باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەدەنىيەت

نەۋروز - ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي بايرىمى

ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي

2015.03.23 13:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  


  «نەۋروز» كەلىمىسى سۆزلۈك جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، چاغاتاي ئۇيغۇرچىسىغا ئائىت ئاتالغۇ بولۇپ، ئۇ «يېڭى، باش، دەسلەپكى» مەنىسىدىكى «نەۋ» بىلەن «كۈن، بىر كۈن» ئۇقۇمىدىكى «روز»دىن تۈزۈلگەن بىرىكمە سۆز ھېسابلىنىدۇ. شۇنداقتا، «نەۋروز» بىرىكمە كەلىمىسى ئۆزىنىڭ سۆزمۇ سۆز مەنىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، «يېڭى كۈن، يېڭى يىلنىڭ دەسلەپكى كۈنى» دېگەن بولىدۇ. ئەمدى، ئۇيغۇردا: «يىلنىڭ بېشى ئەرتىياز» دېگەن ئاتا سۆزى بار. شۇڭا، «نەۋروز» دېگەن گەپ ئەمەلىي ئىستېمالدا، «يېڭى بىر يىلدىكى باھارنىڭ بىرىنچى كۈنى، باھارنىڭ دەسلەپكى كۈنى، كۆكلەمنىڭ تۇنجى كۈنى» دېگەن ئۇقۇمنى ئاڭلىتىپ، خەنزۇچىدىكى «元旦» دېگەن ئىككى خەتكە سېمانتىكا جەھەتتە جىپسا كېلىدۇكى، ئۇ ئۇيغۇر خەلقى ئەلمىساقتىن بۇيان ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان باھار بايرىمىنىڭ ئىسمىدۇر.

  «نەۋروز» دېگەن بىرىكمە سۆزنىڭ ئەسلىي پارسچە كەلىمە ئىكەنلىكى ئۇيغۇرلارنىڭ باھار بايرىمى ئۆتكۈزۈشنى پارسلاردىن ئۆگىنىۋالغانلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، «نەۋروز» دېگەن سۆزنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا قاچان كىرىپ ئۆزلەشكەنلىكى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ باھار بايرىمى ئۆتكۈزۈش ئەنئەنىسىنىڭ قاچان شەكىللەنگەنلىكى يا ئەندىن ۋەيا بويدىن ھېچبىر ئالاقىسى بولمىغان ئىككى ئىشتۇر. چۈنكى، ئۇيغۇرلار ئەمەلىيەتتە بىر يىلنىڭ ئۈچيۈز ئاتمىش بەش كۈن ئىكەنلىكىنى، بىر يىلدا، تۆرت پەسىلنىڭ بارلىقىنى، باھار پەسلىنىڭ بولسا، يەر-زېمىن يېڭىباشتىن ياشىرىپ يېشىلچىلىققا پۈركۈنۈشكە باشلايدىغان، بىر يىل ئىچىدىكى باشلامچى مەۋسۇم ئىكەنلىكىنى بىلگەن ئاشۇ ناھايىتىمۇ ئۇزاق ئەسىرلەر بۇرۇنقى چاغلاردىن باشلاپلا، توپلىشىپ-جامائەتلىشىپ باھار بايرىمى ئۆتكۈزۈش ئەنئەنىسىنى شەكىللەندۈرگەندۇر. پەقەت كېيىنكى چاغلاردا، ئورتا ئاسىيادا ئۆزلىرى بىلەن ئارىلاش ئولتۇراقلىشىپ ياشاۋاتقان پارسلارنىڭ تىلىدىكى «نەۋروز» دېگەن كەلىمە ئەنئەنىۋى ئۇيغۇرچىدىكى «كۆكلەمنىڭ تۇنجى كۈنى» دېگەن بىرىكمە سۆزدىن قىسقا بولغانلىقى ئۈچۈن، خۇددى «بودۇن» دېگەن ئىككى بوغۇملۇق ساپ ئۇيغۇرچە سۆزنى تاشلىۋېتىپ، «خەلق» دېگەن بىر بوغۇملۇق ئەرەبچە كەلىمىنى ئىشلىتىدىغان بولغاندەك، ئارىيەت ئېلىپ ئىشلىتىش نەتىجىسىدە ئۆزلىشىپ، ئومۇملىشىپ قالغاندۇر، خالاس!

  ئەمدى، «نەۋروز» كەلىمىسىنى «دېھقانلىرىمىزنىڭ تەلەپپۇزىغا ماسلاشتۇردۇق» دەپ، «نورۇز» ياكى «نۇرۇز» قىلىۋېلىشنىڭ ھېچبىر ئىلمىي ئاساسى يوقتۇر. ئەمەلىيەتتە، «نەۋ» سۆزى چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىدىلا ئەمەس، ھازىرقى تىلىمىزدىمۇ، «يېڭى» دېگەن ئۇقۇمنى ئاڭلىتىپ، كەڭ ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن، «نەۋ باھار» (باش باھار، يېڭى باھار)، «نەۋ جۇۋان» (ياش چوكان)، «نەۋقىران» (يېڭىلا قىرانىغا يەتكەن)، نەۋاب (نەۋ ئاب: يېڭى ئۆستەڭ؛ كورلىدا بىر ئۆستەڭنىڭ نامى) دېگەنلەرگە ئوخشاش. ئۇندىن باشقا، «روز» كەلىمىسىمۇ، «روزا»، «روزى»، «روزى ئاخۇن» شەكلىدە، يەنى «ئۇ»لۇق ئەمەس، بەلكى ساپ-ساغلام «ئو»لۇق ئىشلىتىلىدۇ. شۇڭا، «نەۋروز» كەلىمىسىنى كىشى ئىسىملىرى قىلىپ قوللانغاندا، «نورۇز» قىلىپ ئىشلىتىشكە يول قويغاندىن باشقا، «باھار بايرام كۈنى» ئۇقۇمىدا ئىشلەتكەندە، ئۇنىڭ ئىملاسىنى راۋرۇس «نەۋروز» شەكىل ۋە تەلەپپۇزىدا ئىشلىتىش لازىم. چۈنكى، مەزكۇر «نەۋروز»مۇ خۇددى «ئاللاھ» كەلىمىسىگە ئوخشاشلا، خەلقئارالىق ئورتاق ئاتالغۇدۇر. ھالبۇكى، «نەۋروز» بىرىكمىسىنى «نورۇز» قىلىۋېلىش ئەمەلىيەتتە، خۇددى «ئاللاھ» كەلىمىسىنى تولىمۇ مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن ئۆزىمىزچە «ئاللا» قىلىۋالغانغا ئوخشاشلا، يۇمشاقراق دېسەك زاكونسىزلىق، قاتتىقراق دېسەك، مەرىپەتسىزلىك ۋە بېشەملىك بولىدۇ، خالاس!

  قىسقىسى، نەۋروز- ئىلمپەرۋەر ئەجدادلىرىمىز تەرىپىدىن، قۇياش بىلەن يەر شارى ئارىسىدىكى ماس قەدەملىك ھەرىكەت توغرىسىدىكى ئاسترونومىيەلىك بىلىملەر ئاساسىدا، يېڭى باھار مەۋسۇمىنىڭ باشلانغانلىقىنى قۇتلۇقلاش مۇددىئاسىدا بەرپا قىلىنغان ئەنئەنىۋى ۋە ئىلمىي بايرام كۈنىدۇر. شۇڭا، نەۋروزدا، يېزا-قىشلاقلاردىن تارتىپ، شەھەر كان-كارخانىلارغىچە، ئىدارە-ئورگانلاردىن تارتىپ، مەكتەپ-مەرىپەت ئوچاقلىرىغىچە، خاس ئاممىۋى پائالىيەتلەر ئارقىلىق بايرام قىلىنىپ، سوغۇق قىش پەسلىنىڭ ئاخىرلىشىپ، ئىللىق ئەرتىياز مەۋسۇمىنىڭ باشلانغانلىقى، دەل-دەرەخلەرنىڭ يېڭىباشتىن كۆكلەپ، تەبىئەتنىڭ قايتىدىن جانلىنىشقا باشلىغانلىقى تەبىئىي ۋە ھەقلىق ھالدا مۇبارەكلىنىدۇ. ھەر ئىنسان شاد-خۇراملىق ئىچىدە، بىر-بىرسىنى نەۋروز بىلەن تەبرىكلىشىدۇ، نەۋروز شاراپىتىگە تەنتەنە قىلىشىدۇ.

  نەزمە:

  ئېگىز تاغدىن قارلار ئېرىپ سۇلار كەلدى،

  جەنۇب باغدىن شاد سايرىشىپ قارلىغاچلار كەلدى؛

  شەرق تەرەپتىن ئارامبەخش مەيىن شامال كەلدى،

  تەبىئەتنىڭ كۆكلەم چېغى-نەۋروز كەلدى!

  كۆك ئاسماندا تۇرنا قۇشلار قاتارلىشىپ،

  يەر-زېمىندە دەل-دەرەخلەر ئىغاڭلىشىپ؛

  تاغ-دەريالار ئۆز تىلىچە شاۋقۇن سېلىپ،

  جاراڭلاتتى شۇ بىر سادانى: نەۋروز كەلدى!

  نەۋروزىڭىز قۇتلۇق بولسۇن، قېرىندىشىم!

  2006-يىل، نەۋروزدا يېزىلدى.

  2007-2015- يىل نەۋروز ئەرپىلىرى تولۇقلاندى.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر