باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەدەنىيەت

چاچ مەدەنىيىتىمىزگە نەزەر(1)

ئابلىز مۇھەممەت سايرامى

2013.01.05 14:13        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۈيۈك ئالىم مەھمۇد كاشغەرىينىڭ مۇبارەك ئەسىرى «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا قەدىمكى ئۇيغۇر ئېتنولوگىيەلىك مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم بىر تارمىقى بولغان چاچ مەدەنىيىتىمىزگە، بولۇپمۇ قەدىمقى ئانىلىرىمىز ۋە قىز–چوكانلىرىمىزنىڭ چاچ قويۇش، چاچ تاراش، چاچ شەكلى چىقىرىش، چاچ ئۆرۈش، چاچ سېلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پەردازلىنىش ئادىتىگە دائىر مۇھىم مەلۇماتلار بېرىلگەن. بۇنىڭدىن خەلقىمىزدە چاچ مەدەنىيىتىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز.

  مەلۇمكى، دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا ياشاۋاتقان خەلقلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىغا ئوخشاشلا، خەلقىمىز ناھايىتى قەدىمدىلا ئۆزىگە خاس چاچ مەدەنىيىتىنى ياراتقان. مەسىلەن، 2002–يىلى لوپنۇردىكى كىچىك بۇرەن قەبرىستانلىقىدىن تېپىلغان 4000 يىللار ئىلگىرىكى دەۋىرلەرگە خاس قەبرىلەردە ياتقان ئانىلارنىڭ قوڭۇر رەڭلىك چاچلىرى ئوتتۇرىدىن ئايرىپ ئۆرۈلگەن ۋە يېلىم چېپىلغان بولسا، چەرچەندىكى3000 يىللىق تارىخقا ئىگە زاغۇنلۇق قەدىمكى قەبرىستانلىقىدىن بايقالغان ئايال جەسەتلەرنىڭ چېچى تۆت تال قىلىپ ئۆرۈلگەن. پىچان ناھىيەسىدىكى سۇبېشى قەدىمىي قەبرىستانلىقى، لوپ ناھىيەسىدىكى سامپۇل قەدىمىي قەبرىستانلىقى ۋە تۇرپاندىكى قارا غوجا، ئاستانە قەبرىستانلىقىدىكى 2000–3000 يىللىق تارىخقا ئىگە جەسەتلەرنىڭ چاچلىرى ھەرخىل ئۆرۈلگەن، تارالغان ۋە يېلىملار چېپىلىپ ئالاھىدە ئاسرالغان. دېمەك، ئەجداد ئانىلىرىمىز قەدىمدىن تارتىپلا چاچ گۈزەللىكىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىللە، ھەرخىل شەكىلدىكى گۈزەل چاچلارنىڭ ئۆزىگە بىرخىل روھىي ئازادىلىك بېغىشلايدىغانلىقىنىمۇ چۈشۈنۈپ يەتكەن.

  چاچ ئىنسانىيەتكە ئورتاق بىرخىل مەدەنىيەت ھادىسىسى. ئەقلىي تەپەككۈرگە ئىگە ھەرقانداق ئايال چاچ گۈزەللىكىگە ئىنتىلىدىغان ۋە چاچ گۈزەللىكىنى قوغلىشىدىغان بولغاچقا، چاچ گۈزەللىكىگە ئىنتىلىش قەدىمدىن تارتىپ بۈگۈنگىچە ئۈزۈلۈپ قالمىغان ۋە مەڭگۈ ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ. چاچ مەدەنىيىتى ئاياللارنىڭ چاچ تاراش، چاچ شەكلى چىقىرىش، چاچ ئۆرۈش، چاچ سېلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پەردازلىنىش ئادىتىنىڭ مەھسۇلى. ئۇيغۇر ئاياللىرىمىزنىڭ چاچ شەكىللىرى ئۆز خاسلىقى بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ. بىزدىكى چاچ تۈرلىرى مۇنداق:

  قىرىق تال ئۆرۈمە چاچ. قىزلارنىڭ چېچى ئۇلار توققۇز ياشتىن ئېشىپ نىكاھلانغىچە ئۆسۈشىگە قويۇۋېتىلىپ، چاچ ئارقىغا تارىلىپ، 40تال(بەزىدە 41تال) ئۇششاق ئۆرۈلۈپ، پېشانىسىگە ماڭلاي چۈشۈرۈلىدۇ. بۇ قىزلىق بەلگىسى ھېسابلىنىدۇ. چاچنى 40 تال ئۆرۈش «40سان خاسىيىتى» چۈشەنچىسى ئاساسىدىكى شەكىل بولۇپ، قىزلارنىڭ چېچىنىڭ توم ۋە قويۇق بولۇشىنىلا ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى تىلەش بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
【1】 【2】 

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە

ئالاقىدار خەۋەرلەر