باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەدەنىيەت

باھار پەسلىدىكى كۆك تائاملىرىمىز

مۇھەممەدتۇرسۇن ھەسەن

2016.03.22 14:14         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كۆك تائاملار باھاردا تۇنجى كۆكلەپ چىققان بېدىنى ئاساس قىلىپ تەييارلىنىدىغان تائاملارنى كۆرسىتىدۇ.

  بېدە باش باھارنىڭ كېلىشى بىلەن ئەڭ بۇرۇن كۆكلەپ چىقىدۇ. بېدىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولۇپ، ھەرقانداق تائامغا ئارىلاشتۇرۇشقا بولىدۇ. كۆك تائاملار ئەجدادلىرىمىز ئۇزاق زامانلار مابەينىدە بارلىققا كەلتۈرگەن ۋە تەدرىجىي ئومۇملاشقان تاماق تۈرلىرى. باشقا تائاملارنى تەييارلاش قائىدە – تەرتىپى بولغانغا ئوخشاش كۆك تائاملارنىڭمۇ قائىدە – تەرتىپى بولىدۇ. تۆۋەندە كۆك تائاملاردىن بىر نەچچە تۈرنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز:

  كۆك چۆچۈرىسى

  يېڭى كۆكلەپ چىققان بېدىنى تېرىپ پاكىزلاپ، قايتا – قايتا يۇيۇپ، قوينىڭ قۇيرۇق مېيىدىن توغراپ، تۇز، زىرە، قارىمۇچ قاتارلىقلارنى ئارىلاشتۇرۇپ، قىيما تەييارلايمىز. ئەگەر بېدە قاتتىق ياكى چوڭ بولسا، قازانغا ياغ قۇيۇپ قىزدۇرۇپ، ئازراق پىياز سېلىپ، سارغايغاندىن كېيىن بېدىنى ئۇششاق توغراپ قازانغا تاشلايمىز، بېدە تازا ئەۋرىشىم ھالەتكە كەلگەندە قۇيرۇق ماي بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ چۆچۈرە تۈگىمىز.

  كۆك مانتىسى

  تۇنجى كۆكلەپ چىققان بېدىنى پاكىز يۇيۇپ، ئۇششاق توغراپ سۇس ئوتتا قورىمىز، ئاندىن قورۇلغان بېدىنى قاچىغا ئېلىپ، قوينىڭ قۇيرۇق مېيىنى ئۇششاق توغراپ ئارىلاشتۇرىمىز، ئۈستىگە تۇز سېپىپ تەمى تەڭشەلگەندىن كېيىن مانتا تۈگىمىز.

  كۆك كۆمىچى

  يېڭى كۆكلەپ چىققان بېدىنى تېرىپ پاكىزلاپ، قايتا – قايتا سۈيىنى سىقىپ چىقىرىۋېتىپ، ئۇششاق توغرايمىز. ئاندىن قوينىڭ قۇيرۇق مېيىدىن ئارىلاشتۇرۇپ قىيما تەييارلايمىز، قىيمىغا كاۋاۋىچىن، تۇز سېلىپ تەمىنى تەڭشىگەندىن كېيىن، جىلتە قىلىنغان خېمىرنىڭ ئىچىگە ئېلىپ تونۇردىكى قوقاسقا كۆمۈپ پىشۇرىمىز.

  كۆك شورپىسى

  تۇنجى ئۈنگەن بېدىنى تېرىپ پاكىزلاپ، قايتا – قايتا يۇيۇپ، قازانغا سېلىپ پىشۇرىمىز. قاچىغا زاغرا ناننى چىلاپ ئۈستىگە پىشۇرۇلغان بېدىنى ئالىمىز. بېدىنىڭ ئۈستىگە چۈچۈتۈلگەن ياغ ياكى قوينىڭ قۇيرۇق مېيىنىڭ ئېرىتمىسىدىن ئازراق سېلىپ، قاچىنىڭ ئېغىزىنى بەش مىنۇت ئەتراپىدا يېپىپ قويىمىز. بۇ چاغدا نانغا شورپا سىڭىپ ناھايىتى تەملىك ھەم يۇمشاق بولىدۇ.

  كۆك سالغان سۇيۇقئاش

  ئادەتتە سۇيۇقئاشنىڭ بىر نەچچە تۈرى بولىدۇ، بېدىنى ئاشۇ سۇيۇقئاش تۈرلىرىنىڭ قايسى بىرىگە سالساق بولۇۋېرىدۇ. ئەمما كۆپىنچە كىشىلەر خېمىرنى يېيىپ، كىسىپ ئەتكەن ئۈگرە ئاشقا بېدە سېلىپ ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ.

  كۆك پولۇسى

  كۆك پولۇسىنىڭ تەييارلىنىش ئۇسۇلى ئۆزگىچە. قازانغا گۈرۈچنى سېلىپ بولغاندىن كېيىن، پاكىزلانغان بېدىنى گۈرۈچنىڭ ئۈستىگە سېلىپ تۇۋاقنى مەھكەم يېپىپ دۈملەيمىز.گۈرۈچنىڭ پىشىشى بىلەن بېدىمۇ تەڭ پىشىدۇ. بېدىنى پولۇ بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ يەيمىز. كۆك پولۇسىغا گۆش باسساقمۇ، باسمىساقمۇ بولۇۋېرىدۇ.

  كۆك تائاملىرى پەسىل خاراكتېرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇپ، پەقەت ھەر يىلى باھار مەزگىلىدە، يەنى بېدە تۇنجى كۆكلەپ چىققان مەزگىلدىلا ئېتىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر