باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ھىسامكامنى ھايات نەسىردىن ئەپەندى دېمىسەك نىمە دەيمىز؟

2015.01.17 21:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا بىر بىلەن دەۋىرداش (بىر دەۋىردە ياشىغان) «نەسىردىن ئەپەندى»، يەنى ھايات نەسىردىن ئەپەندى دەپ تەرىپلىنىپ كېلىۋاتقان مەرھۇم ھىسام ئاكىنىڭ ئوغلى ئەينى چاغدا ئەليۇلئەلا بولۇپ بىيجىڭغا ئوقۇشقا بېرىپ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ مەركەزدە خىزمەت بىلەن ئورۇنلىشىپ قالغان مەھمۇد ھىسام بىلەن ھىسام ئاكا توغۇرلۇق ئازىراق مۇڭدىشىپ قالدۇق .

  بۇسۆھبەت جەريانىدا ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغىنى تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە نوقتا بولدى ، بىرى ھىسام ئاكىنىڭ نامىنى قانداق قىلغاندا ئەۋلادمۇ -ئەۋلاد قالدۇرغىلى بولىدۇ ؟ يەنە بىرى ھىسام ئاكا بىز ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خاس نەسىردىن ئەپەندىسى ، ئۈچىنجى بىرى مەھمۇد ھىسامنىڭ ئاتىسىنىڭ ئەجرىنى ئەلگە تونۇتۇش يولىدىكى ئەجىر - مىھنىتى قاتارلىقلار .

  بىر باشتىن كەلسەك ، ھىسام ئاكىنىڭ نامىنى قانداق قىلغاندا ئەۋلادمۇ -ئەۋلاد مىراس قالدۇرغىلى بولىدۇ ، بىز ئىنسانلارنىڭ ئورتاق ئاجىزلىقى بولغان ھايات ۋاقتىدا قەدرىگە يەتمەسلىك ، ئۆلگەندىن كېيىن تۆھپىلىرىنى ۋە ئەجرىنى ياد ئېتىش ۋە باھالاش ھىسام ئاكىغا كەلگەندىمۇ يەنە داۋاملاشتى ، ھىسام ئاكا ھاياتىدا گەرچە نۇرغۇن شەرەپلەرگە ئېرىشكەن بولسىمۇ ئەمما ، ئۇ كەتكەندىن كېيىن تېخىمۇ نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ بىزنىڭ ئىجتىمائى تۇرمۇشىمىزدا قانچىلىك موھىم ئورۇن تۇتقانلىقىنى ھىس قىلدى ، جۈملىدىن تۈركىي مىللەتلىرىگە ئورتاق سانىلىدىغان ، تۈركىيەدە ياشاپ ئۆتكەن دەپ قارىلىپ كېلىۋاتقان نەسىردىن ئەپەندى ، ئۆزىمىزنىڭ شەخىسلىرىدىن سەلەي چاققان ، موللا زەيدىن قاتارلىق ھازىرجاۋاب ، دانىشمەن كىشىلىرىمىز بىلەن بىر قاتاردا قويالايدىغان بىر شەخىسنىڭ بىزنىڭ زامانىمىزدىمۇ ياشاپ ئۆتۈشى بۇ بىزنىڭ بەخت تەلىيىمىز ، ئەمما ئەۋلادمۇ - ئەۋلاد ئۇنىڭ ئەھمىيىتى كۈچلۈك ، دىققىتىمىزنى تارتىپ توغرا يوللارنى يۇمۇرىستىك كۆرسىتىپ بەرگەن تەنقىدى تەربىيە خارەكتىردىكى قىززىقچىلىقلىرىنى يەتكۈزۈش بىزنىڭ بۇرچىمىز !

  ئوخشىمىغان دەۋىردە ياشاپ ئۆتكەن ئىككى ئوخشاش شەخىس يەنى ئەلگە خۇشاللىق ئاتا قىلىپ ، يىغىسىنى تەڭ يىغلىغان غوجا نەسىردىن ۋە ھىسام قۇربان ئاكىنى مىسال ئالساق ئۇيغۇر خەلقى پەخىرلەنگەن ھالدا ھىسام ئاكىنى ئۆزىمىزگە تەۋە زات دىيەلەيمىز، چۈنكى سىز مەيلى تۈركىيە ، ئۆزبېكسىتان ۋە باشقا تۈركىي دۆلەتلىرىدە بارلىق تۈركىي خەلقلىرىگە ئورتاق بولغان نەسىردىن ئەپەندىنى بىزنىڭ دىيەلمەيسىز ... بىزنىڭ تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشىمىزگە ئەرزىيدىغىنى ئاسانلىقچە بىر كىشىنى تەرىبلىگىلى بولمايدىغان ھايات نەسىردىن ئەپەندى دىگەن شەرەپلىك نامنى ئەمدى ھىسامكامغا قوللىنىشقا تازا ماس كەلمەيدۇ ، رەھمەتلىك تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن ئىلىم ساھەسىدىكىلەر كۆپ ئىزدىنىپ ھىسام ئاكىنىڭ شەرىپى ئۈچۈن ئۇنى زامانىمىز نەسىردىن ئەپەندىسى دەپ ئاتاشنى توغرا تاپتى .

  ھىسام ئاكىنىڭ پۇشتى ، ئۇنىڭ ئارزۇلۇق ئوغلى مەھمۇد ھىسامنىڭ ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان يىرى ئۇنىڭ نىشانى ، يەنى ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ نامىنى خەلقىمىزنىڭ قەلبىدە تېخىمۇ ئۇزاق ، يۈكسەك ھالەتتە ساقلاپ قېلىش مەقسەد قىلىغانلىقى ۋە بۇ يولدىكى ئىزدىىنىشلىرى ، كىشىنى خۇشال قىلىدىغىنى جوڭگۇدىكى ئەڭ داڭلىق ئۇنۋېرسىتېتلارنىڭ بىرى بولغان بىيجىڭ ئۇنۋىرىېستىتى مائارئپ فۇندى جەميىتى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت تەرەققىيات فۇندى « ھىسام چاخچاقلىرى » مەخسۇس تەتقىقات تۈرنى تەسىس قىلغان بۇلۇپ بۇ تۈرنى تەشەببۇس قىلغۇچى بىيجىڭ ئۈنۋىرىستىتى ئەدەبىيات فاكولتىتىنىڭ پىرافىسۇرى . ئەنگىليە خان جەمەتى پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئاكادېمىكى دۆلتىمىزنىڭ داڭلىق ئۆرىپ ئادەتشۇناس دۇۋەن باۋلىن ئەپەندى بۇلۇپ ئۇ بۇنىڭدىن يىگىرمە يىل بۇرۇن پاكىستانلىق ئاسپىرانىتلارنى غۇلجىغا مەخسۇس باشلاپ كىلىپ ھىسام ئاكا بىلەن كۆرۇشۇپ سۆھبەتتە بولغان ۋە تەكشۇرۇپ تەتقىق قىلغان . مانا بۇگۇنكى كۈنگە كەلگەندە بۇ تۈر بارلىققا كىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتدە موھىم ئۇرۇن تۇتۇپ كەلگەن «چاخچاق » مەدەنىيىتى پارلاق كەلگۈسى ئۈچۈن يڭىچە بىر يول ئېچىلدى دەپ ئىيتىشقا بۇلىدۇ . مۇشۇ ھەقتە بولتۇر 11 ئاينىڭ 23 كۈنى بىيجىڭ ئۈنۋىرىستتى ئەنئەنۋى مەدەنىيەت تەرەققىيات فوندى ھىسام چاخچاقلىرى تەتقىقات تۈرى بويىچە بىيجڭدىكى شىنجاڭ ئىش بىجىرىىش باشقارمىسىدا تۇنجى قېتىملىق سۆھبەت ئۆتكۇزدى . يىغىنغا ھەر قايسى ساھەلەردىن ئالىم مۇتەخەسىسىلەر ۋە تەتقىقاتچىلار قاتنىشىپ قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرلەرنى بەردى .

  بۇ تۈرنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن كەڭ ئۇيغۇر جامائەتچىلىگىنىڭ بىزگە ماسلاشقان ھالدا ئۆزىنىڭ قىممەتلىك پىكىرىنى ئىلىشىنى مەخسەت قىلىپ مەخسۇس ئۈندىدار سالۇنى قۇرۇپ چىقىلدى. كەڭ جامائەتچىلىكنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى مەركەز قىلغان بۇ مەدەنىيەت قۇرلۇشى ئۈچۈن قىزغىنلىق بىلەن ئاۋاز قوشۇشىنى سەممى ئۆمىت قىلىمىز.

  ئۈندىدار سالۇن نامى :hisam-qakqak

  

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر