باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەدەنىيەت

ئۈندۈرمە ھەققىدە پاراڭ(1)

ئابلىز ئۆمەرھاجى

2014.03.24 15:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۇيغۇرلار ئۇزاق ئەسىرلىك ھاياتلىق تەرەققىياتى داۋامىدا ئۆزگىچە مەدەنىيەت ئەندىزىسىنى ياراتقان. جۈملىدىن يېمەك- ئىچمەك جەھەتتىمۇ مۇستەقىل مەدەنىيەت شەكىللەندۈرگەن. ھالبۇكى، تۇرمۇش رېتىمنىڭ تېزلىشىشى، ئىستېمال ئېڭىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، بىزنىڭ تائام خەزىنىمىز بارغانسېرى قۇرۇقدىلىپ قېلىۋاتىدۇ، نى- نى ئېسىل تائاملىرىمىز ئۇنتۇلۇپ، ئاز ساندىكى ئۆزىمىزگە خاس ياكى ئارىلاشما تاماق تۈرلىرىلا ساقلىنىپ قالدى، كىشىلەر تاماق تۈرلىرىنىڭ ئازلىقىدىن ۋايسايدۇ- يۇ، ئۆزىمىزدە ئەزەلدىن بار بولغان تائاملارنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمەيدۇ.

  تائام خەزىنىمىزنى ئوبدان كۈزەتسەك، بىزدە نۇرغۇن تاماق تۈرلىرىنىڭ بولغانلىقىنى ھەم كۆپلىرىنىڭ ھازىرغىچە ئاندا- ساندا بولسىمۇ ساقلىنىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلماي قالمايمىز. بىزنىڭ تاماقلىرىمىزنى ئېغىر تاماق، يېنىك تاماق، قوشۇمچە تاماق دەپ 3 چوڭ تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ. ئېغىر تاماقلار ئاستا ھەزىم بولىدۇ، بەدەنگە كۈچ- قۇۋۋەت بېرىدۇ، قورساقنى توق تۇتىدۇ؛ يېنىك تاماقلار ئاسان ھەم تېز ھەزىم بولىدۇ، قوشۇمچە تاماقلار بولسا بەدەن ئېھتىياجلىق ماددىلارنى تولۇقلاپ، قۇۋۋەتنى ئاشۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.

  كىچىك ۋاقتىمدا ئۈندۈرمە ئېشىنى بىر قېتىم (مەھەللە مەسچىتىدە) ئىچكىنىمچە ھازىرغىچە قايتا ئىچىش نېسىپ بولمىدى، بىرەرسىنىڭ «ئىچتىم» دېگەنلىكىنىمۇ ئاڭلىمىدىم. شۇنىڭدىن قارىغاندا، بۇ تاماق تۈرى ئىستېمال ئارخىپىمىزدىن يۇيۇلۇپ كېتىدىغاندەك قىلىدۇ. شۇڭا بۇ ھەقتە ئازراق گەپ قىلىشنى زۆرۈر تاپتىم.

  ئۈندۈرمە - ئاساسەن بۇغداينى پاكىزە يۇيۇپ، ئاپتاپتا ئۈندۈرۈش ئارقىلىق تەييارلىنىدۇ. بۇ سۇيۇق تاماقنىڭ تەمى تاتلىق بولغاچقا، كۆپ ئىچكىلى بولمايدۇ، كۆڭۈلنى ئاينىتىدۇ، ئادەتتە چاي چىنىلىرىدە ئېچىلىدۇ. بۇغداي ئۈندۈرمىسى تەركىبىدە بەدەنگە ئېھتىياجلىق ئاقسىل، ياغ، ۋىتامىن ۋە مېنىرال ماددىلار ناھايىتى مول بولىدۇ.

  ئاقسىل - ئادەم بەدىنىدىكى كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم تەركىب بولۇپ، ھۈجەيرىلەر ئاقسىلدىن تەشكىل تاپقان بولىدۇ. ئاقسىل ئورگانىزملارنى ماددا ئالماشتۇرۇش، ھەزىم قىلىشتا زۆرۈر ئىنىزم بىلەن تەمىنلەپ بەدەندىكى مۇھىم ئىچكى ئاجرالما، ئىنىزم، ھورمۇن قاتارلىقلارنى ھاسىل قىلىدۇ ۋە ھۈجەيرە سۇيۇقلۇقىنى تەڭشەش، ئورگانىزملارنىڭ كىسلاتا ئاساسىي تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش رولىنى ئوينايدۇ.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر