باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەدەنىيەت

ھەميېنىڭىزدا رەسىم بارمۇ؟

2016.05.09 15:21         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپامنىڭ تەۋەررۈك ھەميېنى ۋە چىۋىقلانغان ياغاچ ساندۇقىنى ئاچقىنىمدا ئۆپكەم ئۆرۈلدى. ئاپامنىڭ ھەميېنىغا سېلىقلىق تۇرغان بىزنىڭ، نەۋرىلەرنىڭ رەسىملىرى، چىۋىقلانغان ساندۇقتا ساقلىنىۋاتقان كونا، رەڭسىز رەسىملىرى، 30 ~ 40 يىل ئىلگىرىكى كۆرسەتكۈچلىرىمىز، تەقدىرنامىلىرىمىز، ئىزناكلىرىمىز، سالام خەتلەر... ئىمكانسىز قالغان ئارمانلىرىم مېنى قىيناپ، ئاچچىق پۇشايمىنىم ياش بولۇپ چاناقلىرىمدىن ئېتىلدى.

  كۆز ئالدىمدا تاشلىنىپ تۇرغان رېئاللىق مېنى ئۆزۈم توغرىسىدا ئەستايىدىل ئويلىنىشقا دەۋەت قىلدى. ئاپامنىڭ ۋۇجۇدىغا مۇجەسسەملەنگەن بۈيۈك مەسئۇلىيەت، ھەممىگە تەڭ يېتىشەلەيدىغان قابىلىيەت، خاراكتېرىدىكى ئوڭلۇق، زېھنىدىكى زىللىق، سۇسلىشىپ قالمايدىغان قىزغىنلىق، ھەممىنى قايىل قىلالايدىغان ئۈمىدۋارلىق مېنى غەبلەت ئۇيقۇدىن ئويغاتماقتا ئىدى. مېنى ئىسكەنجىسىگە ئېلىپ ۋۇجۇدۇمغا چىرمىشىۋالغان بىپەرۋالىق، يۈزەكى كۆز قاراش، ئىلمان پوزىتسىيە، روھسىزلىق، مىجەز – خۇلقۇمدىكى چېچىلاڭغۇلۇق ئەمدىلىكتە ئۆزۈمگە ئاستا – ئاستا بىلىنمەكتە ئىدى.

  مەن ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئۆز يۇرتۇمغا خىزمەتكە تەقسىملىنىپ، ئۆي – ئوچاقلىق بولغان بولساممۇ مۇشۇ ياشقىچە ئاپامنىڭ بىرەر پارچە سۈرىتىنى ھەميېنىمغا سېلىپ باقماپتىمەن. ئاپام يازغان تەۋەررۈك خەتلەرنىمۇ ساقلاپ قويماپتىمەن. ئاپام ھايات چېغىدا بىرەر پارچە رەسىمىنى يۇيدۇرۇپ رامكىغا ئېلىپ نەچچە ئېغىزلىق ئۆيۈمنىڭ بىرەرسىنىڭ تۆرىگە ئېسىپ ئۇنىڭغا روھىي ئوزۇق، مەمنۇنلۇق ئاتا قىلالماپتىمەن. ئاتا – ئانامغا مىننەتدارلىق تۇيغۇسىدا بولۇپ باقماپتىمەن، ئاپام تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن پۇشايمان بىلەن ئويغىنىپ چوڭايتىلغان رەسىمىنى مېھمانخانىغا ئېسىپ قويۇپتىمەن. دوستۇم، ئاتا – ئانىڭىزنىڭ بىرەر پارچە سۈرىتى ھەميېنىڭىزدا ساقلاقلىقمۇ؟ ياكى چوڭايتىلغان سۈرىتىنى نەپىس رامكىغا ئېلىپ ئۆيىڭىزنىڭ تۆرىگە ئېسىپ قويدىڭىزمۇ؟ ۋاقىت چىقىرىپ ئاپىڭىزنى يوقلاپ، يىراقتا بولسىڭىز تېلېفون قىلىپ تۇرالىدىڭىزمۇ؟

  ئەمەلىيەتتە، ئاتا – ئانىمىزنىڭ بىرەر پارچە سۈرىتىنى ھەميېنىمىزدا ساقلاش، ئۆيىمىزنىڭ تۆرىگە ئېسىپ قويۇش بىلەن ۋاپادار، كۆيۈمچان بولۇپ كەتمەيمىز. بىراق شۇنداق كىچىككىنە ئىشلارنىمۇ ئەڭ ئاۋۋال دىلىڭىزدا ياد ئېتىپ،كۆڭلىڭىزگە پۈكۈپ، ئەمەلىيىتىڭىز ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقارسىڭىز، ئاز – تولا بولسىمۇ قەلبىڭىزدىكىنى ئاشكارا قىلغان بولىسىز.

  بىز ئاتا – ئانىمىزنىڭ قېنىدا، ۋۇجۇدىدا، ھەر بىر تىنىقىدا، قىلىۋاتقان ئىشىدا، ئويلاۋاتقان پىلانلىرىدا، ئۇخلىسا چۈشىدە، ئويغانسا خىيالىدا، ئاغزىغا سېلىۋاتقان بىر توغرام نېنىدا ۋە ئوتلىماقچى بولغان بىر يۇتۇم چېيىدا مەۋجۇتمىز. لېكىن بىز كۆپ ھاللاردا ئۆزىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىمىزنى ئاتا – ئانىمىزغا ئىسپاتلاپ ئۇلارنى خاتىرجەم قىلالمايمىز. ئاتالمىش جىددىيلىكنىڭ قىيناشلىرىدا مىننەتدارلىق تۇيغۇمىزنى، ۋاپادارلىقىمىزنى كىچىك، ئاددىي ئىشلار ئارقىلىق ئىپادىلەشكە ئېتىبار بەرمەيمىز – يۇ، ئەھمىيەتلىك، چوڭراق ئىشلارنى قىلىشقا ۋاقىت ئاجرىتالمايمىز!

  ئاتا – ئانىمىزنىڭ كۆڭلى شۇنچىلىك نازۇك، شۇنچىلىك قانائەتچان. ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدى پەرزەنتلىرىنىڭ مىننەتدارلىق تۇيغۇسىغا چۆمۈلگەن چىراي ئىپادىمىز، خۇشال كەيپىياتىمىز، بىر ئېغىز رەھمىتىمىز، سېغىنىشلىق، رايىشلىق ھەرىكىتىمىزدىن لەرزىگە كېلىدۇ، بېشى كۆككە يېتىدۇ.

  خۇددى بىر تامچە سۇدىمۇ قۇياشنىڭ نۇرى جۇلالىغىنىغا ئوخشاش، ئاددىي بىر ھەرىكەتتىن، كىچىككىنە بىر ئىشتىن، بىر ئېغىز سۆزدىن كۆڭۈلنى ئاۋۇندۇرىدىغان، ھاياجانغا سالىدىغان مېھىر – مۇھەببەتنى يەتكۈزگىلى بولىدۇ. شۇڭا، ھەميېنىڭىزدا ئانىڭىزنىڭ رەسىمىگە ئورۇن بېرىڭ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر