باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەدەنىيەت

بالىلىرىمىزدىكى روھىي ئازادىلىكنى قانچىلىك قېزىۋاتىمىز؟

2016.05.09 15:23         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا، توردىن پارىژدىكى ئېففىل مۇنارى ئەتراپىدىكى مېترو بېكىتىدە، 11 , 12 ياشلاردىكى بىر توپ فىرانسۇز ئوقۇغۇچىلار ئەر ئوقۇتقۇچىنىڭ بايانلىرىنى ئاڭلاۋاتاتتى. ئۇلار تۇرغان ئورۇننىڭ ئۇدۇلىدىكى تامدا فىرانسىيە ئىنسانپەرۋەرلىك تەشكىلاتىنىڭ ئىككى پارچە رەسىمى چاپلاقلىق بولۇپ، بىرتەرىپىدە بىر تېرە – بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغان ئافرىقىلىق بالىلارنىڭ يەردە ئولتۇرغان كۆرۈنۈشى، يەنە بىر تەرىپىدە بىر بالا ئەخلەت دۆۋىسىنى ئاختۇرۇۋاتقان كۆرۈنۈشى ئىدى. ئېلان سۆزى ‹‹يەر شارىدىكى نامراتلىققا كۆڭۈل بۆلەيلى›› دەپ يېزىلغانىدى.

  مەن بۇ كۆرۈنۈشتىن مائارىپنىڭ چەت ئەللەردە بىزنىڭ مائارىپىمىزدەك يالغۇز كىتابتىنلا سۆزلىنىپ، بالىلارنى پورمۇلالاشقان، قېلىپلىشىپ كەتكەن ئۇقۇم ئارقىلىق بىلىم بېرىش شەكلى ئەمەسلىكىنى، بەلكى، مائارىپنىڭ ئادەمنىڭ مائارىپى، قەلبنىڭ مائارىپى، روھنىڭ مائارىپى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم.

  ‹‹ئەپەندىم، نېمە ئۈچۈن ئۇلار مۇشۇنداق نامرات؟›› سەبىي بىر ئاۋاز ئاڭلاندى. بالام، سېنىڭ سورىغىنىڭ بەك ياخشى بولدى. سەن سورىغان ۋاقىتتا، سەن ئويلىنىشقا، كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىغان بولىسەن. ئوقۇتقۇچىنىڭ قانداق جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن، بىراق، سېنىڭ سوئالىڭ ئاللىقاچان پەلسەپەگە تاقالدى، چۈنكى، پەلسەپە ئادەم قەلبىنىڭ دۇنيا ‹‹نېمىشقا››لىرىغا نىسبەتەن ئويلىنىشىدۇر.

  بىر بالا ئاپىسىغا: ‹‹ئاپا، نېمە ئۈچۈن مۈشۈكىمىز ئۆلۈپ قالدى؟›› دەپ سورىغاندا، بالا ئاللىقاچان ھاياتلىق ئۈستىدە تەپەككۇر يۈرگۈزۈپ، ھاياتلىق ۋە ئۆلۈم ھەققىدە ئويلىنىشقا باشلىغان بولىدۇ. ئۇ داۋاملىق ئاپىسىغا ‹‹كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى، چۈنكى، مۈشۈكىمىز ئۆلۈپ قالدى›› دېگەندە، بالا ئۆزىنىڭ ئازابىنى، ھېسسىياتىنى ھېس قىلالىغان بولىدۇ. بەلكىم ئاپىسى بالىسىغا تەسەللىي بېرىش يۈزىسىدىن ئۇنىڭغا: كۆڭلۈڭنىڭ يېرىم بولغىنىنى چۈشىنىمەن، چۈنكى، سەن مۈشۈككە بەك ئامراق ئىدىڭ، ھازىر ئۇ ئۆلۈپ قالدى، سەن ئۇنى بارا – بارا ئۇنتۇيسەن، قايغۇڭمۇ بارا – بارا يوقايدۇ دېگەندۇ ياكى مەن ساڭا باشقا بىر مۈشۈك ئېلىپ بېرىمەن، دېگەندۇ. شۇ ئارقىلىق بۇ ئانا بالىسىنى ئۆزىنىڭ قەلبىنى تەھلىل قىلىشقا ۋە ئۇنىڭ قايغۇسىغا جاۋاب تېپىپ، ئازابىنى ئازايتىشقا يېتەكلەۋاتىدۇ.

  دەرۋەقە ھەر بىر ئاتا – ئانىنىڭ ئەڭ چوڭ ئۈمىدى بالىسىنىڭ ساغلام چوڭ بولۇپ، ياخشى مەكتەپلەردە ئوقۇپ بەختلىك بولۇشىدۇر، ھەر بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ۋەزىپىسى ئوقۇغۇچىلارنى ھەر جەھەتتىن ئىقتىدارلىق قىلىپ تەربىيەلەشتۇر. ئۇنداقتا ئوقۇغۇچىنى ئۆز – ئۆزىنى تونۇتۇپ، تەپەككۇرىنى قاناتلاندۇرۇپ، ئۇلارنى ئىچكى دۇنياسىنى ھېس قىلىشقا يېتەكلەپ، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشنى ئۆگىتىش، بۇ ئارقىلىق ساغلاملىقىنى ساقلاش مۇھىم ئەمەسمۇ؟ شۇڭا، پەلسەپە بىزنىڭ ۋە ئوقۇتقۇچىنىڭ بالىلارغا ئۆزىنى ۋە باشقىلارنى تونۇش ئۈچۈن بەرگەن ئالتۇن ئاچقۇچ بولۇپ، بالىلارغا دۇنيانى ئەقلىي چۈشەندۈرىدىغان ۋە بالىلارغا ئۆمۈرلۈك مەنپەئەت بېرىدىغان بىر خىل ئۇسۇلدۇر.

  بىز ھازىر ھېسسىيات ۋە مەنىۋىيەتكە سەل قارىغىنىمىزدەك، بەزى ئاتا – ئانىلار بالىلارنىڭ سورىغان سوئاللىرى ئەقىلگە سىغمايدىغان‹‹بىمەنە››سوئاللار، بۇ سوئاللار ئەمەلىيەتتىن چەتنەپ كەتكەن بولۇپ، بالىلارنىڭ ھازىرقى ئىمتىھانى، كەلگۈسىدىكى خىزمەت تېپىشى بىلەن مۇناسىۋەتسىز، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇنداق قاراش، بۇنداق پوزىتسىيە تۈپتىن خاتا. چۈنكى، سىز مۇشۇنداق ئويلاۋاتقان ۋاقتىڭىزدا، سىزنىڭ بالىڭىز ياكى سىزنىڭ ئوقۇغۇچىڭىز گاڭگىراپ قېلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن: بەلكىم ئۇ مۇئەللىم پەقەت ئەقىللىق بالىلارغىلا كۆڭۈل بۆلىدۇ، مەن بىلەن كارى يوق، دەپ ئويلاپ، كۆڭلى يېرىم بولۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن؛ ئۇ سىنىپتىكىلەرنىڭ ئەڭ پۇلدار بالىغا خۇشامەت قىلىۋاتقىنىنى بايقىدى، ئۇنىڭ قىلغۇسى يوق، بىراق ئۇ يالغۇز قېلىشىدىن قورقۇۋاتىدۇ؛ ... بۇنداق گاڭگىراشلارغا ئاتا – ئانا ۋە ئوقۇتقۇچىلار كۆڭۈل بۆلمىسە، بۇلار بالىلارنىڭ تۇرمۇش تەجرىبىلىرىگە يىغىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆمۈرلۈك سايىسى ۋە ئەپسۇسىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بالىلار قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن، باشقا مەسىلىلەرگە ئۇچرايدۇ. مەسىلەن: ھېسسىيات مەسىلىسى، ئالاقىلىشىش مەسىلىسى، ناھەقچىلىك، ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا قانداق قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەر.

  ئىمتىھاندىن يۇقىرى نومۇر بىلەن ئۆتۈش مۇھىم، خىزمەت تېپىش تېخىمۇ مۇھىم، بىراق قەلبنى بىلىمدىن باشقا، ئەخلاق – پەزىلەت، قانائەت، سەۋرچانلىق، مېھرىبانلىق، ۋاپا – ئەقىدە، ئېتىقاد، ئىشەنچ نۇرىدا نۇرلاندۇرۇپ پاك تۇتۇش تېخىمۇ مۇھىم. چۈنكى، بالىلىرىمىز قەلبى ئارقىلىق دۇنيانى، كىشىلىك ھاياتنى، تۇرمۇشنى ھېس قىلىدۇ، قانداق ئادەمگە قانداق مۇئامىلە قىلىشنى، نېمىنى ئۇلۇغلاش، نېمىدىن نەپرەتلىنىشنى ئۆگىنىدۇ. ھەتتا قەلبى ئارقىلىق تۇرمۇشتا يولۇققان ئوڭۇشسىزلىققا، دۇچ كەلگەن ئازابقا قانداق بەرداشلىق بېرىشنى ئۆگىنىدۇ.

  ئەگەر بالا بالا ۋاقتىدىلا ھاياتلىقنى چۈشىنىشكە ئىنتىلمىسە، كېيىن ئۆزىنى ئۆزگىنى قانداق چۈشىنىدۇ؟ ئۇلاردا ھاياتلىققا نىسبەتەن قىزىقىش، ھاياتلىقنى چۈشىنىشكە ئىنتىلىش تۇيغۇسى بولمىسا، ئۆزىنىڭ ھاياتلىق نىشانىنى قانداق تاپالايدۇ؟ ئەگەر بالىلاردا ئەقلىي ئويلىنىش ۋە ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى تەرەققىي قىلمىسا، دۇنيانى قانداق بىلىدۇ؟ قانداق چۈشىنىدۇ؟ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى بالىنىڭ كىچىكىدىن باشلاپ ئۆگىتىشى، تەربىيەلىشى كېرەك، بۇ ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئاتا – ئانىلارنىڭ يېتەكچىلىكى، كۆڭۈل بۆلۈشىگە باغلىق.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر