باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەدەنىيەت

خەلقىمىزنىڭ خاراكتېر يېتىلدۈرۈش ئەنئەنىسى

2016.06.17 15:30         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خاراكتېر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە، باشقىلارغا ۋە تۈرلۈك شەيئىلەرگە تۇتقان پوزىتسىيەسى بولۇپ، ئۇ پىسخىك خۇسۇسىيەتلەرنىڭ يىغىندىسىدىن ئىبارەت. كىشىلەرنىڭ خاراكتېر جەھەتتىكى پەرقلىرى خىلمۇخىل بولىدۇ. بەزىلەرنىڭ ئۆزىگە، باشقىلارغا ۋە شەيئىلەرگە تۇتقان پوزىتسىيەسى، قىممەت قارىشى، دۇنيا قارىشى، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى ۋە جەمئىيەت قارىشىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. بەزىلەر ئۆزىگە تەلەپچان بولۇپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى كۈچلۈك، سۆز ۋە ھەرىكىتىنى كونترول قىلىشقا ماھىر، ئۆزىگە توغرا باھا بېرەلەيدۇ، يەنە بەزىلەر بىپەرۋا، بوشاڭ، ھۇرۇن، ئۆزىنىڭ قەدىر – قىممىتىگە سەل قارايدۇ.

  خاراكتېر ئىجتىمائىيلىشىش جەريانىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، ئۇ ئىجتىمائىي تۇرمۇش مۇھىتىدا تەدرىجىي شەكىللىنىدۇ. چۈنكى، ئادەمنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ۋە ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە قاتنىشىش جەريانىدا شەكىللەنگەن پوزىتسىيەسى تەدرىجىي ھالدا كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىشى ۋە دۇنيا قارىشى بىلەن باغلىنىپ، مۇقىم ۋە تۇراقلىق بولغان خاراكتېرنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. خاراكتېر تۇغما بولمايدۇ،ئۇنى كىشىلەرنىڭ ياشاش مۇھىتى بارلىققا كەلتۈرىدۇ، راۋاجلاندۇرىدۇ.

  خاراكتېرنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرلۈك ئامىللار تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئائىلە مۇھىتى، مەكتەپلەرنىڭ تەلىم – تەربىيە مۇھىتى، جەمئىيەتتىكى ئىجتىمائىي ئامىللار ۋە ئىجتىمائىي تۈزۈم قاتارلىقلار خاراكتېر دەرىخىنىڭ تۇپرىقى ھېسابلىنىدۇ. كىشى ئائىلە، مەكتەپ ۋە جەمئىيەتتىن ئىبارەت ئىجتىمائىي مۇھىت ئىچىدە ئۆسۈپ يېتىلىدۇ ۋە بۇ جەرياندا خاراكتېر شەكىللەندۈرىدۇ، ئەگەر ئاتا – ئانىلار، ئوقۇتقۇچىلار ۋە جەمئىيەت ئەزالىرى خاراكتېر تەربىيەسى ئۈستىدە ئىزدەنمەيدىكەن، ياش – ئۆسمۈرلەردە ساغلام خاراكتېر يېتىلدۈرۈش مەقسىتىگە يەتكىلى بولمايدۇ. ساغلام خاراكتېر ئىنسانلارنىڭ كىشىلىك ھاياتقا بولغان تونۇشىنى، مۇھەببەت – نەپرىتىنى، ئارزۇلىرىنى ئىپادىلەيدۇ.

  ئۇزاق زامانلىق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا ئەقىل – پاراسەتلىك ئاتا – بوۋىلىرىمىز قىممەتلىك ۋە ئىلمىي بولغان بالا تەربىيەلەش تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ چىققان ھەمدە بالا تەربىيەلەشنىڭ ئەھمىيىتىنى تونۇپ يەتكەن. ئۇلار بالىلىق مەزگىلىدىكى تەربىيەنىڭ بالىلارنىڭ كېيىنكى تەقدىرىگە زور تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلگەن. بالىلىقتىكى تەربىيەنى لاياقەتلىك، سۈپەت – ساپالىق ئادەم بولۇشنىڭ ئاساسى دەپ قارىغان. بولۇپمۇ، بالىلىقتا يېتىلگەن خاراكتېرنىڭ پۈتكۈل ھاياتىغا ۋە قانداق ئادەم بولۇپ چىقىشىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان مەنىۋى كۈچ ئىكەنلىكىنى يەكۈنلەپ چىقىپ، خاراكتېر يېتىلدۈرۈش تەربىيەسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن.

  پەرزەنتلەرنىڭ تۇنجى ئۇستازى ئاتا – ئانىدۇر. بالىلىق دەۋر ئەۋلادلارنىڭ خاراكتېر يېتىلدۈرىدىغان مۇھىم مەزگىل ھېسابلىنىدۇ. بالىلىق مەزگىلدە پەرزەنتلەر ئاتا – ئانىسىنىڭ تەربىيەسىنى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىدۇ ھەم ئۇلار بىلەن ئەڭ كۆپ بىللە بولىدۇ. بالىلىق مەزگىلدە پەرزەنتلەرنىڭ خاراكتېردىكى ئىجابىي ۋە سەلبىي تەرەپلەرنىڭ شەكىللىنىشى، راۋاجلىنىشى ۋە مۇستەھكەملىنىشى ھەم تېز ھەم ئاسان بولغانلىقى ئۈچۈن، بالىلار ئاتا – ئانىسىنىڭ سۆز – ھەرىكەتلىرىنى دوراپ ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى ئۆگىنىشكە باشلايدۇ. ئاتا – ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى بالىلارنىڭ خاراكتېرىدە ئەينەن ئەكس ئېتىدۇ. ئىجابىي ئامىللار قويۇق بولغان ئائىلىلەردە ئۆسكەن بالىلاردا مۇستەقىل ياشاش ئېڭى ۋە ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسى كۈچلۈك، جاپاغا چىداش روھىغا ئىگە چىدامچان، تەشەببۇسكار، سەمىمىي، چىقىشقاق، چېچەن، جۈرئەتلىك بولغان ساغلام خاراكتېر يېتىلىدۇ. شۇڭا ئەجدادلىرىمىز پەرزەنتلەردە ياخشى خاراكتېر يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن سۆز – ھەرىكەتتە، تۇرمۇشتا، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت قاتارلىق تەرەپلەردە بالىلارغا ئۈلگە بولۇپ كەلگەن.

  ئەجدادلىرىمىز كىچىكىدىن باشلاپلا ئويۇن خاراكتېرلىك تەربىيە ئارقىلىق بالىلاردا مەلۇم نەرسە ۋە شەيئىلەرگە بولغان قىزىقىشنى قوزغاپ، ئۇلارنىڭ ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىش، زېرەك، پاراسەتلىك تەربىيەلەش مەقسىتىگە يەتكەن. بالىلار ئاددىي، قىزىقارلىق ئويۇنلارنى ئويناش ئارقىلىق دەسلەپكى تەربىيەنى تەبىئىي ھالدا ئۆزىگە سىڭدۈرگەن. بالىلار ئەنئەنىۋى بالىلار ئويۇنلىرىنى ئويناش، ئىجاد قىلىش ئارقىلىق ئەقىل – پاراسەتلىك، چىدام – غەيرەتلىك، كۈچلۈك، سەنئەتخۇمار، ئەخلاق – پەزىلەتلىك، بىلىم – ھېكمەتلىك، سەمىمىي – راستچىل، ئەپۇچان، چىقىشقاق، قىزغىن، تەشەببۇسكار ۋە ساغلام خاراكتېرغا ئىگە بولالىغان.

  بالىلار ئويۇنلىرى بالىلار ۋە ياش – ئۆسمۈرلەرنىڭ ھاياتىدا كەم بولسا بولمايدىغان مەنىۋى كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى بولۇپ، بالىلار تۇرمۇشىنىڭ، بالىلىق ھاياتىنىڭ تەركىبىي قىسمى. ئۇ ئەۋلادلارنى ساغلام خاراكتېرگە ئىگە قىلىپ تەربىيەلەشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئاتا – بوۋىلىرىمىز بۇ قىممەتلىك تەربىيە بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئەۋلادلارنى ئويۇن ئىچىدە تەربىيەلەپ، ئويۇن ئارقىلىق ساغلام خاراكتېر يېتىلدۈرۈپ كەلگەن. بالىلاردا بالىلارچە ھېس – تۇيغۇ، بالىلارچە ھەۋەس – قىزىقىش، بالىلارچە ئارزۇ – خىيال بولىدۇ. بۇلار خىلمۇخىل بالىلار ئويۇنلىرى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئۇلارنىڭ ساددا ئارزۇ – خىياللىرىنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقى ئۇلارنى تەبىئىي ھالدا ساغلام خاراكتېر، ساغلام روھىي ھالەت، ساغلام پىسخىكا، ساغلام ئىدىيە، ساغلام تەن ۋە ساغلام قىزىقىش يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلەيدۇ.

  ‹‹بۆشۈك ئويۇنى››، ‹‹قونچاق ئويۇنى››دا قىزلار ئانىسىدىن ئۆگىنىۋالغان ناخشىلارنى ئېيتىش، قونچاققا تەربىيە خاراكتېرلىك سۆزلەرنى دېيىش ئارقىلىق سۆزلەش، تىل ئىشلىتىش قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈش بىلەن بىللە، يەنە ئاتا – ئانىسىنىڭ سىڭدۈرگەن ئەجرىنى، تارتقان جاپا – مۇشەققەتلىرىنى ھېس قىلىشقا باشلايدۇ. ھەرخىل تېپىشماق ئويۇنلىرى ئارقىلىق بالىلار ئويلاش، تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىنى ۋە ئەقىل – پاراسىتىنى يېتىلدۈرسە، ھەر خىل قوشاق ئېيتىش ئويۇنلىرى ئارقىلىق كىچىكىدىن باشلاپلا ناخشا – قوشاق ئېيتىشنى، بىلىملىك بولۇشنى، تىل ئىشلىتىشنى، سۆز بايلىقىنى ئاشۇرۇشنى، ئانا تىلنىڭ مەنىسىنى توغرا چۈشىنىشنى ئۆگىنىدۇ. ‹‹ئوسما قويۇش››، ‹‹چاچ ياساش››، ‹‹چاچ سېلىش››، ‹‹چاچ ئۆرۈش›› ئويۇنلىرى قىزلارنىڭ گۈزەللىكنى سۆيۈش، گۈزەللىككە ئىنتىلىش ھېسسىياتىنى يېتىلدۈرۈپ، ئۇلارغا ئۆز ۋۇجۇدىدىكى گۈزەللىكنى تونۇتىدۇ ۋە ئۇلارنى چىرايلىق، لاتاپەتلىك ئۆسۈپ يېتىلىشكە ئۈندەيدۇ. ‹‹مېھماندارچىلىق ئويۇنى›› گۈزەل ئەخلاق، قائىدە – يوسۇن ۋە ئۆرپ – ئادەت ئۆگىتىدۇ. ئاتا – ئانىسىغا كۆيۈنىدىغان، چوڭلارنى ھۆرمەتلەيدىغان قىلىپ تەربىيەلەيدۇ. ‹‹لەگلەك ئويۇنى››، ‹‹ئوقيا ئويۇنى››، ‹‹تۈگمەن ياساش›› ئويۇنى، ‹‹غالتەك ياساش›› ئويۇنى بالىلارنىڭ ئەقىل بۇلىقىنى ئېچىش، ئىجادىي قابىلىيىتىنى يېتىلدۈرۈش، تەسەۋۋۇرىنى ئۇرغۇتۇش جەھەتتە مۇھىم رول ئوينىسا، ‹‹موللاق ئېتىش›› ئويۇنى ئارقىلىق بالىلار جاسارەتلىك، چىدامچانلىق، چاققان – چەبدەس بولۇشنى ئۆگىنىدۇ.

  دېمەك، خەلقىمىز تارىختىن بۇيان بالا تەربىيەلەشتە خىلمۇخىل بالىلار ئويۇنلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ كەلگەن. ئەنئەنىۋى بالىلار ئويۇنلىرى ئەۋلادلاردا ساغلام خاراكتېر يېتىلدۈرۈشتە يېتەكچىلىك رول ئوينىغان. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بالىلاردا ساغلام خاراكتېر يېتىلدۈرۈش بالىلار تەربىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، شۇنداقلا، يۇقىرى ساپالىق ئەۋلادلارنى يېتىلدۈرۈشنىڭ ئاساسى، تەربىيەدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئاچقۇچى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر