باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەدەنىيەت

نام-شۆھرەتلىك بولۇش، بايلىق توپلاش ھاياتنىڭ بەلگىسى ئەمەس

2016.05.09 15:18         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھايات تولىمۇ چەكلىك. شۇڭا ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشقا ماھىر بولۇشىمىز، ھاياتنىڭ مەزمۇنىنىڭ ئىنتايىن كەڭلىكىنى، ئۇنىڭ بايلىق توپلاش، نام – شۆھرەتكە ئېرىشىشنىلا ئەمەس، ھاياتنىڭ قىممىتى تەبىئەتنى، ئىنسانلارنى سۆيۈش، مېھىر – مۇھەببەتلىك بولۇش، كىشىلەرگە كەڭ قورساقلىق بىلەن ياردەم قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلىشىمىز كېرەك.

  نام – شۆھرەتكە ئىنتىلىش، مال – دۇنيا توپلاش شۇبھىسىزكى، تىرىكچىلىكىمىزنىڭ ئاساسى. ئەمما نەچچە ھەسسە بەدەل تۆلەش ھېسابىغا ئېرىشكەن بايلىق كۆپ ھاللاردا ئۆزىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ خاپىلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ. ھايات خۇشاللىق ۋە بەختكە ئېرىشىشنى مەقسەت قىلىدۇ. دۇنيادا ھەرقانداق ئادەم نام – ئاتاقسىز يۈرۈشنى خالىمايدۇ. مال – دۇنيا، نام – شۆھرەتلەر خۇشاللىقنىڭ مەنبەسى، ئەمما خۇشاللىقنىڭ ئۆزى ئەمەس. كىشىلەر ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرۈپ، خۇشال – خۇرام يۈرۈشتە، بايلىققا ئەمەس بەلكى، ئاق كۆڭۈل، كۆكسى – قارنى كەڭ قەلبگە تايىنىدۇ.

  نام – شۆھرەت، مال – دۇنيا توپلاش كىشىنىڭ ساپاسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ھەرقانداق كىشىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدىكى ئەڭ مۇھىم ۋە تۈپكى شارائىت باشقىلارنىڭ ئۇنىڭغا بولغان قارىشى ۋە مال – دۇنيا بولماستىن، بەلكى ساپ ئەقىل، ساغلام تەندۇر. ناۋادا، ئادەم نام – شۆھرەت، مال – دۇنيانى ھاياتتىن مۇھىم بىلسە، ئۆز ھاياتىنى خورلىغان بولىدۇ. بەزى كىشىلەر نام – شۆھرەت ئۈچۈن تىنچ – ئامانلىقنى، سالامەتلىك ھەتتا ھاياتىنى قۇربان قىلىدۇ. تۇرمۇشتا ھەرقانداق نەرسە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكەندىلا ئاندىن ھەقىقىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولىدۇ. بۇ نۇقتىنى چۈشەنگەن چېغىمىزدىلا، ۋاقىتنى بىكار، ئەھمىيەتسىز ئۆتكۈزمەيمىز. بىز تۇرمۇش بىلەن مەنىۋى مۇناسىۋەت ئورنىتىشىمىز، ئورۇنسىز شەخسىي مەنپەئەتكە بېرىلىشتىن يىراق تۇرۇشىمىز، كۈندىلىك تۇرمۇشتىن ئۈستۈن تۇرىدىغان گۈزەل ئېتىقاد بىلەن كۆڭلىمىزنى توق، خاتىرجەم تۇتۇشىمىز كېرەك. ئادەم نام – شۆھرەت تىكلەش، مال – دۇنيا توپلاش ھەلەكچىلىكىدە چەكتىن ئېشىپ خىزمەت قىلسا، ئاقىۋىتى ئەكسىچە بولۇپ چىقىدۇ.

  ماددىي مەنپەئەت ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان بۈگۈنكى كۈندە كىشىلەر خۇشاللىق بىلەن نام – شۆھرەت، مال – دۇنيانى تەڭ ئورۇنغا قويۇپ، ئۇلارنى خۇشاللىقنىڭ ئورنىغا دەسسىتىۋالدى، بۇ نەرسىلەر قانچە كۆپ بولسا شۇنچە خۇشال خاتىرجەم ياشىغىلى بولىدۇ، دەپ قارايدىغان بولۇۋالدى. دۇرۇس، بايلىق ۋە پۇل بولغاندىلا نازۇنېمەتلەرگە ئېرىشەلەيمىز، يۇرت كېزىپ، گۈزەل تاغ – دەريالارنى ساياھەت قىلالايمىز. بىراق قەلبتىكى كەمتۈكلۈكنى تاشقى ئىنتىلىش ئارقىلىق تولدۇرغىلى بولمايدۇ. مال – دۇنيا چەكلىك خۇشاللىق ئاتا قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە چەكسىز خاپىلىقنى ئەكىلىشىمۇ مۇمكىن.

  نام – شۆھرەت، مال – دۇنيا دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئاسماندىن چۈشمەيدۇ، بەلكى قان – تەردىن كېلىدۇ. تىرىشىپ – تىرمىشىپ جاپالىق ئەجىر قىلغاندىلا بەلگىلىك نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. ھازىر ئالما ماركىلىق ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى دۇنيانىڭ ھەممە يېرىنى دېگۈدەك قاپلىدى. ئۇنىڭ قۇرغۇچىسى جوبىس يەر شارىغا داڭلىق ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، ھازىرقى دەۋردىكى خەۋەرلىشىش، كۆڭۈل ئېچىش ۋە كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش شەكلىنى زور دەرىجىدە ئۆزگەرتتى. ئۇنىڭ ياراتقان بايلىقى، نام – شۆھرىتىگە ھەممە ئادەم قايىل، مۇشۇلارنى ئۇ جاننى تىكىپ تۇرۇپ قولغا كەلتۈرگەن. ئاشۇنداق جاپالىق ئىشلەش ئۇنى 56 ياشتىلا ئۇ ئالەمگە ئۇزاتتى. بىز ئۇنىڭ ئۆلۈم ئالدىدىكى ۋەسىيەتنامىسىنى ئوقۇپ باقايلى:

  ‹‹دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا سېپىدىكى بىر شىركەتنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئىلگىرى سودا دۇنياسىدا زور ئۇتۇقلىرىمغا تايىنىپ ھەيۋە بىلەن ياشىغانىدىم، ھاياتىم مۇۋەپپەقىيەت بىلەن تولغانىدى. ئەمما خىزمەتتىن باشقا قىزىقىشىم بەك ئاز بولۇپ، كېيىن ھاياتىم نۇرغۇنلىغان ئارتۇقچە نەرسىلەر بىلەن تولۇپ كەتتى. مانا ھازىر كېسەل كارىۋىتىدا يېتىپ ئۆتكەن ھاياتىم ھەققىدە ئويلىنىدىغان بولۇپ قالدىم. ھازىر شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ يەتتىمكى، ئىلگىرىكى پەخىرلىنىدىغان بايلىقلىرىم ۋە نام – شۆھرىتىم ئۆلۈم ئالدىدا ئەھمىيىتىنى يوقىتىپ ھېچنېمىگە ئەرزىمەس نەرسە بولۇپ قالدى. ھازىر شۇنى چۈشەندىمكى، ئادەمنىڭ ھاياتىدا يېتەرلىك بايلىقى بولسىلا، ئاندىن بايلىق بىلەن مۇناسىۋەتسىز نەرسىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشالايدىكەن. بايلىق بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىغان نەرسە چوقۇم ئادەم ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم نەرسە، بەلكىم ھېسسىيات بولۇشى، سەنئەت بولۇشى ۋە ياكى بالىلىق ۋاقىتلىرىدىكى غايىلىرى بولۇشى مۇمكىن. تىنىم تاپماي بايلىق توپلاش ئادەمنى تويماس، ھاياتىنى مەنىسىز قىلىپ قويىدىكەن. ئادەمنى خۇددى بىر بىنورمال مەخلۇققا ئايلاندۇرۇپ قويىدىكەن. مەن ھاياتىمدا تىرىشىپ – تىرمىشىپ يىغقان بايلىق ۋە تىكلىگەن نام – شۆھرىتىمنى ئۇ دۇنياغا ئېلىپ كېتەلمەيمەن، ئېلىپ كېتەلەيدىغىنىم پەقەت ئەسلىمىگە ئايلانغان ساپ ھاياجان شۇنداقلا ماددىي بايلىق بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى بولمىغان مۇھەببەت ۋە ھېسسىيات، ئۇلارنى ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ، شۇنداقلا بۇ نەرسىلەر يوقاپمۇ كەتمەيدۇ، مانا بۇلار ئادەم ھاياتىدىكى ھەقىقىي بايلىق››.

  ئادەم بەدىنى ئىشلەپ ھارغاندىن كېيىن ۋاقتى – ۋاقتىدا دەم ئېلىپ ماغدۇرىغا كېلىپ تۇرۇشى زۆرۈر بولىدۇ. ئەمما بەزى كىشىلەر ئۆزى بىلەن ئويناشقاندەك ئىش قىلىدۇ، قەھۋە ئىچىشكە تايىنىپ روھىنى كۆتۈرىدۇ ياكى بەدىنى تارقاتقان ھارغىنلىق سىگنالىغا پىسەنت قىلمايدۇ. ئاخىرىدا ھارغىنلىق ئادەمنى بېسىۋېلىپ، تۇرمۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىشقا ناچار تەسىر كۆرسىتىدۇ، باشقىچە ئېيتقاندا بىر ئادەمنىڭ ئۆزىنى ئالدىغان ۋاقتى ئەمەلىيەتتە زىيادە چارچىغان ۋاقتىدۇر. جوبىس دەل شۇنداق بولدى.

  ھەر بىر ئادەمنىڭ ھاياتتىن ئالىدىغان ھۇزۇر – ھالاۋىتى ئوخشاش بولمايدۇ. كىشىلىك ھايات ھەقىقەتەن بىر سىر، ئاخىرقى ھېسابتا بۇ سىرنىڭ تېگىگە ھېچكىم يېتەلمەيدۇ. ھەر بىر ئادەمنىڭ مۇۋەپپەقىيەت، بايلىق، نام – ئابرۇي، مەرتىۋىگە بولغان مۇئامىلىسى، كۆز قارىشى ۋە ئىنتىلىشى ئوخشاش بولماسلىقى مۇمكىن. ئەمما شۇنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇكى، ھەممىمىزنىڭ بىر ئورتاق كۆز قارىشىمىز بار، ئۇ دەل بەخت ۋە خۇشاللىققا ئىنتىلىشتۇر. ئادەم ياشاپ بىر باسقۇچقا كەلگەندە ھايات داۋانلىرىدا خېيىم – خەتەر، قىيىنچىلىقلارغا تەۋەككۈل قىلىش، جاپالىق تىرىشىش ھەتتا ھاياتىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئېرىشكەن نەرسىسىنىڭ باشقىلارنىڭ نەزەرىدە ھېچنېمە ئەمەسلىكىنى چۈشىنىپ يەتكەندە، ناھايىتى زور بەدەل تۆلەپ خوراتقان ھاياتى ئۈچۈن ئېچىنماي تۇرالمايدۇ. بايلىقنى لايىقىدا تەڭشەش، بايلىقنى مۇۋاپىق تەقسىملەش كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندىلا خۇشال بولغىلى بولىدۇ، خۇشال يۈرگەن ئادەمنىڭ ئۆمرى ئۇزاق بولىدۇ. بەزىلەر بۇ دۇنيادىن نام – مەنپەئەت قوغلىشىپ، بەزىلەر ھېچنېمىگە پەرۋا قىلماي ئۆتۈپ كېتىدۇ. ھاياتنى بىھۇدە ئۇپراتماسلىق ئاساسىدا ئۆز بۇرچىنى ئادا قىلىدىغان روھ بولغاندىلا، ھاياتنى ھەقىقىي مول مەزمۇنغا ئىگە قىلغىلى، ئۇنى ئالىيجاناب ۋە پاك تۇتقىلى بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر