باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەدەنىيەت

ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدا ئاياللار ئوبرازىنىڭ ئىناق جەمئىيەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى توغرىسىدا

2016.05.09 15:25         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى خەلقنىڭ ئاغزاكى ئەدەبىيات – سەنئەت ئىجادىيىتىدۇر. ئۇ تۈرلۈك تارىخىي شارائىتلاردا ئەمگەكچى خەلقلەرنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىدىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئەخلاق، مەدەنىيەت ئۆزگىرىشلىرىنى، بەختىيار ھاياتقا بولغان تەلپۈنۈشلىرىنى، ئۈمىد ۋە ئارزۇلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان مەدەنىيەت خەزىنىسىدۇر.

  ئەجدادلىرىمىز ئۇزاق ئەسىرلىك تارىخىي ئىزدىنىش جەريانىدا قىز – ئاياللارنىڭ بىر ئائىلە، بىر قەۋم، ھەتتا بىر پۈتۈن جەمئىيەتكە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئۈستىدە ماقال – تەمسىللەرنى، چۆچەك – رىۋايەتلەرنى قالدۇرغان.

  چۆچەكلەر ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئىچىدە مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدىغان ۋە كەڭ ئومۇملاشقان ژانىر. چۆچەكلەر ئىنسانلارنىڭ تەبىئەت ھادىسىلىرى توغرىسىدىكى تەسەۋۋۇرلىرىنى، كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەرنى ۋە ھەر خىل ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنى قىزىقارلىق ئەكس ئەتتۈرىدىغان خەلقنىڭ ئاغزاكى ئىجادىي ھېكايىلىرى بولۇپ، كۆپ قىسىم چۆچەكلەرنىڭ خاتىمىسى ‹‹شۇنداق قىلىپ ئۇلار خاتىرجەم، تىنچ تۇرمۇش كەچۈرۈپتۇ...›› دەپ ئاخىرلىشىدۇ. دېمەك، ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىدە ئىناق جەمئىيەت ئىدىيەسى روشەن ئىپادىلىنىپ تۇرغان بولۇپ، ئەجدادلىرىمىزنىڭ كەلگۈسى سائادەتلىك كۈنلەر توغرىسىدىكى ئارزۇ – ئارمىنىنى، تىنچ – خاتىرجەم، سائادەتلىك تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشلىرىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ.

  خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىمىزدا جاھاننى تىترەتكۈدەك قۇدرەتكە ئىگە بىر شاھنىڭ خوتۇنىنىڭ ۋاپاسىزلىقى تۈپەيلى تەركىدۇنيا بولۇپ كەتكەنلىكى، ھېچ نەرسىدىن غەم قىلمايدىغان ئەركە شاھزادىنىڭ چۈشىدە كۆرگەن بىر مەلىكىنى ئىزدەپ بارلىق مۈشكۈلاتلارغا تاقابىل تۇرغانلىقى، يەنە مەلۇم بىر گۈزەل ئۈچۈن بىر ئەلنىڭ يەنە بىر ئەلگە تاجاۋۇز قىلغانلىقىدەك بايانلار كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇ بايانلاردا ئاياللار ئوبرازىنىڭ نوقۇل مۇھەببەت بىلەنلا باغلىنىپ قالماستىن، ئىنسانىي كامىللىق يوللىرىدىكى نۇرغۇن مەسىلىلەرگە چېتىلىدىغانلىقىنى بايقايمىز. بۇ ئاياللارنىڭ بەزىلىرى ئوردىدا، بەزىلىرى جەڭ مەيدانىدا، بەزىلىرى ئېغىر ئەمگەكلەردە، يەنە بەزىلىرى سەھرالاردا قىلىپ تەسۋىرلەنسىمۇ، مۇئەييەن بىر ۋەقەلىكنىڭ ياكى زىددىيەتنىڭ باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىش نۇقتىسى بولۇپ خىزمەت قىلىدۇ.

  ‹‹شاھنى گاداي قىلغانمۇ، گاداينى شاھ قىلغانمۇ خوتۇن›› دېگەن چۆچەكتە، قەلەندەرگە ياتلىق قىلىنغان شاھ قىزىنىڭ ئەقىل – پاراسىتى ۋە شىجائىتى بىلەن مۈشكۈلاتلارنى يېڭىپ، قەلەندەر ئېرىنى پادىشاھ قىلغانلىقى بايان قىلىنغان.

  ‹‹ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خوتۇن، يەر قىلغانمۇ خوتۇن›› دېگەن چۆچەكتە، دادىسىنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرۈپ قويغان شاھ قىزىنىڭ ئوردىدىن قوغلانغاندىن كېيىن باشتىن كەچۈرگەن كەچۈرمىشلىرى، ئاخىرىدا ئەقىل – پاراسىتىگە تايىنىپ بىر شاھلىقنى قۇرۇپ چىققانلىقى، دادىسىنىڭمۇ خاتالىقىنى تونۇپ قىزى بىلەن ئەپلىشىپ قالغانلىقى تەسۋىرلىنىش ئارقىلىق ئايال كىشى ئەقىل – پاراسەتلىك، ئەخلاق – پەزىلەتلىك بولسا، ئائىلىنىڭ روناق تاپىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

  ئۇيغۇرلاردا يەنە ‹‹ئانا كۆرۈپ قىز ئال››، ‹‹ئالا ئىنەكنىڭ بالىسى چالا قۇيرۇق››، ‹‹ئانىسى تاشلىغان تاينى بۆرە يەيدۇ››، ‹‹ئايالسىز ئەر يېرىم ئەر››، ‹‹ئايالسىز ئۆينىڭ تەمى يوق›› دېگەندەك ماقال – تەمسىللەر بار. مەلۇمكى، ماقال – تەمسىللەر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم ژانىرلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئەمگەكچى خەلقىمىزنىڭ ئۇزاق تارىخىي، ئىجتىمائىي كۈرەش، ماددىي ۋە مەنىۋى تۇرمۇش تەجرىبىلىرىنىڭ ئىخچام يەكۈنىدىن ئىبارەت.

  ھەممىمىزگە مەلۇم، ئائىلە بىر كىچىك جەمئىيەتتۇر. ئائىلىدە خاتىرجەملىككە، قوللاشقا ئېرىشەلمىگەن ئەرنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتىغا بەلگىلىك ھەسسە قوشۇشقا ئىنتىلىشچانلىقى مۇقەررەر ھالدا كەم بولىدۇ. ئىبسوننىڭ ‹‹ئاياللار دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ كۈچ، پەقەت ئۇلار ئارقىلىقلا ئەرلەر ئۆزلىرىدىكى بارلىق يوشۇرۇن كۈچنى نامايان قىلالايدۇ›› دەپ ئېيتقىنىدەك، بىر جەمئىيەتتە ناۋادا ئاياللار پەقەت ئەۋلاد قالدۇرۇش ھەققىدىلا تەربىيەگە ئىگە قىلىنسا، بۇنداق جەمئىيەت ھالاكەتكە يۈزلىنىدۇ.

  ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا، قىز – ئاياللار ئۆزىگە خاس ئۇسۇل بىلەن بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا ئائىلىنىڭ ئىناقلىقى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ مۇقىم راۋاج تېپىشىغا تەسىر كۆرسىتىپ كەلدى. ئاياللارنىڭ جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقىغا بولغان بۇنداق تەسىرى ئەدەبىياتنىڭ ھەر قايسى ژانىرلىرىدا مۇئەييەن ئەكسىنى تاپتى.

  ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدا ئاياللار ئوبرازىنىڭ ئىناق جەمئىيەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تۆۋەندىكى بىر قانچە جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ:

  بىرىنچى، ئاياللارنىڭ پەرزەنت تەربىيەسىدىكى رولى

  ئاياللار پەرزەنت تەربىيەسىدىكى مۇھىم ھالقا. ھەر قانداق بىر ئىنسان تۇغۇلۇپ ئالدى بىلەن ئانىنىڭ مېھرىنى ۋە تەربىيەسىنى ئالىدۇ. بايروننىڭ مۇنداق بىر سۆزى بار: ‹‹ئىنسان ئىڭەلەپ يەرگە چۈشكەن ۋاقتىدىن باشلاپ ئاياللارنىڭ كۆكسىدىن ھاياتلىق تەمىنى تېتىيدۇ. بوۋاقلار گۇڭراشنىمۇ، ھەجىلەپ گەپ قىلىشنىمۇ ئاياللاردىن ئۆگىنىدۇ. بىزنىڭ ئەڭ دەسلەپكى يىغىمىزنىمۇ ئاياللار پەسلىتىدۇ...››

  ئانىنىڭ ئىللىق مېھرىگە تويۇنغان، ئىناق ۋە مۇھەببەتلىك ئائىلىدە چوڭ بولغان، ئانىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ تەربىيەلىشى ئاستىدا ھەق – ناھەق قارىشى يېتىلگەن پەرزەنتلەردە ئائىلە ۋە جەمئىيەتكە نىسبەتەن مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى يېتىلگەن بولىدۇ. ئۇلار ئاتا – ئانىسىدىن ئىنسانلارنى سۆيۈشنى، ۋەتەننى، يۇرتىنى ئەزىزلەشنى، مېھىر – مۇھەببەت بىلەن ياشاشنى ئۆگىنىدۇ. ئىناقلىقنىڭ ۋە خاتىرجەملىكنىڭ تولىمۇ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلىپ يېتەلەيدۇ. چۈنكى ئانا مېھرى پەرزەنتنىڭ كۆڭلىنى يورۇتقۇچى ۋە ئوزۇق بەرگۈچى كىتاب.

  ئانا قانداق بولسا، ئۇ تەربىيەلىگەن بالا شۇنداق چوڭ بولىدۇ. ھە دېسە قوشنىلار بىلەن ئۇرۇشىدىغان، كىم يوق بولسا كەينىدىن يامان گەپ قىلىپ كۆڭلىنى خۇشال قىلىدىغان، پەرزەنتنىڭ ئالدىدا ئەرنىڭ ئابرۇيىنى قىلمايدىغان ياكى تەڭمۇتەڭ زاكۇنلىشىدىغان ئايال تەربىيەلىگەن بالىنىڭ ئىناق جەمئىيەتكە بولغان تەسەۋۋۇرلىرى بىتچىت قىلىنغان بولىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ چوڭ بولۇش جەريانىدا كۆرگەنلىرى باشقىچە بىر مەنزىرە. شۇڭا ئاتا – بوۋىلىرىمىز ئوبرازلىق قىلىپ ‹‹ئالا ئىنەكنىڭ بالىسى چالا قۇيرۇق›› دەپ ئېيتقان.

  ‹‹ئوغرى بىلەن ئانا›› ناملىق چۆچەكتە، پادىشاھنىڭ خەزىنىسىگە ئوغرىلىققا كىرىپ تۇتۇلۇپ قېلىپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان بىر بالا دار ئالدىدا تۇرۇپ پادىشاھقا ئانىسىنى بىر كۆرۈۋېلىش ئارزۇسى بارلىقىنى ئېيتىدۇ، ئانىسى كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن ئانىسىنىڭ قۇلىقىنى چىشلەپ ئۈزۈۋېلىپ، ‹‹ئەگەر مەن بىرىنچى قېتىم ئۆيگە بىر تال چامغۇرنى ئوغرىلاپ كىرگىنىمدە مېنى توسقان بولساڭ بۇ كۈنگە قالماستىم›› دەيدۇ.

  ئىككىنچى، ئاياللارنىڭ ئائىلە ۋە جەمەتنىڭ خاتىرجەملىكى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى

  بىزدىكى ‹‹خوتۇنى سوقۇشقاق ئادەم ئالەمنىڭ تىنچلىقىنى بىلمەس››، ‹‹خوتۇنۇڭ جېدەلخور بولسا، ئۆيۈڭنىڭ كەڭلىكى بىلىنمەس، ئۆتۈكۈڭ تار بولسا، جاھاننىڭ كەڭلىكى بىلىنمەس››، ‹‹خوتۇنى يامانغا لەنەت›› دېگەن ماقاللار ئاياللارنىڭ ئائىلە خاتىرجەملىكىدە ئوينايدىغان رولىنى ئىخچام ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن.

  ‹‹يېرىلىڭ تېشىم›› ناملىق چۆچەكتە ئۆگەي ئانىسىنىڭ ئوغلىغا ياتلىق بولۇشنى راۋا كۆرمىگەن ئاينۇر ئۆيدىن قېچىپ كېتىپ بىر تاشنىڭ ئارىسىغا كىرىۋالىدۇ. ئۆگەي ئانىنىڭ زۇلۇمى ۋە ھازازۇللۇقى بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تەرەپ – تەرەپكە چېچىلىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دېمەك، بۇ چۆچەكتە ئاساسلىق زىددىيەت باشتىن – ئاخىر ئاياللارنىڭ مەقسەت – مۇددىئاسى تەرىپىدىن كونترول قىلىنىدۇ.

  ئائىلە پەقەت بىر يۇرتنىڭلا ئەمەس، بەلكى ئىنسانىيەتنىڭمۇ ئىجتىمائىي تەشكىلىدۇر. شۇڭا ئىنسانىيەتنىڭ تىرىكلىكى، ئۈزلۈكسىزلىكى ئائىلە بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئايال بولسا شۇ ئائىلىنىڭ خاتىرجەملىكىنى ۋە ئىللىقلىقىنى تەمىنلىگۈچىسىدۇر. قېيىنئانا – كېلىنلىك مۇناسىۋىتى، يەڭگىلەر ئارا مۇناسىۋەت، قۇدىلار ئارا مۇناسىۋەت... مۇشۇ بىر قاتار مۇناسىۋەتلەردە ئاياللار ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ، شۇنداقلا ئائىلە ۋە بىر جەمەتنىڭ خاتىرجەملىكىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  ئۈچىنچى، ئاياللارنىڭ قولۇم – قوشنا، دوست بۇرادەرلەر ئارىسىدىكى ئىناقلىق بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى

  تاگورنىڭ ‹‹ئاياللارنىڭ كۈلۈمسىرىشى ئۆيدىكى ھەممە بالا – قازالارنى قوغلىۋېتەلەيدۇ، ئۇلارنىڭ مۇھەببىتى تەڭرىنىڭ ئىلتىپاتى›› دەپ ئېيتقىنىدەك، ئەگەر ئاياللاردا مۇلايىملىق ۋە مېھرىبانلىق بولمايدىكەن، ئائىلە زىمىستان قىشقا ئوخشاپ قالىدۇ. ئاياللار قولۇم – قوشنىلار ۋە دوست – بۇرادەرلەر ئارا مۇناسىۋەتتە بەك زىغىرچان بولۇپ كەتسە، ئەپۇچانلىق بىلەن كۈلۈمسىرەپ قويۇشقا ئادەتلەنمىسە، ئاسانلا مۇناسىۋەتكە تەسىر يېتىدۇ. ئاياللار ئارىسىدىكى تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق ئىشلارمۇ ئاخىرىدا ئىككى ئائىلىنىڭ مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان سەۋەب بولۇپ قالىدۇ.

  ‹‹ئەرنىڭ نامىنى خوتۇن چىقىرار››، ‹‹ئەسكى خوتۇننى ئالساڭ، بېشىڭنى قىلار ساراڭ››، ‹‹خوتۇنۇڭ يامان بولسا، يۈرىكىڭ داغ››، ‹‹خوتۇنۇڭ پۇچەك بولسا، مېھمىنىڭ مۇتتەھەم بولۇر››، ‹‹خوتۇننىڭ دۈشمەنلىكى مىڭ دۈشمەندىن يامان›› قاتارلىق ماقاللار ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئاياللارنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتە ئوينايدىغان رولى ھەققىدە قالدۇرغان ئىخچام، مەنىلىك ھېكمەت ئۈنچىلىرى بولۇپ، ئاياللارنىڭ پەرزەنت تەربىيەسى، ئائىلە مۇناسىۋىتى، دوست – بۇرادەرلەر ئارا مۇناسىۋەت قاتارلىق جەھەتلەردە ئوينايدىغان رولىنىڭ مۇھىملىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بەرگەن.

  بىر ئىجتىمائىي كوللېكتىپنىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىش – قىلالماسلىقى مۇقىم ۋە بىخەتەر بولغان ئىجتىمائىي ھاۋادىن ئايرىلالمايدۇ. ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش مۇشۇ كوللېكتىپنىڭ ھەر بىر ئەزاسىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى. ئۇلۇغ رۇس يازغۇچىسى چېخوفنىڭ ‹‹ئاياللار ئىنسانىيەت ئەقىل – پاراسىتىدىكى بىر يالقۇن، ۋاھالەنكى ئۇ ئىنساننى نابۇت قىلىۋېتەلەيدۇ›› دەپ ئېيتقىنىدەك، قىز – ئاياللار ئۆزىگە خاس ئۇسۇل بىلەن بىر مۇھىتنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرەلەيدۇ ياكى ۋەيران قىلىۋېتەلەيدۇ.

  ئومۇملاشتۇرغاندا، ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدا ئاياللار ئوبرازىنىڭ ئىناق جەمئىيەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، تىنچ ۋە خاتىرجەم ياشاشتا ئوينايدىغان رولى كۆپ خىل ژانىرلاردا ئىخچام ۋە ئوبرازلىق نامايان قىلىنغان بولۇپ، ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، جەمئىيىتىمىزنىڭ تىنچ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە قىز – ئاياللارنىڭ رولىغا سەل قارىماسلىق كېرەكلىكىنى، قىز – ئاياللارنىڭ ساپاسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرۈپ، ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلىشنىڭ تەخىرسىزلىكىنى نامايان قىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر