باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەدەنىيەت

ئاياللار ئۇلۇغ، ئانىلار تېخىمۇ ئۇلۇغ

2016.05.09 15:21         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاياللار دۇنيانىڭ قۇياشى، ئاياللارسىز دۇنيانىڭ قانداقلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس. شۇڭا بۇ دۇنيا ئاياللار بولغاچقىلا ئەمەس، مۇھىمى ئەجداد بىلەن ئەۋلادنىڭ ئۈزۈلمەسلىكى تولۇق كاپالەتكە ئىگە بولۇپ، تارىخ بۈگۈنگىچە يېتىپ كېلەلىگەن. چۈنكى بىر ئانا ئۆز نۆۋىتىدە بىر ئايال ھەم بىر ئانا بولالايدۇ، لېكىن بىر ئايال ئاياللا بولالايدۇكى، ئانىنىڭ رولىنى ھەرگىز ئالالمايدۇ.

  كوننىلىيە رىمنىڭ ئاتاقلىق گېنېرالى شىبرۇنىڭ قىزى بولۇپ، چوڭ بىر ھوقۇقدارغا ياتلىق بولۇپ، رىمنىڭ ئاقسۆڭەكلەر تەبىقىسىدە تۇرمۇش كەچۈرگەنىدى. ئەمما، ئېرى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، ئۇ نۇرغۇن مال – مۈلۈكلەرنى سېتىۋېتىپ، ئاددىي تۇرمۇش كەچۈرگەن.

  قۇياش نۇر چېچىپ تۇرغان بىر ئەتىگەندە كوننىلىيە گۈللۈكتە ئويناۋاتقان ئىككى ئوغلىغا:

  بۈگۈن بىر دوستۇم تاماققا كېلىدۇ، ئۇ ناھايىتى باي، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئۆزىنىڭ ئۈنچە – مەرۋايىتلىرىنى بىزگە كۆز – كۆز قىلىدۇ، دېدى.

  كۆپ ئۆتمەي ھېلىقى باي خانىم كەلدى. ئۇنىڭ بارماقلىرىدىكى ئۈزۈكلەر يالتىرايتتى. بىلىكىدىكى بىلەزۈكلەر، بوينىغا ئېسىۋالغان ئالتۇن زەنجىر، چېچىدىكى ئۈنچە – مەرۋايىت قىسقۇچلار كۆزنى قاماشتۇراتتى.

  سەن مۇنداق باي ئادەمنى كۆرۈپ باققانمۇ؟ قارىماققا خانىشقا ئوخشايدىكەن، دېدى ئىنىسى ئاكىسىغا پەس ئاۋازدا.

  ئۇلار بېشىنى بۇراپ ئۆز ئانىسىغا قاراشتى. ئۇ پەقەت بىر ئاق كۆڭلەك كىيىۋالغان بولۇپ، بارماقلىرى ۋە بىلىكىدە ھېچقانداق زىبۇ – زىننەت يوق ئىدى. پەقەت ئالتۇن رەڭ ئۇزۇن چاچلىرىنى بىر تال ئۆرۈپ بېشىغا يۆگىۋالغان بولۇپ، بەئەينى تاجدەك كۆرۈنەتتى. ئەمما، ئۇنىڭ مۇلايىم كۈلكىسى ئۇنىڭ چىرايىغا ھۆسن قوشقان بولۇپ، ھەر قانداق جاۋاھىراتلاردىنمۇ نۇرلۇق ئىدى.

  سىزنىڭ باشقا ئۈنچە – مەرۋايىتلىرىمنى كۆرۈپ باققۇڭىز بارمۇ؟ دەپ سورىدى باي ئايال.

  ئۇنىڭ خىزمەتكارى بىر قۇتىنى ئېلىپ كېلىپ شىرەگە قويدى. بۇ ئايال قۇتىنى ئاچتى، قۇتىنىڭ ئىچىدە ئوتقاشتەك قىزىل، ئاسماندەك كۆك، دېڭىزدەك تىنىق، قۇياش نۇرىدەك كۆزنى قاماشتۇرىدىغان بىرىليانت بار ئىدى. ئاكا – ئۇكا ئىككىسى كۆز ئالدىدىكى بۇ جاۋاھىراتلارنى كۆرۈپ ئاغزىنى ئېچىپلا قالدى.

  پاھ، ئەگەر ئانىمىزنىڭمۇ مۇشۇنداق چىرايلىق نەرسىلىرى بولغان بولسا بەك ياخشى بولاتتى، دېدى ئىنىسى پەس ئاۋازدا.

  كوننىلىيە، ماڭا دەڭچۇ، دېدى باي ئايال ئىچ ئاغرىتىش نەزەرىدە ئۇنىڭغا، سىزنىڭ راستىنلا ھېچقانداق گۆھىرىڭىز يوقمۇ، سىز راستىنلا شۇنداق نامراتمۇ؟

  كوننىلىيە كۈلۈپ تۇرۇپ:

  مېنىڭ گۆھەرلىرىم سىزنىڭكىدىنمۇ قىممەتلىك، دېدى.

  ئۇنداقتا، مەنمۇ بىر ھۇزۇرلىنىپ باقاي، ئۇلار قەيەردە؟ دېدى ئايال.

  كوننىلىيە ئىككى ئوغلىنى يېنىغا تارتىپ:

  بۇلار مېنىڭ گۆھەرلىرىم، ئۇلار سىزنىڭ گۆھەرلىرىڭىزدىن قىممەتلىك ئەمەسمۇ؟ دېدى.

  بۇ ئىككى ئوغۇل ئانىسىنىڭ پەخىرلىنىشى، مۇھەببىتى ۋە كۆڭۈل بۆلۈشىنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايدۇ. نەچچە يىللاردىن كېيىن، ئۇلار رىمنىڭ داڭلىق سىياسىيونلىرىغا ئايلاندى. ئەمما، ئۇلار دائىم گۈللۈكتىكى ئاشۇ ئۇچرىشىشنى ئەسكە ئالىدۇ. شۇنداقلا، رىملىقلارمۇ كېيىن بۇ ئاكا – ئۇكىنى خاتىرىلەپ، ئۇلارنىڭ ھەيكىلىنى ياسىغاندا، ئۇلارغا ئەقىل – پاراسەت ۋە ياخشىلىقنى ئۆگەتكەن بۇ ئانىنى ھۆرمەتلەش كېرەكلىكىنى ئۇنتۇمىدى. رىملىقلار ئۇنىڭ قەبرە تېشىغا: ‹‹كوننىلىيە تىبرۇس ۋە كارسنىڭ ئانىسى››دەپ يازدى. شۇنداق، بىر ئانا ئۈچۈن ھەممىدىن مۇھىمى ئۇنىڭ پەرزەنتى. ئانا پەرزەنت ئۈچۈن بارلىقىنى ئاتا قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ پەرزەنت نوقۇل شۇ ئانىنىڭ ئۆزىنىڭلا بالىسى بولۇپلا قالماي، يەنە ۋەتەننىڭ، خەلقنىڭ پەرزەنتىدۇر. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا ئانىلارنى ئەڭ يۈكسەك ۋەتەنپەرۋەر، خەلقپەرۋەر دېسەك ھەرگىز ئارتۇق كەتمەيدۇ.

  بىزنىڭ بۈگۈنكى مەۋجۇتلۇقىمىز، خۇشاللىقىمىز، ئەتىگە بولغان يۈكسەك ئۈمىدۋارلىقىمىز نەدىن كەلگەن؟ يەنىلا شۇ ئەڭ مېھرىبان، كۆيۈمچان ئانىلاردىن كەلگەن ئەمەسمۇ؟ ئۇلار ھەر بىر سۆز – ھەرىكىتىدە بىزنىڭ تىنچ – ئامانلىقىمىزنى، بىزگە كەلمەكچى بولغان بەختسىزلىكنىڭ ئۆزىگە كېلىشىنى، بارلىق خۇشاللىق، ھەممە بەختنىڭ بىزگە نېسىپ بولۇشىنى چىن قەلبىدىن تىلەيدۇ. ھەي مېھرى ئاتەش، چېھرى نۇرلۇق ئانىلار بىز پەرزەنتلەر سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا مەڭگۈ بالا، بىز چوڭ بولۇۋېلىپلا خىزمەت، تۇرمۇش باھانىلىرى بىلەن سىلەرنى يوقلىماس بولدۇق، سىلەرنىڭ سەمىمىي تەكلىپ، سەمىمىي ئاگاھلاندۇرۇشۇڭلارنى قۇرۇق گەپ دەپ ئاڭلىماسقا سالدۇق، بىز يېنىڭلارغا بارمىساق سىلەرنىڭ گېلىڭلاردىن تاماق ئۆتمەيدىغانلىقىنى، بالام كېلىپ قالسا ئاڭلىماي قالماي، دەپ تالاي كېچىلەرنى ئۇخلىماي ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئەسلا ئويلىمىدۇق، سىلەر يەنىلا ناھايىتى كەڭ قورساق ۋە ھاتەمچە سېخىي، بىزنىڭ ھەرقانداق سەۋەنلىكلىرىمىزنى پەقەتلا كۆڭلۈڭلارغا ئالمايسىلەر، كەچۈرۈۋېتەلەيسىلەر. قايسىبىر كىشى پەرزەنتى ئۈچۈن ئەڭ قىممەتلىك نەرسىلىرىدىن شەرتسىز كېچەلەيدۇ؟ ئانىلاردىن باشقا يەنە قايسىبىر ئىنسان شۇنداق قىلالايدۇ؟

  دېمەك، ئاياللار ئۇلۇغ، لېكىن ئانىلار ئۇنىڭدىنمۇ ئۇلۇغ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر