باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىت-ئېنىرگىيە

كېرەكسىز كونا كان رايونىغا يېشىل يېپىنچا يېپىلدى، ئىلگىرىكى سارغۇچ سۇلار سۈزۈك سۇغا ئايلاندى

ئىككى دەريا مەنبەسى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدىكى كونا كان رايونىنىڭ تەبىئىي مۇھىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى

2016.05.19 15:49         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالتاي تېغىدىكى ئىككى دەريا مەنبەسى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدىكى خۇرىمتو رايونى شىيىڭ ئورمان رايونى يېشىللىققا پۈركىنىپ، ئاندا- ساندا كۆرۈنۈپ قالىدىغان كالا تېزەكلىرى، قوي ماياقلىرى بۇ يەرنىڭ «بېزەكلىرى»دەك كۆرۈنەتتى. بۇنداق گۈزەل مەنزىرىنى كۆرگەن ھەرقانداق كىشى ئىلگىرى بۇ يەرنىڭ تاشلاندۇق كونا كان رايونى ئىكەنلىكىگە ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ.

  «ئىلگىرى بۇ يەر ئوڭغۇل- دوڭغۇل ئىدى، تاشلار دۆۋىلىنىپ كەتكەن يەر ئىدى» دېدى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى كەسىپ بۆلۈمىنىڭ خىزمەتچىسى چېڭ چۈەنفېي.

  خۇرىمتو رايونى ئىلگىرى قانۇنسىز ئالتۇن قېزىلغان ئېغىر ئاپەت رايونى بولۇپ، 100 يىلدىن كۆپرەك ئالتۇن قېزىش تارىخىغا ئىگە. ئىلگىرى بۇ يەرنىڭ يۈزى ئېغىر ۋەيران بولۇپ، ئېرىقلار گىرەلىشىپ، تاشلار دۆۋىلىنىپ كەتكەنىدى. «شۇ چاغدا كۆرگەن ئادەمنىڭ ئىچى ئېچىشىپ كېتەتتى»، دېدى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدىكى ئاقشالا باشقۇرۇش پونكىتىنىڭ باشلىقى تولېۋبېك ماجاي.

  «2010- يىلىدىن ئىلگىرى خۇرىمتو دەرياسىنىڭ سۈيى ساپسېرىق ئىدى، 20112- يىلى دەريانىڭ سۈيى خېلى سۈزۈلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى تۈزەش جەريانىدا دەريانىڭ سۈيى تېخىمۇ سۈزۈلدى» دېدى تولېۋبېك ماجاي مەمنۇن بولغان ھالدا.

  ئۆسۈملۈك يېپىنچىلىرى ئەسلىگە كەلدى، دەريا سۈيىمۇ سۈزۈكلەشتى، ھايۋانلارمۇ قايتىپ كەلدى. «ئىلگىرى كان ئاچقاندىكى قۇلاقنى يېرىۋەتكۈدەك چىقىدىغان پارتلىتىش ئاۋازىغا ھېچكىم چىدىمايتتى، ئۇ چاغدا قوڭۇر ئېيىقمۇ كېتىپ قالغانىدى، ھازىر بۇ يەر تىنچلىنىپ، قوڭۇر ئېيىقمۇ قايتىپ كەلدى، بىز كىچىك قوڭۇر ئېيىقنى ئۇچراتتۇق»، دېدى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنىڭ باشقۇرغۇچىسى لى جياشى. بۈگۈنكى كۈندە، ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ خۇرىمتو جىلغىسىدىن ئۆتكىنىڭىزدە، تاغ ئۆچكىسى، سۇغۇر، قارىغوجا قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلارنى ھەممە يەردە ئۇچرىتالايسىز.

  «بۇ يەردىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھەممىسى ئىككى دەريا مەنبەسى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى قانات يايدۇرغان قانۇنسىز ئالتۇن قېزىشنى تۈگىتىش ھەرىكىتى ۋە تاشلاندۇق، كونا كان رايونىنى تۈزەپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ تۈرتكىسىدىن بولدى»، دېدى ئالتاي تېغى ئىككى دەريا مەنبەسى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ پارتىيە ياچېيكا شۇجىسى شۈي فۇجۈن. ئىككى دەريا مەنبەسى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى 2011- يىلى قانۇنسىز ئالتۇن قېزىشنى تۈگىتىش ھەرىكىتىنى باشلىدى. شۇ يىلى قېزىش ماشىنىسىدىن 40 نەچچىسىنى بىر تەرەپ قىلدى، ئىككىنچى يىلى ئالتۇن چايقىغۇچىلارنى تەلتۆكۈس تازىلىدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كان رايونىنىڭ يېرىنى تۈزلەش، لاي ياتقۇزۇش، قوي پادىلىرىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئەتراپىنى چىتلاش ۋە دەريا يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق ئىككى دەريا مەنبەسى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى خۇرىمتو رايونىدىكى تاشلاندۇق، كون كان رايونىدىكى قۇم- شېغىل دۆۋىلەنگەن 5200 مودىن ئارتۇق يەرنى تۈزلەپ، 1100 مودىن ئارتۇق يەرگە قارىقات تېرىدى.

  شۈ فۇجۈن مۇنداق دېدى: «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈلگىسى بەرپا قىلىش، مەھەللە بىلەن ئورتاق باشقۇرۇش، كەسىپ ئورنىدا يېتىشتۈرۈش قاتارلىق بىر يۈرۈش تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئېكولوگىيەنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىدى. ھازىر ئىككى دەريا مەنبەسى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىل گېننى توپلانغان ‹ئىسكىلات›قا ئايلاندى، ۋاسكۇليار ئۆسۈملۈك 987 خىل، لىشاينىك، مۇخنىڭ ھەر قايسىسى 200 خىل، ھايۋانلاردىن 54 خىل، قۇشلار 222 خىل، بېلىقلار سەككىز خىلدىن ئاشىدۇ. نۇرغۇن ھايۋانات- ئۆسۈملۈك تۈرى دۆلەت ياكى شىنجاڭدىلا بار».


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر