باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەدەنىيەت

دۇرۇس ئادەم قانداق بولىدۇ؟

2016.05.09 15:17         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۇرۇس ئادەم بولۇش ئادىمىيلىكنىڭ ئەڭ ئاساسىي مىزانى بولۇپ، ئۇ كىشىلەرنىڭ ئەقلى، ئەخلاقى، جىسمانىي ۋە ئېستېتىك تەرەپلەردىكى بارلىق ھەرىكەت، قاراش، مۇئامىلىلىرىنىڭ ۋاسىتىلىك ياكى بىۋاسىتە ئىپادىلىنىشىدۇر. شۇڭا ھەر بىر كىشى مەيلى خىزمەت، ئۆگىنىش ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە جەريانلىرىدا بولسۇن ھەر ۋاقىت دۇرۇس ئادەم بولۇشقا كۈچىشى تولىمۇ زۆرۈر.

  ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەكىتلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە كۆپلىگەن كىشىلىرىمىزنىڭ قەلب دۇنياسىدا سەمىمىيلىك، ۋاپادارلىق، راستچىللىق، ساپ دىللىق جۇلالىنىپ، ئەتراپقا ئىنسانىي مېھىر – مۇھەببەت ئۇرۇقىنى چېچىۋاتقان بولسىمۇ، ئاز ساندىكى كىشىلىرىمىز تەربىيەدىكى تەكشىسىزلىك، يېتىلىشتىكى ئاجىزلىق، قاراشتىكى بىتەرەپلىمىلىكلەرگە جور بولۇپ، ئادىمىيلىككە يات بولغان ئەخلاقسىزلىقنىڭ خىلمۇخىل مەزمۇن ۋە شەكىللىرىنى ئۆزىگە دوست تۇتۇپ، مەقسەتلىك ياكى مەقسەتسىز، بىلىپ ۋە بىلمەي، باشقىلارنى ئالداش، مەنپەئەتپەرەسلىك قىلىش، بىپەرۋالىق قىلىش، كۆڭۈل بۆلمەسلىكتەك ناچار ئىدىيە، مۇئامىلە، پىسخىك ھېسسىياتلار ئىچىدە تۇرۇپ، دۇرۇس ئادەم بولۇشتىن ئىبارەت ئاساسىي ئەخلاق ئۆلچىمىگە زىت ئىش – ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ. بۇ دەل بىز دەۋاتقان دۇرۇس ئادەملەردە بولۇشقا تېگىشلىك پەزىلەت ئەمەس ئەلۋەتتە. شۇڭا پۈتكۈل جەمئىيەتتە جەمئىيەت ئەخلاقى، كەسىپ ئەخلاقىنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، ھەر بىر كىشى ئارىسىدا، ھەر بىر ئائىلىلەردە، جەمئىيەتتە جۈملىدىن مەكتەپلەردە دۇرۇس ئادەم بولۇش تەربىيەسىنى ھەر ۋاقىت ئەستايىدىل ۋە چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشىمىز لازىم.

  دۇرۇس ئادەم بولۇش ئەڭ يۈكسەك پەللىدىكى ئۆزىنى تونۇش، ئەڭ يۈكسەك پەللىدىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە بولۇش، ئەڭ يۈكسەك پەللىدىكى راستچىللىق، سەمىمىيلىك، ئىشەنچ ۋە چىن قەلبنى ھەقىقىي نامايان قىلىش دېگەنلىكتۇر. پەقەت ئۆزىنى تونۇپ يەتكەن، بەلگىلىك كىشىلىك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە، راستچىل، سەمىمىي، چىن قەلبكە ئىگە بولالىغان كىشىلەرلا نېمىنىڭ توغرا، نېمىنىڭ خاتا، نېمە قىلىش كېرەك، قانداق قىلىش كېرەك، قانداق قىلغاندا پەزىلەتلىك ئادەم بولالايمەن؟ دېگەنلەرگە ھاياتلىق يولىدىكى ھەر بىر قەدىمىنى توغرا بېسىش ئارقىلىق باشقىلاردىن ئۆگىنىش ئارقىلىق ھاياتلىقتىن ئېرىشكەنلىرى ئارقىلىق يېتەلەيدۇ ۋە بۇ ئارقىلىق ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرالايدۇ.

  ئەمەلىيەتتە دۇرۇس ئادەم بولماق تەس ئەمەس. پەقەت ئاددىي – ساددا، تەبىئىي، چىن ھېسسىيات بىلەن ياشىساقلا، شۇنداقلا دۇنياغا كۈلۈپ قارىساقلا، ئەتراپتىكىلەرگە ئىللىق تەبەسسۇم بىلەن بېقىپ، تاتلىق مېھرىمىزنى بېرىپ، گۈزەل ئارزۇ – ئۈمىد، چوڭقۇر ۋە ساپ مۇھەببىتىمىز بىلەن قول تۇتۇشۇپ تەڭ ماڭساقلا بولىدۇ. مانا بۇ بۈگۈنكى دەۋردىكى كىشىلەرنىڭ قەلب دۇنياسىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان ۋە ئەبەدىي قورقماي مەڭگۈ ياشناپ ئالغا سىلجىشى كېرەك بولغان ھاياتلىقىمىزنىڭ شۇنداقلا ئادىمىيلىكىمىزنىڭ مۇھىم ئاساسى بولغان دۇرۇس ئادەملىكىمىزدۇر.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر