باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەدەنىيەت

ئۇيغۇر خەلق ناخشىسى «روزىلەم» ۋە ئابلىمىت «غەزەل»

غەيرەت ئابدۇرەھمان ئوزغار، مۇرات ئابدۇرەھمان

2016.06.03 16:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ ماقالە بىر تۇغقان قېرىنداش ئاكام مۇرات ئابدۇرەھماننىڭ ئابلىمىت غەزەل بىلەن كۆپ قېتىم سىردىشىشى بىلەن ھەمشېرىك يېزىلدى.

  روزىلەم دەيمۇ سېنى،

  قوزىلەم دەيمۇ سېنى.

  باغدا باققان پاقلىنىم دەپ،

  ئۆلتۈرۈپ يەيمۇ سېنى.

  قەدىرلىك ئوقۇرمەن، يۇقىرىدىكى قوشاقنى ئېھتىمال ئاڭلىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن. توغرا، ئۇ خەلق ناخشىسى سۈپىتىدە ئېغىزدىن- ئېغىزغا، قۇلاقتىن- قۇلاققا كۆچۈپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر خەلق ناخشىسى «روزىلەم»دۇر.

  «روزىلەم» ناخشىسى خۇددى «گۈلەمخان»، «چىن مودەن»، «قەمبەرنىسا»، <<خالىدەم» قاتارلىق ناخشىلارغا ئوخشاشلا ھەقىقىي ئادەم، ھەقىقىي ۋەقە تەسۋىرلەنگەن خەلق ناخشىسى بولۇپ، ئۇ يېرىم ئەسىر ئىلگىرى ئاتۇشتىكى ئىككى ياشنىڭ مۇھەببەت سەرگۈزەشتىسى تەسۋىرلەنگەن ناخشىدۇر.

  خەلقىمىز ئارىسىدا «غېرىب- سەنەم»، «پەرھاد- شېرىن»، «تاھىر- زوھرا»، «رابىئە- سەئىدىن»، «غۇنچەم» قاتارلىق داستان، ئوپېرا، دىرامىلاردىكى ئاشىق- مەشۇقلار ئوبرازى چىن سۆيگۈ- مۇھەببەت يولىدىكى ئەگرى- توقايلىق ئارىسىدا ئۆز ئەقىدىسى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان، ئەينى دەۋردىكى ھۆكۈمران سىنىپ، خان- پادىشاھلار، بەگ- غوجىلارنىڭ ئىرادىسى بويىچە بولىدىغان نىكاھ قارىشىغا جەڭ ئېلان قىلغان شەخسلەر بولسا، ئاتا- ئانىسىنىڭ قارشىلىقى ياكى كىچىككىنە زىددىيەت- ئىختىلاپلار بىلەنمۇ مۇرادىغا يېتەلمەي ئۆتۈپ كەتكەن ئاشىق- مەشۇقلارمۇ تالايلاپ تېپىلىدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ كۈي- قوشاقلىرىدىن مۇڭ تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ.

  ھازىر خەلق قوشاقلىرى دەپ قەيت قىلىنىۋاتقان نۇرغۇن قوشاقلار ئەينى ۋاقىتتا مەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنىپ، خەلق ئىچىگە ئاغزاكى يوسۇندا تارقالغان. كېيىنچە تارىخىي ۋە ئىجتىمائىي شارائىتلار تۈپەيلىدىن بۇ خىل قوشاقلارنىڭ ئەسلى ئىجادچىلىرى ئۇنتۇلۇپ، بارا- بارا خەلق قوشاقلىرىغا ئايلىنىپ كەتكەن. «روزىلەم» ناخشىسىمۇ ئەنە شۇنداق كىشىلەر ئارىسىغا كەڭ تارقالغان بىر خەلق ناخشىسى.

  نۇرغۇنلىغان خەلق ناخشىلىرىنىڭ ئىجادچىسى بولغىنىدەك «روزىلەم» ناخشىسىنىڭمۇ ئىجادچىسى بار. ئۇ بولسىمۇ «روزىلەم»نىڭ ئاشىقى ئابلىمىت قۇربان.

  ئابلىمىت قۇربان 1932- يىلى ئاتۇش شەھىرى كاتتايلاق يېزىسىغا قاراشلىق چوقچا كەنتىنىڭ ئوڭرۇق مەھەللىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ دادىسى قۇناخۇن ئاكا ئەينى چاغدا ئاتۇشتا يۇرت ئارىلاپ تۇز ۋە ئاشلىق تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىچىك تىجارەتچى ئىدى. روزىلەم (ئەسلى ئىسمى روزىخان)مۇ ئاتۇش شەھىرى كاتتايلاق يېزىسىغا قاراشلىق چوقچا كەنتىنىڭ ئوڭرۇق مەھەللىسىدە 1933- يىلى تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى ھۈسەن موللام ئەينى چاغدىكى قۇناخۇن ئاكىنىڭ قۇرداشلىرىدىن بولۇپ، ئۇمۇ تۇز، ئاشلىق تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىناتتى.

  ئابلىمىت بىلەن روزىخان بىر مەھەللىدە بىللە ئويناپ چوڭ بولغان. ئۇلار مەيلى قوي باققىلى چىققاندا بولسۇن، ياكى بالىلار بىلەن توقايلارغا ئوينىغىلى بارسۇن، دائىم بىر- بىرىدىن ئايرىلمىغان. ئابلىمىت روزىخانغا ئۆز ئۇكىلىرىدىنمۇ ئۆتە خەيرخاھلىق قىلىپ كۆيۈنەتتى. كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن يىگىتلىك قۇرامىغا يەتكەن ئابلىمىتنىڭ يۈرىكىگە ئىشق ئوتى تۇتىشىپ، روزىخاننى كۆرمىسە تۇرالمايدىغان، ئولتۇرسا- قوپسا خىيالغا پاتىدىغان، كۆز ئالدىدىن روزىخاننىڭ سىيماسى كەتمەيدىغان بولۇپ قالدى. تۇنجى سۆيگۈ بۇ ساۋاتسىز يىگىتنىڭ قەلبىدە يېڭى- يېڭى مىسرالارنى ئاپىرىدە قىلسا، ھىجران پىراقى مۇڭلۇق ئاھاڭلارنى تۇغدۇراتتى. كىچىكىدىن ھېكايە- چۆچەك، قوشاق- ناخشىلارنى ئاڭلاپ چوڭ بولغان ئابلىمىت ئىشق دەردىنى ناخشا بىلەن چىقىرىدىغان بولدى. ئۇ روزىخاننى «روزىلەم»گە ئۆزگەرتىپ قوشاققا قېتىپ ۋە ئۇنى ئۆزى ئىجاد قىلغان مۇڭلۇق ئاھاڭغا سېلىپ، مەيلى ئېتىز ياكى كوچا بولسۇن، مەيلى ئۆي ياكى روزىخاننىڭ ئىشىك ئالدىدىن ئۆتكەندە بولسۇن، ھەر دائىم شۇ ناخشىنى ئېيتىپ يۈرەتتى:

  يول بويىدىكى ھويلا،

  ئادەم چۈشكەن دەڭ ئىكەن.

  روزىلەمنى ماڭا بەرسە،

  بويىغا بويۇم تەڭ ئىكەن.

  روزىلەم بازارغا بارسا،

  ئالتە مانتا ئەپ بېرەي.

  يۈرەكتىكى بار سۆزۈمنى،

  يولدا ماڭغاچ دەپ بېرەي.

  بۇ ناخشا تېزلىكتە تەرەپ- تەرەپكە تارقىلىپ، كىشىلەر تەرىپىدىن ئېيتىلىپ ئومۇملىشىپ كەتتى. ئابلىمىتنى ھەممەيلەن «ئابلىمىت غەزەل» دەيدىغان بولدى.

  روزىخانمۇ ئابلىمىتنىڭ ئۆزىگە يەر تېگىدىن بېقىشلىرىدىن ئۇنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلىپ يەتكەنىدى. رەسىدە بولۇپ قالغان بۇ گۈزەل قىزنىڭمۇ ئابلىمىتقا مەيلى بار ئىدى. ھالبۇكى، ئەينى ۋاقىتتىكى ئىجتىمائىي شارائىت قىز- يىگىتلەرنىڭ ئەركىن مۇھەببەتلىشىشىگە يول قويمايتتى. شۇڭا، سىرتتا ئابلىمىتنىڭ ناخشىسى ئاڭلىنىشى بىلەنلا روزىخان ئۆيدە تۇرۇپ ئۇنىڭ ناخشىلىرىغا پۈتۈن دىققىتى بىلەن قۇلاق سالاتتى ھەم ئۈنسىز ياش تۆكەتتى. يالغۇز قالغان ۋاقىتلىرىدا بۇ ناخشىلارنى ئاستا غىڭشىپ ئېيتاتتى.

  بىر قېتىم ھۈسەن موللام ئۇچتۇرپاندىكى سودىسىنى تۈگىتىپ، كاتتايلاقنىڭ بەشتام دېگەن يېرىگە كېلىپ، تۇغقانلىرىنىڭ ئۆيىگە چۈشىدۇ. بۇ چاغدا ئابلىمىت ئېيتقان «روزىلەم» ناخشىسىمۇ بەشتامغا تارالغانىدى. ھۈسەن موللامغا بۇ ناخشا بەكمۇ مۇڭلۇق ھەم يېقىملىق ئاڭلىنىدۇ. ئابلىمىت «روزىخان» دېگەن ئىسىمنى «روزىلەم»گە ئۆزگەرتىپ ئېيتقاچقا، ھۈسەن موللام ناخشىدا تەسۋىرلەنگەن روزىلەمنىڭ ئۆز قىزى روزىخان ئىكەنلىكىنى ئەسلا ئۇقالمايدۇ.

  دەل شۇ چاغدا ئۇنىڭ تۇغقانلىرىنىڭ بىرى ئۇنىڭغا بۇ ناخشىنىڭ ئۇنىڭ قىزى روزىخان ئۈستىدە ئېيتىلىۋاتقانلىقىنى، ناخشىنىڭ ئەسلى ئىجراچىسىنىڭ ئوڭرۇق مەھەللىسىدىكى قۇناخۇن ئاكىنىڭ ئوغلى ئابلىمىت ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. بۇنى ئاڭلاپ ھۈسەن موللامنىڭ قۇيقا چاچلىرى تىك تۇرۇپ كېتىدۇ. ئۇ ئۆيىگە كېلىپ ئىشنىڭ جەريانىنى بىلگەندىن كېيىن تېخىمۇ غەزەپلىنىدۇ. چۈنكى قۇناخۇن ئاكا بىلەن ھۈسەن موللام ئوتتۇرىسىدا كىچىككىنە سودا- تىجارەت زىددىيىتى بولغانلىقتىن، ھۈسەن موللام قىزىنى بۇ ئائىلىگە كېلىن قىلىپ بېرىشنى خالىمايتتى.

  بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان ئابلىمىتنىڭ يۈرەك- باغرى ئىشق- پىراق دەردىدە پارە- پارە بولىدۇ. ئۇ قەلبىدىكى سۆيگۈ- مۇھەببەت ۋە مۇڭ- ھەسرىتىنى پەقەت مۇڭلۇق ناخشىلىرى ئارقىلىقلا روزىلەمگە ئىزھار قىلىدۇ.

  كات بېشىدىكى دۇتارنى،

  ئۆگەنگەندە چالارمەن.

  روزىلەمنى بەرمىسىمۇ،

  ئاخىر بىر كۈن ئالارمەن.

  ئارقىدىكى چوڭ ئېتىز،

  تېرىۋاتقان يەرمىدى؟

  روزىلەمگە شۇنچە كۆيسەم،

  ئاتا- ئانىسى بەرمىدى.

  بىر كۈنى چۈش مەزگىلىدە ئېتىزدا ئىشلەۋاتقان ئابلىمىت «غەزەل» يولدا يالغۇز كېتىۋاتقان روزىخاننى كۆرۈپ قالىدۇ ۋە ئىختىيارسىز ھالدا «روزىلەم...» دەپ توۋلىۋېتىدۇ، روزىخانمۇ ئۇنىڭ خۇددى ئۇنىڭ چاقىرىشىنى كۈتۈپ تۇرغاندەكلا ئورنىدا چىپپىدە توختاپ، ئابلىمىتكە قىيا باقىدۇ. ئىككىسى بىر- بىرىگە تىكىلىشكىنىچە ئۈن- تىنسىز تۇرۇپ قالىدۇ. روزىخان ياغلىقىنىڭ ئۇچىنى ئوينىغىنىچە پۇتىنىڭ ئۇچىغا قاراپ تۇراتتى. ئابلىمىت نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي، بىردەم قوللىرىنى ئىشقىلىسا، بىردەم ئېڭىكىنى سىلايتتى. ئۇلار بىر- بىرىنىڭ يۈرەك سوقۇشلىرىنى ئاڭلىغۇدەك دەرىجىدە سۈكۈناتقا چۆكۈشتى. ئاخىرى روزىخان ئارىدىكى جىمجىتلىقنى بۇزدى:

  - ئابلىمىت ئاكا، تېخىچە... ئۆيگە قايتمىدىڭىزمۇ؟

  - ياق، ياق، تېخى قايتمىدىم روزىلەم... ياق، روزىخان...

  ئارىنى يەنە جىمجىتلىق باستى. بىر ھازادىن كېيىن ئابلىمىت غەيرەتكە كېلىپ ئېغىز ئاچتى:

  - روزىخان، مەن، سىز... سىزنى...

  - بولدى، ئابلىمىت ئاكا، ماڭا بىر غەزەل ئوقۇپ بېرىڭا...

  نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي، تىلى كالۋالىشىپ قالغان ئابلىمىتقا روزىخاننىڭ بۇ تەكلىپى ياغدەك ياقتى. ئۇ قەلبىدىكى ۋولقاندەك پارتلاشقا تەييار تۇرغان مۇھەببەت ئوتىنى يېڭى- يېڭى قوشاقلار بىلەن يۇغۇرۇپ، پەس ئاۋازدا مۇڭلۇق ناخشىسىنى باشلىدى:

  ئىشىكىڭدىكى ئۈجمەڭنىڭ،

  بىر شېخى راۋاب بولدى.

  روزىلەمنىڭ دەردىدە،

  يۈرىكىم كاۋاب بولدى.

  شىكوزاڭ چۈشۈپ كەتتى،

  تۈگمەننىڭ كويلىسىغا.

  خۇدا رىسقىمنى سالارمۇ،

  روزىلەمنىڭ ھويلىسىغا.

  تۆگە ياتتى ئورنىدا،

  قوڭغۇراقى بوينىدا.

  ئۆلۈپ كەتسەم ئارمان يوق،

  روزىلەمنىڭ قوينىدا.

  روزىخان يەرگە قارىغىنىچە ناخشىغا قۇلاق سالدى. ئاخىرى ئابلىمىتقا قاراپ پىسىڭڭىدە كۈلۈپ قويۇپ:

  - ئەسكى، قېلىن!... دېگىنىچە مەھەللە تەرەپكە يۈگۈرۈپ كەتتى. ئابلىمىت تۇرغان ئورنىدا ھاڭۋېقىپ قېتىپلا قالدى. بىر ھازادىن كېيىن، ئۇ ئېسىگە كېلىپ:

  - روزىلەم! روزىلەم!... – دەپ چاقىردى. بۇ چاغدا روزىخان ىېلىلا ئۇزاپ كەتكەنىدى. ئۇ كەينىگە بۇرۇلۇپ، بوينىدىكى ياغلىقىنى ئېلىپ، ئابلىمىتقا پۇلاڭلىتىپ قويۇپ، ئۆيى بار تار كوچىغا كىرىپ كەتتى.

  ئابلىمىتنىڭ روزىخاننى ياخشى كۆرۈشى شۇ دەرىجىگە بېرىپ يەتتىكى، ھەتتا تاماق ۋاقتىدىمۇ «روزىلەم»گە بېغىشلانغان يېڭى قوشاقلار كاللىسىغا كىرىۋېلىپ، ئۇنى ئاھاڭغا سېلىپ، ئىختىيارسىز ھالدا ئېيتىۋېتىدىغان بولۇپ قالدى. ئۇ مۇشۇ تۈپەيلىدىن دادىسى قۇناخۇن ئاكىدىن نەچچە قېتىم تەنبىھ ئاڭلاپ دەككىسىنى يېدى. بىر قېتىم ئۇ ناخشا توۋلاپ كېتىۋېتىپ، ھاڭدىن (ياردىن) چۈشۈپ كېتىپ، بېشى يېرىلىپ ھوشىدىن كەتتى. ئۇ كېيىن ھوشىغا كېلىپ، مىڭ تەسلىكتە ئۆيىگە كېلىۋالدى. ئۇ ئېسىگە كەلگەندىن كېيىن شۇ يەردىلا:

  قوناي دېسەم پاناھ يوق،

  دەڭدە ياتتىم ئەمەسمۇ.

  روزىلەمنىڭ دەردىدە،

  ھاڭدا ياتتىم ئەمەسمۇ.

  قارىسام كۆزۈم يەتمەس،

  توۋلىسام ئۈنۈم يەتمەس.

  روزىلەمنى ئويلىسام،

  ھېچ ئىشقا زىنىم يەتمەس.

  ئىچكىلى چاي بولمىسا،

  ئولتۇرغىلى جاي بولمىسا.

  ئولتۇرۇپ نېمىش قىلاي،

  روزىلەم ئاي بولمىسا.

  چاپىنىمنىڭ يېڭىنى،

  بېشىمغا قويدۇم تېڭىنى.

  روزىلەمنى مەن ئېلىپ،

  شوراپ ياتسام لېۋىنى.

  دەپ قوشاق توقۇپ، ئاھاڭغا سېلىپ ئېيتتى.

  ئۇنىڭ مەھەللىدە داۋاملىق ناىشا ئېيتىپ يۈرۈشىدىن نومۇس قىلغان ھۈسەن موللامنىڭ ئايالى تاجىخان ئابلىمىتنى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا نەسىھەت قىلدى ھەمدە كوچىدا دائىم ناخشا ئېيتىپ يۈرمىسە، قىزىنى ئۇنىڭغا بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇنى ئاڭلاپ ئابلىمىت خۇشاللىق بىلەن ماقۇل بولدى. ئەمما ئۇ ھاياجىنىنى ئىچىگە سىغدۇرالماي، ئىشىكتىن چىقىپلا مۇنداق قوشاق توقۇپ، ناخشىسىنى باشلىدى:

  ئەمدى ئەتىياز كەلدى،

  كەمبەغەللەر نېمە يەر؟

  تاجىخان بېرەي دېدى،

  ھۈسەن موللام نېمە دەر؟

  ئارقىدىكى كېۋەزنى،

  ئېچىلغاندا تېرەمدۇ؟

  تاجىخانغۇ قوشۇلدى،

  ھۈسەن موللام بېرەمدۇ؟

  بۇ ناخشىنى ئاڭلاپ ھۈسەن موللامنىڭ تېخىمۇ جەھلى قېتىپ، قىزىنى ئۇنىڭغا قەتئىي بەرمەسلىك قارارىغا كەلدى. بۇنى ئۇققان ئابلىمىت روزىخان بىلەن كۆرۈشۈپ، خۇپىيانە مەسلىھەتلىشىپ، قېچىپ كەتمەكچى بولۇشتى. شۇنىڭ بىلەن روزىخان ئۆزىنىڭ كىيىم- كېچەكلىرىنى بوغجىما قىلىپ تەييارلاپ، ئۇنى تاغىسى مۇھەممەد تاماكىچى دېگەن كىشىنىڭ تونۇرىغا تىقىپ قويۇپ، ئۆيىدە پۇرسەت كۈتۈپ تۇردى. ئويلىمىغان يەردىن مۇھەممەد تاماكىچىنىڭ ئايالى ئارزۇخان بۇ بوغجىمىنى كۆرۈپ قېلىپ، ھۈسەن موللامغا ئېيتىپ قويدى. روزىخاننىڭ بىرەر ئۇياتلىق ئىش قىلىپ قويۇشىدىن ئەنسىرىگەن ھۈسەن موللام روزىخاننى تالا- تۈزگە چىقارماي، ئۆيىگە سولاپ قويدى. ئۇلارنىڭ قېچىش پىلانىمۇ سۇغا چىلاشتى.

  ھۈسەن موللام قىزىنىڭ ئائىلە نەسەبىنىڭ يۈزىنى تۆكۈپ قويۇشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇنى ئاچىسىنىڭ نەۋرىسى ياسىن قارىي دېگەن يىگىتكە مەخپىي نىكاھلاپ قويماقچى بولدى. روزىخاننىڭ زار- زار يىغلاشلىرى دادىسىنىڭ باغرىنى يۇمشىتالمىدى. ئۇ بىر كۆزى ياش، بىر كۆزى قان ھالدا ئۆز مەھەللىسىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدى. ياسىن قارىي دېگەن بۇ يىگىت روزىخاندىن خېلىلا كىچىك ئىدى. بىر كۈنى ئەر- خوتۇن ئىككىسى ھۈسەن موللامنىڭ ئۆيىگە ئازنىلاپ كېلىپ، كەچلەپ قونۇپ قالىدۇ. شۇ كۈنى ياسىن قارىي بىلەن روزىخان كىچىككىنە بىر ئىش تۈپەيلى گەپ تەگىشىپ قالدى. ئۇنىڭغا ئىختىيارى يوق روزىخان ئاچچىقلاپ ئېرىنى ئىككى شاپىلاق سالىدۇ. بۇنىڭدىن قاتتىق ھار ئالغان ياسىن قارىي ئەتىسى سەھەردىلا ئۆيىگە قايتىپ كېتىدۇ.

  بۇنى ئاڭلىغان ئابلىمىت خۇشاللىقىدا مۇنداق قوشاق توقۇيدۇ:

  ئۆلۈپ كەتكەن ئادەمگە،

  يەرلىك ئەتكەن ئەمەسمۇ.

  روزىلەمدىن تەستەك يەپ،

  سەھەر كەتكەن ئەمەسمۇ.

  روزىلەم ياسىن قارىيدىن ئاجراشقاندىن كېيىن، ئابلىمىت قايتىدىن ئۈمىدلىنىپ شادلىققا چۆمىدۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن توي قىلماقچى بولىدۇ. ھالبۇكى، قۇناخۇن ئاكا:

  - نېمە؟ روزىخاننى ئالىمەن دېدىڭمۇ؟ ھۈسەن موللامنىڭ بىر ئەردىن چىققان قىزىنى ئالمىساڭمۇ ساڭا بۇ يۇرتتىن قىز چىقمامدۇ؟! قېرىغىچە بويتاق ئۆتۈپ كەتسەڭ مەيلىكى، روزىخان بىلەن توي قىلىشىڭغا ھەرگىز يول قويمايمەن! يەنە گەپ يېمەيدىكەنسەن دادا- بالىلىقتىن كەچ! – دەپ بۇ ئىشقا قەتئىي قوشۇلمىدى.

  ھۈسەن موللام قىزى روزىخاننى كاتتايلاق يېزىسىدىكى ئەينى ۋاقىتتا خېلى نامى بار ئىمىن داموللامنىڭ ئوغلى ئابلەت مەخسۇمگە ياتلىق قىلدى. مانا مۇشۇنداق كىچىككىنە بىر زىددىيەت تۈپەيلىدىن ئابلىمىت غەزەل بىلەن روزىلەم (روزىخان) مۇراد- مەقسەتلىرىگە يېتەلمىدى. ۋەھالەنكى، ئابلىمىت غەزەلنىڭ قەلبىدە روزىلەمگە بولغان سۆيگۈ- مۇھەببىتى خىروستالدەك چاقناپ، ئۆز جۇلاسىنى يوقاتمىدى. ئۇنىڭ روزىلەمگە بولغان سۆيگۈ- مۇھەببىتى يېڭى- يېڭى قوشاقلارغا مۇجەسسەملىنىپ، مۇڭلۇق ئاھاڭلارغا تەڭكەش قىلىنىپ، خەلق ئارىسىغا كەڭ تارقالدى:

  قوغۇن تېرىدىم كۆكچى،

  سويما سالدى پېلەكتە.

  روزىلەمنى مەن ئالسام،

  تېڭىپ ياتسام يۈرەككە.

  مانتا پىشتى قاسقاندا،

  بىللە يەيلى داسقاندا.

  روزىلەمنى بەرمىدى،

  مۇھەببەت ياراشقاندا.

  چوڭ ئېتىزنى ساتقاندا،

  يولنى بەردۇق تەقسىمگە.

  روزىلەم تېگىۋالدى،

  ئابلەت دېگەن مەخسۇمگە.

  ئاللا، ئاللا روزىلەم،

  ساڭا دەرد، ماڭا ئەلەم.

  ئاللا، ئاللا روزىلەم،

  قوينىڭ بالىسى قوزىلەم...

  «روزىلەم» ناخشىسىنىڭ ئىجادچىسى ئابلىمىت غەزەل كېيىن بورتالا شەھىرى چىندىل يېزىسىنىڭ گۈلۈمتى 3- كەنتى (دۆڭباغرى مەھەللىسى)دە ئولتۇراقلىشىپ، ئۆزىنىڭ قەدىناس ئايالى سائادەتخان بىلەن بەختلىك ئائىلە تۇرمۇش مۇساپىسىنى ئۈن- تىنسىز بېسىپ، ياشانغىنىدا ئائىلىسى بىلەن ئاتۇشقا كۆچۈپ كەتتى. ئۇنىڭ تۇنجى سۆيگۈسىگە گۇۋاھ بولغۇچى «روزىلەم» ناخشىسى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدا تا ھازىرغىچە خەلق ئارىسىدا ئېيتىلىپ كەلمەكتە.

  بۇ ماقالە ئاپتورنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن «شىنجاڭ سەنئىتى» ژورنىلىنىڭ 2003-يىللىق 3- سانىدىن ئېلىندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر