۇس مۇزىكا تەڭكەش قىلىنمىغاچقا، پۇشپاك ئوينىغۇچى ئېغىزىدا نەپەس ئېلىش، نەپەس چىقىرىشتا كالپۇكىدىن يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئاھاڭ چىقارغانلىقتىن، ناھايىتى يۇقىرى كۈچ تەلەپ قىلىدۇ. بۇ خىل ئۇسسۇلدا ئېغىز، پۇت ۋە قول ھەرىكىتىنىڭ ماسلىشىشى ناھايىتى مۇھىم بولۇپ، پۈتۈن بەدەن پۇشپاككا ئەگىشىپ سىلكىنىپ ئوينىلىدىغان بولغاچقا، كۆتۈرەڭگۈ – مەردانە، تېتىك، جانلىق ئوينىلىدۇ. ئۇسسۇلنىڭ تۈسى ئۆزگىچە بولۇپ، پىرقىراش، سىيرىلما، سەكرەتمە ھەرىكەتلىرى ئۇيغۇر خەلق ئۇسسۇلىدىكى ئۆزگىچە ئىپادىلەش ئۇسلۇبى بىلەن ئورتاقلىققا ئىگە. بۇ ئۇسسۇل ئىنتايىن ئەركىن، جانلىق بولۇپ، مۇقىم بېكىتىلگەن بەدەن ھەرىكىتى تەلەپ قىلىنمايدۇ. ئۇسسۇلچى ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا پۇشپاك چىقىرىپ خالىغان شەكىل، ھەرىكەتلىرى بىلەن ئوينىسا بولىدۇ. بىر ئادەم تەنھا ئوينىسىمۇ، ئىككى ئادەم ئوينىسىمۇ، ئۈچ، تۆت، بەش ئادەم ئوينىسىمۇ ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ئادەم بىللە ئوينىسىمۇ بولۇۋېرىدۇ. ھېيت – بايرام، توي – تۆكۈنلەردە كۆپ ئوينىلىدۇ.

  پۇشپاك ئۇسسۇلى ئەنئەنىۋى خەلق ئۇسسۇللىرى ئىچىدە مەلۇم نام بىلەن ئاتىلىپ، كەڭ ئومۇملاشقان ئەل ئىچى ئۇسسۇللىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنمىسىمۇ، لېكىن ئۈستۈن ئاتۇشتا ئەڭ ئومۇملاشقان ئۇسسۇللارنىڭ بىرى. بۇ ئۇسسۇل تارىختىن بېرى ھەر قايسى كەنت – مەھەللىلەردە، توي – تۆكۈن، مەشرەپلەردە كەڭ ئوينىلىپ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ كەلگەنىدى. لېكىن جەمئىيەتنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتى، زامانىۋى ئۇسسۇل، چەت ئەل ئۇسسۇلى ۋە باشقا قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرىنىڭ مىللىي ئۇسسۇلچىلىقىمىزغا سىڭىپ كىرىشى بىلەن بۇ خىل نادىر سەنئەتلىك سەرمايىمىز ئاساسىي جەھەتتىن بىر قىسىم پېشقەدەم خەلق ئۇسسۇلچىلىرىدا ساقلىنىپ قالدى. يېقىنقى يىللاردىن بېرى بىر قىسىم نادىر ئۇسسۇللىرىمىز جىددىي قۇتقۇزۇلۇپ، دۇنياۋى مۇسابىقىلەردە ئاز بولمىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۇيغۇر ئۇسسۇلچىلىقىنى مىسلىسىز تەرەققىيات دەۋرىگە باشلاپ كىردى. بىز مىللىي ئۇسسۇل سەنئىتىمىزنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يەرلىك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە خەلق ئۇسسۇللىرىنىڭ يوشۇرۇن ھالقىلىرىنى ئەستايىدىل كۆزىتىپ، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ئېسىل مەدەنىيەت مىراسلىرىمىزنى جىددىي قۇتقۇزۇپ ئۇنى دۇنياۋى شۆھرەتكە ئىگە قىلىمىز دەيدىكەنمىز، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان پۇشپاك ئۇسسۇلىغا ئوخشاش يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇسسۇل سەنئىتىمىزنى تېخىمۇ چوڭقۇر قېزىپ چىقىرىشىمىز، ئۇنىڭ ئىجابىي تەرەپلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشىمىز، ئۇنى ياش ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تىرىشىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر