باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەدەنىيەت

نەۋروز تىلىكى...( نەسىر )

ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي

2015.03.23 13:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  


  نەۋروز –كۆكلەم بىلەن باشلىنىدىغان يېڭى يىلنىڭ بىرىنچى كۈنى؛ ئۇ قەدىمىي ئەجدادلىرىمىزنىڭ قۇياش بىلەن يەر شارى ئارىسىدىكى ماس قەدەملىك ھەرىكەت توغرىسىدا ھاسىل قىلغان پەن بىلىملىرى ئاساسىدا بەرپا قىلغان مەۋسۇم پاسىلى؛ يېپيېڭى بىر باھار پەسلىنىڭ تۇنجى كۈنى.

  ئاپىرىنكى، سوغۇق قىش پەسلىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئىللىق ئەرتىياز مەۋسۇمىنى باشلاش، قار – مۇزلارنى ئېرىتىپ، دەل – دەرەخلەرنى ياشلاش، تاغ – دالىلارنى يېشىل لىباس بىلەن تارتۇقلاش كائىناتنىڭ ئۆزىگە تالىق مۆجىزىسى، كارامىتى؛ دەشت – باياۋانلاردىن تارتىپ، يايلاق – قىشلاقلارغىچە، يېزا - كەنتلەردىن تارتىپ، شەھەر زاۋۇت، كان – كارخانىلارغىچە، ئىدارە – ئورگانلاردىن تارتىپ، مەكتەپ – مەرىپەت ئوچاقلىرىغىچە ھەر جاي، ھەر يەردىكى چوڭ – كىچىك ئىنسانلارنىڭ ۋە تۈرلۈك – تۈمەن جانلىقلارنىڭ قىش – زېمىستاندىن غالىپ چىقىپ، نەۋروز بىلەن باشلىنىدىغان بۇ يېڭى بىر يىلغا ئۇلىشىشى بولسا، ئۇلارنىڭ بەختى، ئامىتى ۋە سائادىتى.

  شۇڭا، بۇ كۈنلەردە، ھەر كۆڭۈلدە نەۋروز شادلىقى تىنىمسىز ئۇرغۇيدۇ. چۈنكى، نەۋروز ئەمەلىيەتتە، يېڭى بىر يىلنىڭ ياپ – يېشىلچىلىق بىلەن باشلىنىدىغان قۇتلۇق بېشى؛ ھەر تومۇردا نەۋروز ھاياجىنى، شېرىنلىكى ۋە تاتلىقى دولقۇنلايدۇ. چۈنكى، نەۋروز ئەمەلىيەتتە، يېڭى بىر يىلنىڭ پۈتكۈل جانلىقلارغا، خۇسۇسەن ئىنسانلارغا ھاياتىي كۈچ، يېڭىدىن يېڭى ئۈمىد بېغىشلايدىغان سېھىرلىك باش بېتى. ئۇنىڭغا مۇجەسسەم ھەر ئىنساننىڭ ئىقبالى، ئىمكانى ۋە تۈرلۈك قىسمىتى......

  نەۋروز كۈنلىرى كائىناتنىڭ كۆكلەم پەسلى چېچەكلىرى بىلەن بېزەلگەن كۆركەم زىننىتى؛ سېخى تەبىئەتنىڭ نەمخۇش ھاۋا، مەيىن شامال بىلەن پۈركەنگەن ئېسىل نېمىتى. ئۇنىڭغا ئېرىشىش، ئۇنىڭدىن بەھرىلىنىش ۋە ھوزۇرلىنىش بولسا، ھەر ئىنساننىڭ رىزقى، نېسىۋىسى، شۇنداقلا غەنىمەت پۇرسىتى.

  تەھسىنكى، ئۈمىد – ئاشۇ كۆكلەمدىكى بىخ كەبى يېڭى ئۈمىدلەر ھەر ئىنساننىڭ قەلبىدە نەۋروز بىلەن تەڭ باش كۆتۈرىدۇ؛ ئارزۇ - ئاشۇ يۇمران ياپراق كەبى نازۇك ئارزۇلار ھەر كىشىنىڭ كۆڭلىدە نەۋروز بىلەن تەڭ جۇش ئۇرىدۇ، پىلتىڭلايدۇ. ھالبۇكى، ئىنسانغا نەۋ ( يېڭى ) ئۈمىد بېغىشلاش، كىشىگە جىلۋىدار ئارزۇ ئاتا قىلىش نەۋروزنىڭ ئۆزگە خاسىيىتى، ئۆزىگىلا خاس خىسلىتى. ئەلۋەتتە، ئۇ ئۈمىد ۋە ئۇ ئارزۇلارنى خىيال چوڭقۇرلۇقىدىن روياپقا چىقىرىدىغىنى بولسا، ھەر كىشىنىڭ تىرىشچانلىقى، جاسارىتى ۋە ھىممىتى.

  ھەقىقەت شۇكى، ئۈمىدسىزلىك ئىنساننى چۈشكۈنلەشتۈرۈپ ۋەيرانىلىققا، خاراباتچىلىققا تاشلايدۇ؛ ئۈمىدۋارلىق بولسا، كىشىنى ئالغا تەلپۈندۈرۈپ، ئاكتىپ ياشاشقا، ئىجاد قىلىشقا باشلايدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، نەۋروزنىڭ ئىنسانغا ھەدىيە قىلىدىغىنى يېڭى ئۈمىد، يېڭى ئىستەك ۋە نەۋقىران تىلەك بولۇش شاراپىتى بىلەن يوقتۇر تەڭدىشى، مىسلىسىزدۇر ئۇنىڭ قىممىتى!

  شۇنداق بولغاچقا، «يىلنىڭ بېشى ئەرتىياز» دەيدۇ بىزنىڭ بوۋايلار سۆيۈنۈشكە تويۇنغان ئۆزىگە خاس بىر خىل ھاياجان بىلەن. گوياكى بۇ بىر جۈملىگە مۇجەسسەم ئۇلارنىڭ پۈتكۈل ئۆمۈر تەجرىبىسى، بۇ بىر جۈملىدە جىلۋىلىنىر خاسىيەتلىك نەۋروزنىڭ ئىنسان ھاياتى تۆرىدىكى بىباھا سالاھىيىتى ۋە تۆھپىكار ھىدايىتى.

  ھالبۇكى، نەۋروز باش بولغان بۇ يېڭى بىر يىلدىمۇ ھەر ئىنسانغا شادلىق نېسىپ بولغۇسى! كۆكلەم بىلەن جانلانغان كىشىلىك ھايات ھەر كىمنى خاتىرجەملىك، ئاسايىشلىق ۋە ئىناقلىق قۇچىقىغا ئالغۇسى! نەۋروز باشچى بولغان يېڭى ھايات ئاقكۆڭۈل ساھىبى بولمىش ھەر كىشىنىڭ ۋۇجۇدىغا يېڭىدىن يېڭى كۈچ - قۇۋۋەت، غەيۇر جاسارەت ۋە مەزمۇنلۇق، مول ھوسۇللۇق ئىقبال ئاتا قىلغۇسى!

  مەرھابا، ئەي نەۋروز! سەن گۈزەل – سەن شۇنچە ئۇز، سەن دىلغا يېقىن – سەن قەلبلەرگە ئۆز؛ سەندە بىخلىنىر، چېچەكلەر، ھەتتا مېۋىلەر ھەر ئىنساننىڭ خالىس تىلكى ۋە پاك ئارزۇسى!

  2007– يىل نەۋروز ئەرپىسى، بېيجىڭدا يېزىلدى.

  2008– يېڭى يىل ئەرپىلىرىدە تولۇقلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر