باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەدەنىيەت

نورۇز شۇنداق دەيدۇ

2014.03.20 15:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نورۇز شۇنداق دەيدۇ

  (نەسىر)

  ئەيساجان تۇردى ئاچچىق

  ۋۇجۇدىدىن شىجائەت جىلۋىسى بالقىپ تۇرغان ياش دوستلار، چېھرىدىن گۈزەل كېلىچەكنىڭ ئاپئاق نۇرلىرى تۆكۈلۈپ تۇرۇۋاتقان ئوماق بالىلار سىلەر مېنى بىلەمسىلەر؟! مەن سىلەرنى بەكمۇ سېغىندىم.بەزىلىرىڭلار مېنىڭ كىملىكىمنى؟خارەكتېرىمنى؟خاسيىتىمنى؟ تارىخىمنى؟ ئادرېسىمنى؟... بىلمەيدىكەنسىلەر.مەن بۇنىڭدىن تولىمۇ ئەپسۇسلاندىم. ئالقانلىرىدىن بەرىكەت،ئاپئاق ساقاللىرىدىن ھېكمەت جىلۋىلىنىپ تۇرىدىغان خىزىر سۈپەت بوۋاڭلاردىن، بىر قولىدا بۆشۈكنى،بىر قولىدا دۇنيانى تەۋرىتىۋاتقان،باغىرى جەنئەت باغلىرىدىنمۇ كەڭرى،مۇلايىم،مېھرىبان،پەرىشتە سۈپەت موماڭلاردىن مەن ھەققىدىكى رىۋايەتلەرنى ئاڭلىغانسىلەر؟! بۇ يىل يېنىڭلارغا يەنە كەلدىم.مەن بىلەن سىردىششنى،مېنى چۈشۈنىشنى خالامسىلەر؟!

  مېنىڭ ئىسمىم‹‹نورۇز›› بولۇپ ئىسمىمنىڭ‹‹ باش باھار،باھار مەزگىلى،كۆكلەم،يېڭى يىل كۈنى›› دېگەنگە ئوخشاش مەنىلىرى بار.بەزىلەر مېنى ئەركىلىتىپ‹‹نەۋرۇز›› ‹‹نورۇز بوۋاي›› دەپمۇ ئاتىشىدۇ

  مېنىڭ ئانام-تەبىئەت. دادام- ئەجدادلىرىڭلار ئىمىش. مەن ئەجدادلىرىڭلار كۆك تەڭرىگە چوقۇنىۋاتقان دەۋردە، جەمشىت زامانىسىنىڭ ئالدى-كەينىدە تەۋەللۇت بولغان ئىكەنمەن.مېنىڭ يېشىم خېلى بىريەرگە بېرىپ قالغان بولسىمۇ،مېنى‹‹ قېرى ئىكەن›› دەپ قالماڭلار.مەن ئاسانلىقچە قېرىمايمەن

  «ئۆلۈم›› دېگەن سۆز مېنىڭ ‹‹لۇغىتىم›› گە كىرگۈزۈلمىگەنىكەن

  مېنىڭ يەنە‹‹ نورۇز گۈلى››،‹‹ نورۇز ئېشى››،‹‹ نورۇز چېيى››،‹‹نورۇز بېغى››،‹‹ نورۇز ناغرىسى››،‹‹نورۇز راۋىپى››،‹‹نورۇز ئويۇنى››،‹‹نورۇز سەيلىسى››،‹‹نورۇز مەشرىپى››،‹‹ نورۇز قوشىقى››،‹‹نورۇز كۆكى››،‹‹نورۇز تازىلىقى››،‹‹نورۇز مۇسابىقىسى››،‹‹نورۇز داستىخېنى››،‹‹نورۇز قىزى››،‹‹نورۇز يىگىتى››،‹‹نورۇز تىلىكى››،‹‹نورۇز ۋەدىسى» قاتارلىق نەۋرە-چەۋرەلىرىممۇ بار تېخى.نۆۋەتتە‹‹ نورۇز كىتاپخانىسى››،‹‹نورۇز كومپىيۇتېر مەركىزى››،‹‹نورۇز سەيلىگاھى››،‹‹نورۇز مەدەنىيەت شىركىتى››،‹‹نورۇز شىپاخانىسى››.......... قاتارلىق پەرزەنتلىرىم دۇنياغا كۆز ئېچىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ. بىراق سىلەر ئاڭلىغان‹‹ نوزۇر خوگوخانىسى››،‹‹نوزۇر ھاراقخانىسى››،‹‹ نورۇز ياتاقخانىسى››،‹‹ نورۇز چايخانىسى›› ......دېگەنلەر مېنىڭ پۇشتۇم ئەمەس

  ئاشۇ يىراق قەدىمى زاماندا ئىجادكار ئەجدادلىرىڭلار زامانىۋى ئۇچۇر ۋاستىلىرىدىن خالى ھالدا ئىككى مۈرىسنىڭ ئۈستىدىكى ئەزالىرىنى كۆپرەك ئىشلىتىپ، تۇيغۇ ۋە تەسەۋۋۇرىغا تايىنىپ، تەبىئەت دۇنياسىنىڭ قانۇنىيىتى ۋە سىرلىرى ئۈستىدە دادىل ئىزدىنىپ،قۇياش بىلەن يەرنىڭ ئۆز ئوقى ئەتراپىدا تەكشى كېسىشكەن،قۇياش نۇرىنىڭ يەرشارى ئېكۋاتورىغا ئەڭ تىك چۈشكەن،كېچە بىلەن كۈندۈز دىموكراتىك ھالدا 24 سائەت ۋاقىتنى تەپمۇ-تەڭ بۆلۈشۈۋالغان ئاشۇ كۈندىن ئەجەپلىنىپ ۋە زوقلىنىپ، ئاخىرى مېنىڭ نامىمدا ھەريىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى قۇتلۇق بايرام ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغان ۋە بۇنداق بىر يىلدا پەقەت بىرلا قېتىم كېلىدىغان بۇنداق خاسيەتلىك كۈندە بايرام ئۆتكۈزۈشنى مەڭگۈ ئەۋلادمۇ- ئەۋلاد داۋام قىلدۇرۇش ھەققىدە ۋەدىلەشكەن.قانداق، ئەجدادلىرىڭلار ئەقىللىقمىكەن؟ ئەجدادلىرىڭلارغا قايىل بولدۇڭلارمۇ؟

  مەن تەبىئەت بايرىمى بولۇپلا قالماستىن بەلكى مىللىي بايرامدۇرمەن، ئىناقلىق بايرىمىدۇرمەن، ساغلاملىق بايرىمىدۇرمەن، يېڭى يىل بايرىمىدۇرمەن،باھار بايرىمىدۇرمەن، گۈل-چېچەك بايرىمىدۇرمەن،شېئىر-قوشاق،ساز-مۇزىكا بايرىمىدۇرمەن، مەڭگۈ تاشلىۋېتىشكە بولمايدىغان ئۆرپ-ئادەت بايرىمدۇرمەن

  ھەممىڭلارنىڭ قېشىدا ۋە يېشىدا،ھەممىڭلارنىڭ دىلىدا ۋە قېنىدا،ھەممىڭلارنىڭ يولىدا ۋە قولىدا مەن بار.مەن ھەممىڭلارنىڭ ئۆتمۈشىڭلارغا سىڭىپ كەتكەن،بۈگۈنىڭلاردا داۋام ئېتىۋاتىمەن،كېلىچېگىڭلاردا تېخىمۇ جەۋلان قىلىمەن

  مەن ھەريىلى يېنىڭلارغا يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن ئەلۋەتتە سىلەرگە شەپە بېرىمەن

  دالا-قىرلاردىكى قار-مۇزلارنىڭ يوقىلىشى،جۇد-سوغۇقنىڭ قوغلىنىشى،ئېتىز-ئېرىقلاردىكى سۇلارنىڭ شىلدىرلىشى،باغلاردىكى گۈل-چېچەكلەرنىڭ مەيىن شامالدا يەلپۈنۈپ سىلەرگە سالام بېرىشلىرى،ئۇچار-قۇشلارنىڭ ئاللىقاياقلاردىندۇ قاتار-قاتار ئۇچۇپ كېلىشىپ يېقىملىق سايراشلىرى،قوزا-ئوغلاقلارنىڭ قوتاندىن چىقىپ نازلىق مەرەشلىرى ۋە يېنىك تاقلاشلىرى....... دېمەك زېمىننىڭ كۆك لىباس كىيىپ ۋە ئۆزگىچە پۇراق چىقىرىپ سىلەرگە يېقىملىق تۇيغۇ ئاتا قىلىشى..... مېنىڭ كەلگەنلىگىمدىن بىشارەت ئەمەسمۇ؟! مېنىڭ قېشىڭلارغا كەلگەن كۈنۈم دەل ھەممە قىشلىق ئۇيقۇسىدىن ئويغانغان كۈنىدۇر،كۆكلەم ناخشىسىنىڭ توۋلانغان كۈنىدۇر، سوغۇقنىڭ قوغلانغان كۈنىدۇر،باھارنىڭ تۇنجى قەدىمىنى باسقان كۈنىدۇر، كىشىلەرنىڭ قىشلىق ئۆيىدىن يازلىق ئۆيىگە كۆچكەن كۈنىدۇر،قارا زىمىستاننىڭ ئىزنالىرى تۇلۇق ئۆچكەن كۈنىدۇر،يېڭى بىر يىلنىڭ باشلانغان كۈنىدۇر

  شۇڭا بۇ كۈندە يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە ئەر-ئايال،قېرى-ياش ھەممەيلەن ئاۋال قىشلىق كىيىم-كېچەكلىرىنى سېلىپ ئۇچىسىنى يېڭىلايدۇ،ھويلا-ئاراملارنى تازىلايدۇ، نورۇز ناغرىسى چېلىنغاندىن كېيىن ئەڭ مۇۋاپىق بىريەرگە جەم بولۇشۇپ، تەنتەنىلىك ھالدا كونا بىر يىلنى ئۇزۇتۇپ،يېڭى بىر يىلنى كۈتۈۋېلىش،ئەڭ ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىش مەقسىتىدە كاتتا بايرام ئۆتكۈزىدۇ.شۇ بايرام دەل مەندۇرمەن

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر