باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەدەنىيەت

ئۇيغۇرلاردا ھويلا-ئاران مەدەنىيىتى ۋە چۈجەم

2016.07.04 15:20         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭنىڭ مېۋە – چىۋە ماكانى ئىكەنلىكىنى ھەممەيلەن بىلىدۇ. بۇنداق بولۇشنىڭ چوڭقۇر تارىخىي ئاساسى ۋە ئىجتىمائىي ئارقا كۆرۈنۈشى بار. ئۇيغۇرلار تارىختىن بۇيان بۇلاق، دەريا – ئۆستەڭلەرنى چۆرىدەپ يۇرت – ماكان قۇرۇشقا ۋە ياشاش مۇھىتىنى كۆكەرتىشكە ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ نەزەرىدە سۇ ۋە يېشىللىق ھاياتلىق ۋە تەرەققىياتنىڭ ئاساسى دەپ قارىلىدۇ. شۇ ۋەجىدىن ئەقىل – پاراسەتلىك، ئەمگەكچان ئەجدادلىرىمىز كۆچەت تىكىشنى ياخشىلىق دەپ قاراپ، ھويلا – ئارانلىرىغا ۋە كوچا – كوي بويلىرىغا، شۇنداقلا ئېتىز چۆرىلىرىگە ھەر خىل مېۋىلىك، مېۋىسىز كۆچەتلەرنى تىكىپ، يۇرت مۇھىتىنى ياخشىلاشقا مېھنەت سىڭدۈرۈشنى، بالا – چاقىلىرى ۋە يۇرت ئەھلىگە بەخت ئاتا قىلىشنى ئۆزلىرىنىڭ مەجبۇرىيىتى دەپ قارىغانلىقتىن، ئالدى بىلەن ئۆي ئەتراپىغا مېۋىلىك كۆچەتلەرنى تىكىپ، ياشاش مۇھىتىنى گۈزەللەشتۈرۈش بىلەن بىللە، ھويلا – ئاران مەدەنىيىتى بەرپا قىلىشقا، باغۋەنچىلىكنى كۆلەملەشتۈرۈشكە، كۆكتاتلارنى تېرىشقا ئادەتلەنگەن.

  بوستانلىق(يېشىللىق )بەرپا قىلىش ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن مەدەنىيەت خاسلىقى. شىنجاڭدا باغۋەنچىلىك دېھقانچىلىقتىن قالسىلا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان ئىگىلىك شەكلى.

  جۈجەم(ئۈجمە) ھەممىدىن بۇرۇن پىشىدىغان، شۇنداقلا ھۆل پېتى يېسىمۇ، قۇرۇتۇپ يېسىمۇ بولىدىغان دورىلىق قىممىتى يۇقىرى مېۋە. جۈجەمنىڭ قارا جۈجەم، سۆسۈن جۈجەم، ئالغاي جۈجەم، ئاق جۈجەم دېگەندەك سورتلىرى بار. جۈجەمنىڭ مېۋىسىدىن باشقا، يوپۇرمىقى، يىلتىزى ۋە نوتا شېخىمۇ دورىلىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە، جۈجەمنى شىرنا قىلىپ ياكى قۇرۇتۇپ ساقلاپ يېيىشكىمۇ بولىدۇ. جۈجەم، ئۆرۈك، ئۈزۈم، چىلان، جىگدە، قوغۇن – تاۋۇز قاتارلىق مېۋىلەر بىر – بىرىگە ئۇلىشىپ پىشىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە جۈجەم ‹‹ئاۋام مېۋىسى›› دەپ قارىلىدۇ. شۇڭا جۈجەم ئادەتتە يول بويلىرىغا قاتارلاشتۇرۇپ تىكىلىدۇ، يەنە بەزىدە مەھەللە سىرتىدىكى ياكى ئېتىز ئەتراپلىرىدىكى بوش يەرلەرگىمۇ تىكىلىدۇ. جۈجەم ھېچكىم قورۇمايدىغان مېۋە بولغاچقا، ناتونۇش كىشىلەرمۇ بىمالال يەپ ھۇزۇرلىنىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر