باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا تىزىملاش ئاياغلاشتى

2013.10.25 08:44         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭدىن 30 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم تىزىملاتتى مەركەز ئاپپاراتلىرى ۋە ئۇلارغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلارغا 2014-يىللىق مەمۇر قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش 24-ئۆكتەبىر سائەت 18دە ئاياغلاشتى. مەملىكەت بويىچە جەمئىي 1 مىليون 404 مىڭ ئادەم ئىمتىھانغا تىزىملاتقان بولۇپ، شىنجاڭ رايونىدىن تىزىملاتقانلارنىڭ سانى 30 مىڭدىن ئاشتى. ئىستاتىستىكىلارغا قارىغاندا، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ج خ مىنىستىرلىقى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك خىزمەت ئورۇنلىرىغا تىزىملاتقانلارنىڭ سانى 8000دىن ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە، ج خ سىستېمىسىغا تىزىملاتقانلار ئەڭ كۆپ بولۇپ، نۆۋەتتە 5000دىن ئاشقان. بۇ يىللىق دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانىدىكى رىقابەت ئەڭ كەسكىن بولغان ئون خىزمەت ئورنى ئىچىدە، ئۈرۈمچى تۆمۈر يول جامائەت خەۋپسىزلىكى باشقارمىسى ۋوگزال ساقچىخانىسىنىڭ خەلق ساقچىسى(كود 0701857010) خىزمەت ئورنى 2211:1 يۇقىرى نىسبەت بويىچە 4-ئورۇننى ئىگىلىگەن.

  بۇلتۇرقى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇ يىل 1000 ئادەم ئاز قوبۇل قىلىنىدىغان بولۇپ، تىزىملىتىش ۋاقتىمۇ بىر كۈن ئازلىتىلغان، بىراق، ئىمتىھانغا تىزىملاتقۇچىلارنىڭ سانى يەنىلا ناھايىتى كۆپ بولغان.

  يۇقىرىقىلاردىن باشقا، بۇ قېتىملىق ئىمتىھاندا يەنە ئاز بولمىغان خىزمەت ئورۇنلىرى ‹‹سوغۇق نەزەر››گە ئۇچرىغان، 131 خىزمەت ئورنىنى ھېچكىم ‹‹سوراپ قويمىغان›› بولۇپ، بىرمۇ ئادەم تىزىملاتمىغان. بۇنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭ ئىمتىھان رايونىدىكى ئۈرۈمچى تاموژنا ئىدارىسى، شىنجاڭ چېگرا پىرىيوم-كارانتىن ئىدارىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى، ئۈرۈمچى تۆمۈر يول جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى، جۇڭگو سۇغۇرتا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى قاتارلىق بەش ئورۇننىڭ ھەر بىرىدىكى بىر خىزمەت ئورنىغا ھېچكىم تىزىملاتمىغان، جۇڭگو بانكىچىلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىدىكى ئىككى ئورۇنغا ھېچكىم تىزىملاتمىغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر