باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەدەنىيەت

3-نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىيىچە ئۇسسۇل بايرىمى ھەققىدە

2013.07.19 09:52         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىيىچە ئۇسسۇل بايرىمى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ تاشقى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش بايرام پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى. جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىيىچە ئۇسسۇل بايرىمى 2008-يىلى تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ھازىرغىچە 2 نۆۋەت ئۆتكۈزلدى. «ئۇسسۇل سەنئىتىنى كۆۋرۈك قىلىپ، جۇڭگو ۋە چەت ئەل مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش»تىن ئىبارەت بۇ مەقسەتنى چۆرىدەپ، جۇڭگونىڭ ئۇسسۇل سەنئىتىنىڭ گۈللەپ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن تۈرتكىلىك رول ئويناپ، دۆلەت ئىچى – سىرتىدىكى مېھمانلارغا شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىنى كۆپ تەرەپلىمە جەھەتتىن ھېس قىلدۇردى.

  3 - نۆۋەتلىك جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا مىللىيىچە ئۇسسۇل بايرىمى 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 8-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرى (ئاساسلىق مەيدان)، شۆبە مەيدان كورلا شەھىرى (شۆبە مەيدان) ۋە شىخەنزە شەھىرى (شۆبە مەيدا)دە ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، «ئىناق جۇڭگو، رەڭدار دۇنيا» ئاساسىي تېما قىلىنغان. بېلگىيە، گرۇزىيە، گېرمانىيە، قازاقىستان، كورېيە، ماۋرىتىئۇس، موڭغۇلىيە، رۇسىيە، ئىسپانىيە، تايلاند، تۈركىيە، ئاۋمېن قاتارلىق دۆلەت ۋە رايوننىڭ ئۇسسۇل ئۆمەكلىرى بۇ يىللىق ئۇسسۇل بايرىمىغا قاتنىشىدۇ. دۆلەت ئىچىدىن قاتنىشىدىغان ئۆمەك ۋە كۆرسىتىلىدىغان نومۇرلار: شاڭخەي بالېت ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ بالېت ئۇسسۇللۇق تىياتىرى «ئاق چاچلىق قىز»، جېڭجۇ ناخشا – ئۇسسۇل تىياتىرىنىڭ ئۇسسۇللۇق تىياتىرى «دەريادىكى پەرى شولىسى»، ۋۇشى شەھەرلىك ئويۇن قويۇش گۇرۇھى ناخشا – ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ناخشا – ئۇسسۇللۇق تىياتىرى «كەشتىچى قىز»، شەنشى سەنئەت كەسپىي ئىنىستىتۇتى خۇاجىن ئۇسسۇل تىياتىر ئۆمىكىنىڭ ئۇسسۇللۇق تىياتىرى «سەنئەتكارنىڭ ھاياتى». ئاپتونوم رايونىمىزدىن قاتنىشىدىغان ئۆمەك ۋە كۆرسىتىدىغان نومۇرلار: شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ناخشا – ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ناخشا – ئۇسسۇللۇق تىياتىرى «تەڭرىتاغ ئانا» (ۋاقتىلىق بېكىتىلگەن نام)، شىنجاڭ ھەربىي رايونى سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ناخشا – ئۇسسۇللۇق تىياتىرى «داۋانچىڭ قىزى»، شىنجاڭ دىلنار سەنئەت ئۆمىكىنىڭ توي مەشرىپى مەخسۇس ئويۇنى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق ناخشا – ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ناخشا – ئۇسسۇللۇق تىياتىرى «گۈزەل ئىلى مېنىڭ يۇرتۇم»، سانجى خۈيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق سەنئەت يۇرتىنىڭ مۇزىكىلىق تىياتىرى «بېشىبالىق». قاتناشتۇرۇلىدىغان نومۇرلارنىڭ مەزمۇنى مول، سەرخىل بولۇپ، بۇ نۆۋەتلىك ئۇسسۇل بايرىمىنىڭ مەزمۇنلىرىنى بېيىتتى. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن كىشىلەر «ناخشا – ئۇسسۇل ماكانى»دا جەم بولۇپ، گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى ۋە قىزغىنلىقىنى ئورتاق ئىزھار قىلغۇسى.

  بۇنىڭدىن سىرت، ئۇسسۇل بايرىمىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىش، ئۇسسۇل بايرىمىنىڭ قويۇق مىللىي ئۆرپ – ئادەت، ئېچىۋېتلىگەن خەلقئارالىق نەزەر ۋە كۈچلۈك زامانىۋى پۇراققا ئىگە بولۇپ، جۇڭگو ۋە چەت ئەل مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشتىكى كاتتا يىغىلىشقا ئايلاندۇرۇش مەقسىتىدە، بۇ نۆۋەتلىك ئۇسسۇل بايرىمىدا يەنە 2013-يىللىق جۇڭگو تور ئۇسسۇل بايرىمى، خەلقئارالىق ئۇسسۇل ئۇستازلىرى لېكسىيەسى، شىنجاڭنىڭ ناخشا – ئۇسسۇل سەنئىتى بويىچە فوتو – سۈرەت بىرلەشمە كۆرگەزمىسى، شىنجاڭ سوۋغات بويۇملىرى لايىھىلەش مۇسابىقىسى، ئۇسسۇل بايرىمىغا قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ سۈرەتلەر كۆرگەزمىسى، شىنجاڭ ماي بوياق رەسىم ئەسەرلىرى ئىلمىي كۆرگەزمىسىدىن ئىبارەت 6 يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

ئالاقىدار خەۋەرلەر